ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا پىرىزدىتى ئوبامانىڭ 17 ياشلىق چوڭ قىزى مارىيا كەلگۈسىدىكى بىر ئاي ئىچىدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان بولۇپ، ئوباما ئۆزىنىڭ نەق مەيداندا ھاياجانلىنىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، مارىيانىڭ مەكتەپ پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا ئالدىغا چىقىپ سۆز قىلىشنى رەت قىلغان.
ئوباما ئالدىنقى ھەپتە مارىيانىڭ مەكتىپى مەكتەپ پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا ئۇنى سۆز قىلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغانلىقىنى، لېكىن ئۆزىنىڭ رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئۇ :«چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا ئىنتايىن ھاياجانلىنىشىم مۇمكىن، سۆز قىلىۋاتقاندا ياش تۆكىشىممۇ مۇمكىن، شۇڭا مەن پەستە ئولتۇرۇشنى خالايمەن»، دېگەن.
ئوباما:« مەن قىزىمنىڭ مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرىش ئۈچۈن ئۆزىگە بېسىم قىلىۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن، داڭلىق، مودا ئۇنىۋېرسىتېت بولمىسىمۇ، يەنىلا ياخشى تەربىيەگە ئېرىشەلەيدۇ»، دېگەن.
شۇنداق بولسىمۇ، مارىيا يەنىلا نۇرغۇن داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتىلارنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغان، لېكىن ئۇ ئېكىسكۇرسىيە مەزگىلىدە ئىنتايىن كىچىك پېئىل ھالدا ئىش كۆرگەن، ئۇنىڭ باشقىلار دىققىتىنى تارتىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، بىرىنجى خانىم مىچىلمۇ مارىياغا ھەمراھ بولمىغان.
ئېگىلىنىشىچە، 1990-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئەينى ۋاقىتتىكى بىرىنجى خانىم ھىلارىنىڭ قىزى چىلسىمۇ ئۇنىۋېرسىتېتىلارنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ھىلارىنىڭ كاتىپى لىسا پىرىزدىتنىڭ قىزىنىڭمۇ ھەرقانداق ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش ئۇنىۋېرسىتېتىلارنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ، ئۇچۇر توپلاشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، ھەمدە مەكتەپ كەيپىياتىنى ھېس قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved