ئەركىنلىك جەڭچىسى ماندېلانىڭ مەشھۇر سۆزلىرىدىن ئۈزۈندىلەر

 

توخنىيازئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى

 

 1. بىرەر ئىشنى قىلىپ بولماستىن بۇرۇن، ھەممە ئىشلار مۇمكىن بولمايدىغاندەك كۆرۈنىدۇ.

 

2. ئەڭ چوڭ شەرەپ مەڭگۈ يىقىلماسلىق ئەمەس، بەلكى يېقىلغاندىن كېيىن دەرھال تۇرۇپ كېتىشتۇر.

 


3. مائارىپ دۇنيانى ئۆزگەرتەلەيدىغان ئەڭكۈچلۈك قورالدۇر.

 


4. ئاشۇ ئۇزۇن ھەم زېرىكىشلىك يىللاردا، مەن ئۆز خەلقىم ئۈچۈن قولغا كەلتۈرگەن ئەركىنلىك ئارۇزۇسى بارلىق كىشىلەرنىڭ، جۈملىدىن ئاق تەنلىكلەر ۋە نېگىرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئايلىنىپ كەتتى.

 


5. ئەزگۈچىلەر بىلەن ئېزىلگۈچىلەر ئوخشاشلا ئازادلىققا مۇھتاج. باشقىلارنىڭ ئەركىنلىكىنى تارتىۋالغانلار ئۆچ-ئاداۋەتنىڭ مەھبۇسلىرىدۇر، ئۇلار ئاداۋەت ۋە ھەسەتخورلۇقنىڭ قۇربانلىرىدۇر.

 


6. بىر تەربىيە كۆرگەن كىشى بېسىمغا ئۇچرىمايدۇ، چۈنكى ئۇ مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە.

 


7. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ دۈشمىنىڭىز بىلەن ئەپ ئۆتمەكچى بولسىڭىز، ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئىش قىلىشىڭىز كېرەك.

 


8. دېموكراتىيە ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

 


9. بىر دۆلەتكە باھا بېرىشتە ئۇ دۆلەتنىڭ يۇقىرى مەرتىۋىلىك كىشىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقىغا ئەمەس، بەلكى كەمبەغەللەرگە ۋە ھېچنېمىسى يوق كىشىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقىغا قاراش كېرەك.

 


10. ئىنسان تۇغۇلۇپلا تېرە رەڭگى، تۇغۇلغان جايى ۋە دىنىي ئېتىقادى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن بىراۋغا ئۆچ بولۇپ قالمايدۇ.

 


11. مەن پۈتۈن ئۆمرۈمنى ئافرىقا خەلقىنىڭ كۈرىشىگە بېغىشلىدىم. مەن ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئىرقىي ھۆكۈرمرانلىقىغا قارشى كۈرەش قىلدىم، مەن يەنە نېگىرلارنىڭ ئارزۇسى ئۈچۈن كۈرەش قىلدىم. مەندە دېموكراتىك ۋە ئەركىن جەمئىيەت قۇرۇشتەك گۈزەل غايە بار، مۇشۇنداق جەمئىيەتتە، بارلىق كىشىلەر ئىجىل، ئىناق ياشايدۇ، باراۋەرلىككە پۇرسەت بولىدۇ.

مەن بۇ غايەم ئۈچۈن ياشاشنى ئۈمىد قىلىمەن ھەمدە ئۇنى ئىشقا ئاشۇرىمەن. ئەگەر لازىملا بولسا، مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ھاياتىمنىمۇ پىدا قىلىشقا تەييارمەن.

 


12. مەن ئۆز رولۇمنى ئورۇنلاپ بولدۇم، ھازىر پەقەت ئۈن-تىنسىز ياشايمەن. شۇ تاپتا مېنىڭ يۇرتۇمغا قايتىپ، بالىلىق چاغلىرىمدا ئوينىغان تاغ باغرىلىرىدا سەيلە قىلغۇم كېلىۋاتىدۇ.

 


13. مەن ئۈمىدۋارلىقنىڭ رەڭلىرى بىلەن ئۇئارالنى سىزىپ چىقتىم، مەن بۇنىڭدىن پۈتۈن دۇنيا خەلقى بىلەن ئورتاق بەھىرلەنمەكچىمەن، مەن كۆپچىلىككە شۇنى دېمەكچىمەنكى، پەقەت بىز ھاياتلىقتىكى رىقابەتلەرنى قوبۇل قىلالىساقلا، ھەتتا خام خىياللىرىمىزمۇ ئەمەلگە ئېشىپ قالىدۇ.

 


14. نېگىرلار بىلەن ئاق تەنلىكلەر قېرىنداشلاردىن بولالىغاندىلا، ئافرىقا ئاندىن تەرەققىي قىلالايدۇ.

 


15. مەن خەلقىم ۋە جەنۇبىي ئافرىقىغا بولغان مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلدىم. مەن كېيىنكى ئەۋلادلىرىمنىڭ مېنىڭ شان-شەرىپىمنى قايتۇرۇۋالالايدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنىمەن، يەنە شۇنداق دەيمەنكى، بۇ سوت مەيدانىدىكى مەھبۇس ئورنىدا تۇرغۇچىلار دەل ھۆكۈمەت ئەزالىرىدۇر.



16-10-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
12-02-2016
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
12-02-2016
    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
Powered by Leglek