ئامېرىكا ‹‹ئاجايىپ-غارايىپ خەۋەرلەر›› تورىنىڭ 24-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە ، ھىندىستاندىكى سەككىز ياشلىق بىر بالا باشقىلار تەرىپىدىن ‹‹تىرىك كالېندار›› دەپ ئاتالغان بولۇپ ، ئۇ ھېچقانداق ماتېرىيالغا قارىماي تۇرۇپمۇ 2068-يىلغىچە بولغان ھەر بىر كۈننىڭ قانداق كۈن ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرەلەيدىكەن .
ئىگىلىنىشىچە ، ئارىيان پاراب ئىسىملىك بۇ ئوغۇل ھىندىستان بومبايدا تۇرىدىكەن ، ئاتا-ئانىسى يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرى ئىكەن . بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئارىياننىڭ دادىسى ئارىيان بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرىنىڭ كەلگۈسى نەچچە يىلدىكى تۇغۇلغان كۈنىنىڭ ھەپتىنىڭ قانچىنچى كۈنى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى ، بۇ جەھەتتىكى ئىنكاسىنىڭ تولىمۇ تېز بولۇپ ، ئالما تېلېفوننى چىقىرىپ، كالېندار ئىزدەيدىغان ۋاقىتتىنمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇلارنى دەپ بېرەلەيدىغانلىقىنى بايقىغان .
ئارىياننىڭ بوۋىسىنىڭ ئېيتىشىچە ، ئارىيان سان-سىفىرلار بىلەن ھەپىلىشىشنى ياخشى كۆرىدىكەن . تەتىل مەزگىللىرىدىمۇ ئۆيىگە سولىنىۋېلىپ كالېندار سىزىپ ئوينايدىكەن . بۈگۈنكى كۈندە ، بۇ بالا 20~25 مىنۇت ئىچىدە ھېچقانداق ماتېرىيال ياكى ئىنتېرنېتتىن پايدىلانماي تۇرۇپ بىر كالېندارنى تۈزۈپ چىقالايدىكەن . ئارىيان يەنە بىر ھەقىقەتنى يەنى نۆۋەتتە بىز ئىشلىتىۋاتقان كالېندارنىڭ ھەر 11 يىلدا بىر قايتىلىدىغانلىقىنى بايقاپ ، تۇغۇلغان كۈن ياكى كالېندارنى ئەستە ساقلاشتا پەقەت مۇشۇ 11 يىلنىڭ ھەر بىر كۈنىنى ئەستە تۇتۇۋالسىلا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved