شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى.
مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لۇ شىن 22 - كۈنى جۇڭگو تەرەققىيات
يۇقىرى قاتلاملىقلار مۇنبىرىدە ماۋۇلارنى بىلدۈردى: بازارنىڭ رولىنى تولۇق جارى
قىلدۇرۇپ، پاي تۈزۈمى، ئارىلاش مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى قاتارلىق شەكىللەرنى يولغا قويۇش
ئارقىلىق، بازار كۈچىدىن پايدىلىنىپ مەكتەپ باشقۇرۇش كېرەك. كونكرېت تەرتىپكە
قارىتا لۇ شىن ماۋۇلارنى بىلدۈردى: بۇ، ئىنتايىن جانلىق بولغان مەكتەپ باشقۇرۇش
تۈزۈلمىسى بولۇپ، ئالدى بىلەن بۇ خىلدىكى مەكتەپلەر مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى
ئېلىپ بېرىپ، مۈلۈك ھوقۇقى قۇرۇلمىسى ۋە تەقسىمات مېخانىزمىدا ئۆزگىرىش ھاسىل
قىلىش كېرەك. مەكتەپلەردىكى ئىنىستىتۇت، فاكۇلتېت مۇدىرلىرى ئوقۇتقۇچى بولسىمۇ،
پىروفېسسور بولسىمۇ، كارخانىلارغا بېرىپ ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى
بولسىمۇ، مەكتەپ مۇدىرى بولسىمۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كارخانىلارغا بېرىپ CEO (باش ئىجرائى ئەمەلدار) بولسىمۇ بولىدۇ. لۇشىن مۇنداق دېدى: بۇ
سىستېما گوۋۇيۈەن دائىمىي يىغىنىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتتى.
لۇ شىن يەنە ماۋۇلارنى
ئاشكارىلىدى: مائارىپ مىنىستىرلىقى 600 نەچچە تولۇق كۇرس ئالىي مەكتىپىدە
قوللىنىشچان تېخنىكا، كەسپىي مائارىپ تۈرىگە قاراپ تىپ ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى قانات
يايدۇرىدۇ. ئالاقىدار ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئېلىمىزدە ئادەتتىكى ئالىي
مەكتەپتىن جەمئىي 1200 ى بار ئىكەن. لۇ شىن ماۋۇلارنى بىلدۈردى: بۇ، %50 مەكتەپتە
پەننى ئۆگىتىشنى سۇسلاشتۇرۇپ، كەسىپنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئىش
ئورنىغا مايىللاشتۇرۇش كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بىز يېقىندا ئىتتىپاق
تەشكىللىدۇق، 150 نەچچە ئالىي مەكتەپ مائارىپ مىنىستىرلىقىمىزنىڭ تىپ ئۆزگەرتىش
ئىسلاھاتىغا قاتنىشىشقا تىزىملاتتى.
XX
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved