ھەممە ئادەم ئورۇقلاش بىر ئەڭ ياخشى ھۆسن تۈزەش سەنئىتى دېيىشىدۇ، قارىماققا بۇ گەپ راستتەك قىلىدۇ. قاراڭ، بۇ ئون كىشىگە، ئۇلارمۇ بۇرۇن سېمىز بودەكلەردىن ئىدى، ئورۇقلىغاندىن كېيىن زىلۋا قامەتكە ئىگە بولۇشتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ھېچقانداق گرىم قىلمىغان، ھەمدە ئالاھىدە ئۈنۈملۈك نەرسىلەرنىمۇ ئىشلەتمىگەن.
ئورۇقلاش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، ئەجەب خۇش بولدۇم!
قاراڭ، ئورۇقلىغاندىن كېيىن بۇرنۇممۇ قاڭشالىق بولۇپ كەتتى.
قاراڭ ئۇنىڭ بېلىكىگە، ئەسلى راستىنلا مۇسكۇلكەنغۇ!
ئورۇقلاش كېرەك، تاشلىۋەتكىنىڭىز سېمىزلىك، ئېرىشكىنىڭىز بولسا ئىشەنچ.
بالا تۇغۇپ سەمرىپ كېتىشتىن قورقماڭ، قاراڭ بۇ ئايالغا، ئۇمۇ ناھايىتى زىلۋا ئايالغا ئايلاندى.
بۇياق، ئاساسلىقى سالاپەتكە قاراش كېرەك...پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ.
ئورۇقلىغاندىن كېيىن ئادەم تېخىمۇ روھلۇق بولۇپ كېتەمدۇ نېمە؟
بۇنى ئويلاپ باقمىغانسىز؟
بۇنىڭغا بىر نەرسە دېيىش ھاجەتسىز.
ئورۇقلىسىڭىز ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ.
ئورۇقلاشقا قەتئىي بەل باغلىغان بەزى كىشىلەر مۇنداق دېيىشى مۇمكىن: «مەن چېنىقىۋاتقىلى شۇنچە ئۇزۇن بولدى، ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمىدى، ئۇلاردەك بولۇش ئۈچۈن، مەن تەلۋىلەرچە ھەرىكەت قىلىپ، يېمەي-ئىچمەي قانچە ئۇزۇندىن كېيىن ئورۇقلىيالارمەن؟ «بۇ مەسىلىنى ياخشى سورىدىڭلار. تۆۋەندە بىز ئۇلارنىڭ ئورۇقلاش مەخپىي رېتسىپىنى كۆرۈپ باقايلى.
1. زىننەت رولىنى ئالغان ئەينەكنى ئىشلەتمەڭ (بەزى كىيىم-كېچەك دۇكانلىرىدىكى ئەينەكلەر قەستەن قىيپاش قويۇلغان، ئادەم قارىماققا خۇددى پۇتلىرى ئىنچىكە كۆرۈنىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئادەم ئالدايدىغان كۆرۈنۈشلەر).
2. بىر خىل ھەرىكەتنى ياخشى قىلىش، توختىماي تەكرارلىسىڭىزمۇ مەيلى (ھەرىكەت قىلغاندىلا كالورىيەنى سەرپ قىلغىلى بولىدۇ ئەمەسمۇ).
3. بىر چىڭ قانۇنىيەت بېكىتىڭ، مەسىلەن ھەپتىسىگە 20 مىنۇتتىن ئىككى قېتىم ھەرىكەت قىلىش دېگەندەك؛
4. يېمەكلىكنىڭ كالورىيە مىقدارىنى پەرق ئېتىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ؛
5. كاربونلۇق يېمەكلىكلەر بىلەن شېكەر تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى يېيىشتە ۋاقىت پەرقىگە دىققەت قىلىڭ؛
6. ئۆزىڭىزگە «مەن نېمە ئۈچۈن ئورۇقلايمەن» دەپ خەت يېزىڭ؛
7. تاتلىق تۈرۈملەرنى يېيىشنى تاشلاڭ.
8. نەگىلا بارسىڭىز پىيادە مېڭىپ بېرىڭ؛ يول مېڭىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.
9. Wii نى كۆپرەك ئويناپ بېرىڭ؛
10. تېز تاماقخانىغا بېرىشنى تاشلاپ، تاماق ئېتىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.
تېگى تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئورۇقلاش بىر خىل تېخنىكىلىق ئىش. ئۇلارنىڭ ئورۇقلاش رىسالىسىدىن قارىغاندا، بىز بۇرۇن ئورۇقلاش ئۈچۈن ھەرىكەت مىقدارىنى زورايتىش كېرەك، يەنە چوقۇم تاماقنى ئاز يېيىش كېرەك دەپ قارايتتۇق؛ ئۇلار بولسا ھەم ھەرىكەت قىلغان، ھەم تاماق يېگەن، ئۇلار تاللاش خاراكتېرلىك تاماق يېگەن، ئۆزىنى چەكلىگەن ئاساستا غىزالانغان. ئەگەر سىز قانداق ئورۇقلاشنى بىلمىگەن بولسىڭىز، تېزدىن بۇ خەۋەرنى ساقلىۋېلىڭ، ھەمدە دوستلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىڭ، كۆپچىلىك ھەممىمىز تەڭ ئورۇقلايلى.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved