جۇڭگونىڭ زادى قانداق ئىلغار قوراللىرى بار؟

تور دۇنياسىدىن رەتلىگۈچى لەگلەك تورى: جۇڭگو ھەربىي سانائىتى يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان تىز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ قورال – ياراق ئەشيالىرى پارتىلاشسىمان كۆپيىش باسقۇچىغا كىردى. بولۇپمۇ يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ھەرخىل يېڭى تىپتىكى ئىلغار قوراللار كەينى – كەينىدىن مەيدانغا كەلدى. بۇنىڭلىق بىلەن ئىلگىرى ئىلىمىزگە زورلۇق قىلغان ۋە نۆۋەتتە يەرشارىغا خوجىلىق قىلىش تاماسىدا يۈرىۋاتقان دۆلەتلەرگە قاتتىق ئەلەم بولدى.

 

تۆۋەندە ئاددىي مىساللار ئارقىلىق جۇڭگونىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك قوراللىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز!

 

1. شەرق شامىلى 41 – تىپلىق قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان ئوق يوللۇق باشقۇرۇلىدىغان سنارەد

شەرق شامىلى 41 - بولسا نۆۋەتتە ئىلىمىزنىڭ ئەڭ ئىلغار ئىستىراتىگىيلىك يادرو باشلىق قوراللىرىنىڭ بىرسى ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر سىنارەد ئۈچ بۆلۈملۈك قاتتىق يىقىلغۇلۇق توشۇغۇچى راكىتا ئارقىلىق قويۇپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ئەڭ ئۇزۇن مۇساپىسى 14000 كىلومىتىرغا يېتىدۇ. يولدا كېتىپ بېرىپ جىددىي قويۇپ بېرىشكە بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، مەزكۇر سىنارەدكە كومپىيۇتېر ئارقىلىق كونترول قىلىنىدىغان ئىنېرتسىيىلىك يول باشلاش سېستىمىسى سەپلەنگەن بولۇپ، نىشانغا دەل تېگىش نىسبىتى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. DF-41 نىڭ 14000 كىلومىتىرلىق مۇساپە دائىرىسى ئۇنىڭ يەرشارىنىڭ خالىغان يېرىگە يىتىپ بارالايدىغانلىقىدىن دىرەك بېرىدۇ.

 

2. نېيترون بومبىسى

نېيترون بومبىسى ئۈچىنچى ئەۋلاد يادرو قوراللىرىغا تەۋە بولۇپ، ۋودورود بومبىسى ئاساسىدا تەرەققىي قىلغان، يۇقىرى ئېنىرگىيەلىك نېيترون دانچىلىرىنىڭ رادىئاتسىيە كۈچىنى ئاساس قىلغان، كۈچى نەچچە مىڭ توننا كىچىك تىپتىكى ۋودرود بومبىسىغا تەڭ كېلىدىغان قورالدۇر. ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈش – يارىلاندۇرۇش ئىقتىدارى دېگەندەك يۇقىرى بولمىسىمۇ، لېكىن ئېلىكتىر سېستىمىسىغا بولغان بۇزغۇنچىلىق كۈچى ئىنتايىن يۇقىرى. دۇنيادا پەقەت ئامېرىكا، روسىيە، جۇڭگودىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتنىڭلا نېيترون بومبىسى بار.

 

3. قىزىل ئوقيا -9 (HJ-9) تىپلىق تانكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا

HJ-9 بولسا دۆلىتىمىز ئارمىيەسى ئۈچىنچى ئەۋلاد قوراللىرى ئارىسىدىكى ئىغىر تىپلىق تانكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا. ئۈنۈملۈك مۇساپىسى 100 – 5000 مېتىرغىچە. ئۇنىڭ كۈچى ۋە نىشانغا تېگىش نىسبىتى دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتارغا يەتكۈزۈلگەن. نۆۋەتتىكى ھەرقانداق ئۇرۇش تانكىسىنى پارتىلىتىۋىتەلەيدۇ. دۆلىتىمىزدە يەنە قىزىل ئوقيا – 10 تىپلىق تانكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبىمۇ بار.

 

4. قوغدىغۇچى -2D (WS-2D) تىپلىق يىراق مۇساپىلىق كاتيۇشا


WS-2D نىڭ ئىغىز دىئامىتىرى 425 مىللىمىتىر. مۇساپىسى 400 كىلومېتىر. ئارقا تەرەپ يول باشلاش سېستىمىسى سەپلەنگەن بولۇپ، نىشانغا تېگىش نىسبىتى ئاشۇرۇلغان. ئۇ يەنە "كىچىك تىپتىكى ئۆلۈۋىلىشچان ئادەمسىز ئايروپىلان" قويۇپ بېرىپ، قارشى تەرەپنىڭ رادار سېستىمىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتالايدۇ. چەتئەل قورال – ياراق مۇتەخەسسلىرى ئېنىق ئىتىراپ قىلىپ: "نۆۋەتتە، ئامېرىكا، روسىيەدىمۇ بۇنىڭغا قارشى تۇرالايدىغان ئوخشاش تىپلىق كاتيۇشا يوق ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ تىلغا ئالغۇچىلىكىمۇ يوق" دېگەن.

 

5. قوغدىغۇچى -3 (WS-3) تىپلىق يىراق مۇساپىكلىق كاتيۇشا


WS-3 نىڭ ئۈچ دانە قويۇپ بېرىش ساندۇقى بار بولۇپ، ھەربىر ساندۇقتا ئىككىدىن راكىتالىق ئوق بېشى سەپلەنگەن. ئىغىز دىئامىتىرى 400 مىللىمىتىر، ئەڭ يىراق مۇساپىسى 450 كىلومىتىر. راكىتالىق ئوق بېشىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 7.15 مىتىر. ئىغىرلىقى 200 كىلوگىرام ئىچىدە.


6. ئىلاھىي بۈركۈت 400 – (SY-400) تىپلىق يولباشلىغۇچى كاتيۇشا


Y-400 باشقۇرىلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنگە ئوخشاش، ئاسمانغا تىك قارىتىپ ئوق قويۇپ بېرىدۇ. نىشان يۆنىلىشىنى بەلگىلەش ھاجەتسىز، ئىنكاس قايتۇرۇش ۋاقتى تىز. راكىتاغا يولباشللاش سېستىمىسى سەپلەنگەن بولۇپ، نىشانغا دەل تىگىش نىسبىتى يۇقىرى.


ئىمپورت قىلىنىدىغان نۇسخىسىدىكىنىڭ مۇساپىسى 200 كىلومىتىر، دۆلىتىمىز ئۆزى ئىشلىتىدىغان نۇسخىسىنىڭ مۇساپىسى 400 كىلومىتىر. SY-400 مۇساپە، نىشانغا تىگىش نىسبىتى، كۈچى قاتارلىق جەھەتلەردە خەلقئارادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

 

7. 09 تىپلىق پىيادە ئەسكەرلەر ئۇرۇش ماشىنىسى


09 تىپلىق پىيادە ئەسكەرلەر ماشىنىسىنىڭ ئومۇمىي ئىغىرلىقى 16 توننا. ماشىنا بۆلۈمچىسىدا 3 ئادەم سىغىدۇ، 7 ئەسكەرنى توشۇيالايدۇ. ماتور قۇۋۋىتى 330 كىلوۋات. ئەڭ يۇقىرى ساھەتلىك سۈرئىتى 100 كىلومىتىر. ئەڭ يۇقىرى توختىماي يۈرۈش مۇساپىسى 800 كىلومىتىر. ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار تىخنىكىلارنى ئۆزىگە سەپلىگەن بولۇپ، دۇنيادا ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىگە كىرىدۇ.

 

8. 99A2 تىپلىق جەڭ تانكىسى


 99A2 تىپلىق جەڭ تانكىسىنىڭ 124 مىللىمىتىرلىق ئىغىزىدىن قويۇپ بېرىلگەن توپ قالقان بومبىلىرىنى بۆسۈپ ئۆتەلەيدۇ. 1100 مىللىمىتىر قىلىنلىقتىكى تەكشى پولات تامنى بۆسۈپ ئۆتەلەيدۇ. گىرمانىيەنىڭ "گىرمان يىپلىزى 2" ئامېرىكىنىڭ M1A2 تىپلىق 120 مىللىمىتىرلىق تانكىلىرىنىڭ كۈچىدىن ئىشىپ چۈشىدۇ. شۇڭا 99A2 نىڭ ئوت كۈچى دۇنيادا بىرىنچى.


9.  WZ-10 ئىغىر تىپلىق قورال كۆتۈرگۈچى تىك ئۇچار


WZ-10 ھاۋادىن يەريۈزىگە قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېلىپ يۈرەلەيدۇ. بۇ دۇنيادىكى تۇنجى ھاۋادىن يەريۈزىگە قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېلىپ يۈرگۈچى تىك ئۇچار ھىسابلىنىدۇ. ئۇ يەر يۈزىدىكى تانكا، ماشىنا ۋە دىڭىزدىكى ئۇرۇش پاراخۇتلىرىنى پاچاقلاپ تاشلىيالايدۇ. جۇڭگو مۇتەخەسىسلىرى WZ-10 نىڭ دۇنيادا ئالدىنقى 3 كۈچلۈكنىڭ قاتارىغا كىرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

 



خەتكۈچلەر:
04-11-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: تور دۇنياسى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 7-مارت، كورېيە-ئامېرىكا بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ ‹‹ھالقىلىق ھۆكۈم›› ۋە ‹‹قۇرغۇي›› ناملىق ھەربىي مانېۋىرى 7-مارت كورېيەنىڭ پوخاڭدا رەسمىي باشلاندى. بۇ مانېۋىر 4-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 5- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى جۇڭگو بىلەن بولغان كۈندىن-كۈنگە خەتەرگە تولغان رىقابەتتە، ئامېرىكىنىڭ بىرىدىن-بىر كوزۇرى ۋاشىنگىتوننىڭ مەزكۇر رايوندىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ سانىنىڭ كۆپ بولغانلىق...
07-03-2016
جۇڭگو رادىيو تورىنىڭ 6-مارتتىكى خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئىرپان تەرجىمىسى رۇسىيە سۈنئىي ھەمرا تورىنىڭ 3-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رۇسىيەنىڭ سۇرىيەدىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىشىنى ماسلاشتۇرۇش ...
05-02-2016
       شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 3-فېۋرال، كورېيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان تىپتىكى يەتتە جەڭ ئايروپىلانىدىن تەركىب تاپقان ئەترەت تەقلىدىي ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى. بولۇپمۇ چاۋشيەن يېقىندا راكېتا قويۇپ بەرمەكچى بولغان سەزگ...
04-02-2016
     ئەنگىلىيە لۇ شىيۇ ئاگېنتلىقىنىڭ 2-فېۋرال خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئافرىقا قىتئەسى دۆلىتى جىبۇتىنىڭ زۇڭلىسى ئىشمېل.ئۆمەر.گاللاق زىيارەت قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن، جۇڭگو تەرەپ جىبۇتدا دېڭىز ئارمىيە بازىسى قۇرۇش ...
03-02-2016
       2-ئاينىڭ 2-كۈنى، جىنەن ساقچى تەرەپ ‹كۆپ نۇقتىلىق تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش مانېۋىرى› ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ ئارقىلىق ساقچى خادىملارنىڭ تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلدى...
21-01-2016
  «ئامېرىكا ئاخباراتلىرى ۋە دۇنيا خەۋەرلىرى» ئېلان قىلغان رەت تەرتىپتە كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيە دۇنيا ھەربىي كۈچ رەت تەرتىپىدە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان. بۇ قېتىمقى رەت تەرتىپ داۋوس دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى ۋاقتىدا ئېلان قىلىندى. ...
12-01-2016
   دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن كەچتە ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئورگىنىنى تەڭشەش، تەشكىللەش ھەققىدە مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، ئاخبارات باياناتچىسى ۋۇ چيەن ئالاقىدار مەسىلىلەردە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب...
12-01-2016
        شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 11-يانۋار، داۋلارىغا جايلاشقان ھىندىستان توپچى ئەسكەرلەر ئىنىستىتۇتى مانېۋىر ئۆتكۈزدى.
12-01-2016
         شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 11-يانۋار، داۋلارىغا جايلاشقان ھىندىستان توپچى ئەسكەرلەر ئىنىستىتۇتى مانېۋىر ئۆتكۈزدى. شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 11-يانۋار، داۋلارىغا جايلاشقان ھىندىستان توپچى ئەسكەرلە...
Powered by Leglek