گېرمانىيە ئالىملىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە كۆرسىتىلىشچە، 1- دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي گېرمانىيە قالدۇق ئەسكەلىرى مەقسەتلىك ھالدا <<جەمئىيەتشۇناسلار>>دەپ ئاتىۋالغان ئوڭ قانات كۈچلەرنى يېتىشتۈرۈشكە باشلىغان. بۇ چاغدا قىسىمدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئادولۇف گىتلېر بۇ پىلاندىكى ئەڭ چوڭ <<مۇۋەپپەقىيەتچى>> بولۇپ قالغان.
ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان دۆلەتتە ھېچنەرسىگە ئېرىشەلمىگەن، ھېچقانداق تەربىيە كۆرمىگەن، كەسپىي تەربىيلىنىش پۇرسىتىگىمۇ ئېرىشەلمىگەن، ماكانى ۋە دوستلىرىمۇ بولمىغان بىر ئاددىي ئەسكەرنىڭ چىقىش يولى نەدە ؟ ئۇنىڭ چىقىش يولى پەقەت داۋاملىق ئەسكەر بولۇش ئىدى. 1918-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى( دۇنيا ئۇرۇشى) ئاياغلىشىش كېلىشىمى ئىمزالىنىپ ئون كۈندىن كېيىن ئىككىنچى دەرىجلىك ئادولۇف گىتلېر مىيۇنخىنغا بېرىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلدى. بۇ ئۇنىڭ قىسىمدا قېلىپ ھەقسىز تەمىنات ۋە ھەر ئايدا بېرىلدىغان 40 مارىك ئىش ھەققى ئۈچۈن ئىدى. ئەينى چاغدا قەھرىتان سوغۇقتا بۇنىڭدىنمۇ راھەت ئىش بولمىسا كېرەك.
ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىنمۇ ھۆكۈمەت تەمىناتىدا قېلىش
كۆپ يىللاردىن بۇيان قېيىن ئادولۇف گىتلېر <<1- دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلىشىش بىلەنلا مەن بىر سىياسىيون بولۇش قارارىغا كەلگەن ئادەم >> دەپ داۋراڭ سېلىپ يۈردى. راستنى ئېيتقاندا بۇ ئەسلى پاكىت ئەمەس. <<ئادولۇف گىتلېر 1918- 1920-يىللىرى>> ۋە <<ئەسكەرلىكتىن تەرغىباتچىلىققىچە>> ناملىق كىتابلاردا ئېيتلىشىچە، ئادولۇف گىتلېر 1918-يىلىنىڭ ئاخىرغىچە قىسىمدا ئاددىي ئەسكەر سۈپىتىدە سۆرۈلۈپ يۈرگەن. ئاندىن بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىنلا ئاندىن گازارمىدىن ئايرىلغان.
بىر ياداڭغۇ سەييارە رەسسام قانداق قىلىپ رەھىمسىز ھۆكۈمرانغا ئايلىنىپ قالدى؟ قانداق مۇھىت ياش ئادولۇف گىتلېرغا ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك تەسىر كۆرسەتتە؟
ئادولۇف گىتلېر ئاۋسترىيەنىڭ لىنتر شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئاتىسى زالىم تاموژنا خادىمى ئىدى.لىنتىر شەھىرى ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسەتكەنمۇ ئادولۇف گىتلېر ۋىنادا رەسىم سېتىپ جان باققان ۋە 1918- يىلىدىن 1920- يىلىغىچە بىر كىچىك قونالغۇدا كۈن كەچۈرگەن. ئۇنداقتا ۋىنا شەھىرى ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسەتكەنمۇ؟ قىسىمدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقاندا غەربىي سەپتە تىتما - تىتما كۆزى بىلەن كۆرگەندە 1- دۇنيا ئۇرۇشىدەك پانىي ئالەمدىكى دوزاخ ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسەتكەنمۇ؟ مانا بۇ بىر قاتار مەسىلىلەر بىر قانچە يىلدىن بۇيان تەتقىقاتچىلار ئايدىڭلاش تۇرۇش ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشىپ كىلىۋاتقان مەسىلىلەردۇر.
تەتقىقاتچى ئوتما پروجىنگنىڭ يەكۈنىلىشىچە، ئادولۇف گىتلېر ھاياتىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسى دەل ئىزچىل سەل قارىلىپ كېلىۋاتقان ئىككى يىلدا ئىكەن.
1918- يىلىدىن 1920- يىلىغىچە بولغان ئىككى يىل يەنى ئۇنىڭ مىيۇنخىندا ۋەزىپە ئۆتىگەن چاغلىرى دەل ئادولۇف گىتلېرنىڭ ھاياتىدا كىشلىك دۇنيا قارشى شەكىللەنگەن ھەل قىلغۇچ ۋاقت ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئىككى يىلدا ئادولۇف گىتلېر تەرغىباتچىلىق ۋە رەھبەرلىك تەجرىبىلىرى ۋە تەدبىرلىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە توپلىغان، تەختكە چىققاندىن كېيىن بۇنىڭدىن تولۇق پايدىلانغان.
تەتقىقاتچى پىروجىنگ بۇ ھەقتە يېتەرلىك پاكىتلارنى توپلىدى:
ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن قىلغۇدەك ئىش قالمىغان گېرمانىيە ئارمىيەسىدىكى بۇ ئىككىنچى دەرىجىلىك ئەسكەر رەقىبىگە قانداق تاقابىل تۇرۇشنى ئۆگەنگەن، بولشىۋېكلەرگە قارشى تەربىيە ئالغان. گېرمانىيەدە <<دېموكراتىيەنى ئاخىرلاشتۇرۇش>>نى ئۈمىد قىلىدىغان ئوڭ قانات ناتىقلا ئۇنىڭغا تەشۋىق - تەرغىبات چارىسى ئۆگەنگەن. ئۇ ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىرگە پۇرسەت تاپسىلا نۇتۇق سۆزلىگەن. ئومۇمەن پروجىگ كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك 16 يېشىدا مەكتەپتىن ئايرىلغان ئادولۇف گىتلېر ناھايىتى تېز سۈرئەتتە تىرىشىپ <<بىر مەيدان ھەرىكەتكە يىتەكچىلىك قىلغۇدەك>>قابىلىيەتنى ھازىرلىغان.
ھەمراھلىرىنى تەكشۈرۈش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ سىياسىي كۈرەشنى ئۆگىنىۋېلىش
گېرمانىيەدە ئىجتىمائىي زىددەيەتلەرنىڭ كەسكىنلىشىشگە ئەگىشىپ ئادولۇف گىتلېر سىياسىي سەھنىگە قەدەم قويغان. بۇ دەل 1919 - يىلى ئەتىياز ئىدى. شۇ يىلى 4- ئاينىڭ 7 - كۈنى رادىكالى سولچىلار باۋارىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە سوۋېت روسىيە فورمىسىدا «قىزىل ئارمىيە» نى تەشكىللەشكە باشلىغان. بۇ چاغدا ئادولۇف گىتلېر ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بۇنىڭغا قارشى تۇرغان. ئاۋسترىيە پۇشتىدىن بولغان ئىككىنچى دەرىجىلىك ئەسكەر ئادولۇف گىتلېر تېزلا ئۆزى تۇرۇشلۇق ئەسكىرىي كومتېتتنىڭ غوللۇق ئەزاسى بولۇپ قالغانىدى. ئۇ ئۆزىنى بولشىۋېكلارنىڭ تەسىرى يۇققان ھەرقانداق نەرسىگە قىزىقمايمەن، دەپ ئاتىۋالغانىدى.
بىر ئايدىن كېيىن گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىيە ئارمىيەسى ۋە ئوڭچىل خەلق ئەسكەرلىرى كەسكىن قىزغىنچىلىق ئارقىلىق باۋارىيە ئوبلاستىنى ئىشغال قىلغان. نەچچە يۈزلىگەن بولشىۋېكلارنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۆلتۈرۈلگەن. زىيانكەشلىك قىلمىشلىرى بىر مەھەل مىيۇنخىننى قاپلىغان.
بۇ چاغدا ھەربىي گازارمىنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى پىششىق بىلىدىغان، بولشىۋېكلارغا قارشى ئادولۇف گىتلېرغا «تەكشۈرۈش ئەزاسى» دېگەن بىر ۋاقىتلىق مەنسەپ بېرىلگەن. ئۇ ھۆكۈمەت دارئىرىلىرىگە ياردەملىشىپ «قىزىل ئارمىيە» بىلەن تىل بىرىكتۈرگەن دېگەن نام بىلەن ئەيىبلەنگەن ئەسكەرلەرنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشكە قاتناشقان.
ئەينى چاغدا ئەيىبلەشلەر قىياس ۋە كوچا پاراڭلىرىنى ئاساس قىلغان. مەسىلەن، ئادولۇگ گىتلېرنىڭ بىر دوكلاتىدا «ھۆكۈمەتكە قارشى قۇتراتقۇلۇق قىلغان» دەپ گۇمان قىلىنغان، ئۆزى بىلەن تەڭ دېمەتلىك بىرئوفىتسېر ئەزەلدىن بولشىۋېكلارنى ئېتىراپ قىلمايتتى، ئارىدىن بىر قانچە يىل ئۆتكەندىن كېيىنلا بۇ ئوفىتسېر جىنايىتىدىن كەچۈرۈم قىلىنغان.
ئەينى چاغدا ئەيىبلەشلەر قىياس ۋە كوچا پاراڭلىرىنى ئاساس قىلغان. مەسىلەن، ئادولۇف گىتلېرنىڭ بىر دوكلاتىدا «ھۆكۈمەتكە قارشى قۇتراتقۇلۇق قىلغان»دەپ گۇمان قىلىنغان، ئۆزى بىلەن تەڭ دېمەتلىك بىر ئوفىتسېر ئەزەلدىن بولشىۋېكلارنى ئېتىراپ قىلمايتتى، ئارىدىن بىر قانچە يىل ئۆتكەندىن كېيىنلا بۇ ئوفىتسېر جىنايىتىدىن كەچۈرۈم قىلىنغان.
پروجىنگنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئادولۇف گىتلېر تەكشۈرۈش ئەزاسى بولغان مەزگىلدە ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ سىياسىي تازلاش ماھارىتى بىلەن پىششىق تونۇشقان. دەل مۇشۇ قەبىھ ماھارەتكە تايىنىپ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ناتسىستلار پارتىيەسىنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئاساسى بولغان گېرمانىيە ئىشچىلار پارتىيەسىدە نۇتۇق سۆزلەش ھوقۇقىغا ئىرىشكەن. ئادولۇف گىتلېر ئۆزىگە قارشى چىققان سەبداشلىرىنى تەدرىجى پارتىيەدىن تازىلىغان. شۇ ئارقىلىق تېزلا بىر - بىر ھوقۇقلۇق رايۇن رەھبىرى بولۇپ قالغان.
ھەربىي گازارمىدىن چىققان رەھبەر
سىياسىي جەھەتتىن ئىشەنچىلىك دەپ قارالغان ئادولۇف گىتلېر 1919 - يىلى 7 - ئايدا ئۆزى تۇرۇشلۇق قىسىمدا باۋارىيە دۆلەت مۇداپىيە ھەربىي قوماندانلىق ئورنىنىڭ«ئۇچۇر - تەشۋىقات بۆلۈمى» ئاچقان بولشىۋىكلارغا قارشى ئۆگىنش كۇرسىغا قاتناشقان. يەھۇدىيلارغا قارشى كارىل مايلىمۇ بۇ بۆلۈمنىڭ مەسئۇلى ئىدى. ئادولۇف گىتلېر قاتناشقان «تەربىيە ۋە سىياسەت» ھەم «1871- يىلىدىن بۇيانقى گېرمانىيەنىڭ ئىقتسادىي تۇرمۇش تەرەققىياتى» دېگەن لېكسىيەلەرگە ئاتىلىشتا يامان غەرەز ئارىلاشمىغاندەك قىلغان بىلەن ئەمەلىيەتتە لېكسىيە سۆزلىگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى رادىكال ئوڭچى ئۇنسۇرلار بولۇپ، بولشىۋىكلارغا ئۆچ ئىدى.
ئۇرۇشتا مەغلۇب گېرمانىيە ھەربىي تەرەپ كۆرۈنۈشتە ئۆزىنىڭ سىياسىي ئوبرازىنى تىكلىمەكچى بولغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە جەمئىيەتتە « يوشۇرۇن قوزۇق» قېقىپ بولغانىدى. 1919 - يىلى 8 - ئايدا ئادولۇف گىتلېر قاتالىق 26 نەپەر تەرغىباتچى دۆلەت مۇداپىيە ئارمىيەسىنىڭ «ئۇچۇر قوماندانلىق ئورنى» غا تەقسىم قىلىنغان. خۇددى «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دە ئېيتىلغاندەك ئادولۇف گىتلېر مۇشۇ پۇرسەتتە ئايرىلىپ كەتكىنىگە ئۇزۇن بولغان «يولداش» لىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ «يېڭى ھەربىي ھەرىكەت» ئۈچۈن ئاساس سالغان.
ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئادولۇف گىتلېر بۇيرۇق بويىچە ھەربىي سەپتىن قايتقان ئەسكەرلەرنى يىغىۋېلىش ئورنىغا بارغان. ئادولۇف گىتلېر ئۇرۇش مەزگىلىدە ئەسىرگە چۈشكەن ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ «مەغلۈبىيەتچىلىك» ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئۇلارغا نۇتۇق سۆزلىگەن. 150 كە يېقىن ئادەم ئۇنىڭ «تىنچلىق ۋە قايتا قۇرۇشنىڭ شەرتلىرى» ، «كاپىتالىزم ۋە يەھۇدىيلار» تېمىسىدىكى لېكسىيەلىرىنى ئاڭلىغان. ئۇ يەنە ئەسكەرلەرگە تەشۋىقات ۋەرەقىسى تارقاتقان.
شۇنىڭ بىلەن بىللە ئادولۇف گىتلېر يەنە «مۇستەملىكىچىلىك» مەسىلىلىرى توغرىسىدىكى نەزىرىيەسىنى كىتاب قىلىپ تارقاتقان. ئۇ يەنە يەھۇدىيلارغا قارشى بىر پارچە ئوچۇق خەت يېزىپ، دۆلەتتىن يەھۇدىيلارنى قاتتىق كونترول قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
9 - ئاينىڭ بېشىدا ئادولۇف گىتلېر ھەربىي تەرەپنىڭ نۇقتىلىق تەربىيەلەش ئوبىيكىتى سۈپىتىدە ئۇزۇن مۇددەتلىك گېرمانىيە ئىشچىلار پارتىيەسىگە ئەۋەتىلگەن. پروجىنگنىڭ قارىشىچە، بۇ ئىش ئادولۇف گىتلېرنىڭ ئويلىغان يېرىدىن چىققان. چۈنكى بۇنداق بولغاندا ئۇ داۋاملىق ھەربىي ئۇنۋانىنى ساقلاپ قالالايتتى، داۋاملىق مائاش ئالاتتى، يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەكتىن غەم قىلمايتتى. بۇنىڭدىن ئادولۇف گىتلېرنىڭ سىياسىي سەھنىگە قەدىممۇ - قەدەم چىقىشىدا ھەربىي قىسىمىنىڭ ھالقىلىق رول ئوينىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.
«دون دەرياسى گېزىتى» نىڭ 1920 - يلى 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىكى سانىدا ئادولۇف گىتلېرنىڭ پاسساۋ ناھىيەسىدە ئەسكەرلەرگە ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدا سۆزلىگەن نۇتقى گۈلدۇراس ئالقىش سادالىرىنى ياڭراتتى، دەپ خەۋەر بېرىلگەن. ھەربىي قىسىم ئۇنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشغا يېتەرلىك ۋاقىت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئۇنى كىتابخانا باشقۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەلگۈسىدىكى بۇ مۇستەبىتكە شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن. 44 - پىيادە قىسىم پولكىنىڭ« كۈندىلىك بۇيرۇقى» دا ئەسكەرلەرگە 3 - قەۋەت 564 - ياتاقتىكى ئىككىنچى دەرىجلىك ئەسكەر ئادولۇف گىتلېردىن ماتېرىياللارنى كۆرۈشكە ئارىيەت ئېلىشقا دائىر يوليۇرۇق بېرىلگەنىدى.
يۇقىرىقى پاكىتلاردىن قارىغاندا، ئادولۇف گىتلېرنىڭ سىياسىي ھەرىكەتلەرگە قاتناشقان ۋاقتى بەزى كىشىلەرنڭ قارىشىدىنمۇ بالدۇر بولغان، يەنى 1919- يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ كىشىلىك ھاياتىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسىنىڭ بېكىتىپ بولۇنغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
![]() |
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
|
![]() |
2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved