ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما 2-ئاۋغۇست ئۆزىنىڭ مەخسۇس ئايروپىلانى «1-نومۇرلۇق ھاۋ ئارمىيەسى»دە ئەنگلىيە «ئىقتىسادشۇناس» ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى ئۈستىدە توختالغاندا، ئوباما رۇسىيەنىڭ ئىپادىسىگە ئانچە ئېرەڭ قىلىپ كەتمەسلىك پوزىتسىيەسىدە بولغان ئەمما جۇڭگو تىلغا ئېلىنغاندا بولسا، ماختاش ۋە تەنقىدلەرنى ياغدۇرۇۋەتكەن.
مۇخبىر رۇسىيەنىڭ خەلقئارادىكى ئويناۋاتقان رولى توغرىسىدا سورىغاندا، ئوباما ناھايىتى پەرۋاسىز قىياپەتتە: «پۇتىن قىسقا مۇددەتلىك كىرىزىس پەيدا قىلىش ئارقىلىق سىياسىي نەپكە ئېرىشمەكچى بولۇۋاتىدۇ، ئەمما ئۇزۇن مۇددەتلىك يۈزلىنىشكە باققاندا، بۇ پايدىلار رۇسىيەگە زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن. «مەن يىراقنى كۆرەر بۇلۇشنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىغا چوڭقۇر ئىشىنىمەن، ئەمما رۇسىيەدە يىراقنى كۆرەرلىك يوق. ئۇ يەنە ناھايىتى زەھەر خەندىلىك بىلەن: «رۇسىيەگە پۇرسەت ئىزدەپ بارىدىغان كۆچمەن يوق، رۇسىيە ئەرلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە مۆلچەرلەنگەن ئۆمۈرى پەقەت 60 ياش ئەتراپىدا، بۇ دۆلەتنىڭ نوپۇسى يىگىلىمەكتە.» دەيدۇ.
ئوباما جۇڭگو-ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا جىددىي مۇناسىۋەتنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئەمما بۇ زىددىيەتنى تىزگىنلىگىلى بولىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. ئۇنىڭچە جۇڭگو «دۇنيادىكى ئاددىي تۆۋەن ئاشۇرما قىممەت مەھسۇلاتىنىڭ ئىشلەپچىقارغۇچىسى»دىن «ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ قوغدىشىنى تەلەپ قىلىدىغان يۇقىرى ئاشۇرما قىممەت مەھسۇلاتىنى ئىشلەپ چىقارغۇچى»سىغا ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سودا ماجراسىمۇ بارغانسېىرى ئازلايدىكەن. ئوباما بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە «سىزمۇ جۇڭگوغا قاتتىق قول بولىشىڭىز كېرەك، چۈنكى ئۇلار تاكى قارشىلىق كۈچكە ئۇچرىغۇچە كۈچىنىڭ بارىچە تەرەقىياتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ» دەيدۇ.
زىيارەت داۋامىدا ئوباما ئۆزىنىڭ جۇڭگو مەسىلىسىنى بىرتەرەپ قىلىشتىكى «تەجرىبە»سىگە ناھايىتى تەمەننا قويغاندەك كۆرىنىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «جۇڭگولۇقلار ھىسسىياتقا تايىنىپ ئىش تۇتمايدۇ، ئۇلار ئابىستراكت نەرسىلەرگە قىزىقمايدۇ، شۇڭلاشقا ئۇلارغا نوقۇل خەلقئارا قائىدىلەرنى ھۆرمەت قىلىشنى مۇراجەت قىلىش كۇپايە قىلمايدۇ»، «چوقۇم بىر خىل مېخانىزم بولۇپ، بىز جۇڭگونى خەلقئارا مىزانلارغا خىلاپلىق قىلدى دەپ قارىغاندا، قاتتىق قوللىقىمىزنى كۆرسىتىدىغان ئەمما بۇنىڭ بىلەن بىرگە جۇڭگوغا بۇ خىل مىخانىزمنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك يۇشۇرۇن پايدىسىنى نامايەن قىلىپ بېرەلەيدىغان بولۇشىمىز كېرەك.»
ئافرىقىغا مەبلەغ سېلىش توغرىسىدا توختالغاندا، ئوباما مۇنداق دېدى: «جۇڭگونىڭ مەبلەغ سېلىش تونى ئىچىدە تەبىئىي بايلىققا بولغان ئېھتىياجى بار. ئامېرىكىنىڭ ئافرىقىغا سالغان مەبلىغىنىڭ نىشانى ناھايىتى ساپ.
فۇدەن ئونىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ۋۇ شىنبو 4-ئاۋغۇست، مۇنداق دەيدۇ: بۇ گەپلەردىن ئوبامانىڭ نۆۋەتتكى چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋېتىگە بولغان ئەڭ يېڭى تونۇشىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئوبامانىڭ رۇسىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋېتىگە بولغان ئامالسىزلىقىنى پەقەت ۋە پەقەت جامائەت پىكرىنىڭ تەشۋىق رولىغا تايىنىپ رۇسىيە بىلەن پۇتىننىڭ غورورىنى سۇندۇرۇش ئارقىلىق يۇشۇرماقچى ئىكەنلىكىنى سېزىۋالغىلى بولىدۇ. جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋېتىگە قارىتا ئوباما جۇڭگونىڭ «تەۋەككۈلچىلىك» دىپلوماتىيە سىياسىتى يولىغا مېڭىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ ھەم جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ يەنە بىر قەدەم تەرەققىي قىلىشىدىكى يېڭى نىشانى ۋە ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ ئاشۇرما قىممەت مەھسۇلاتى سودىسىدىكى ئۆز ئارا ھەمكارلىشىش بوشلۇقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئوباما تەكىتلىگەن جۇڭگوغا قاتتىق پوزىتسىيەدە بولۇشنى ساقلاشتىن ئۇنىڭ جۇڭگو مۇناسىۋىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇددىئاسىدا يەنىلا تەشۋىشنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. بۇ جۇڭگو ئامېرىكا دىپلوماتىيە جەھەتتە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خىزمەت ئىشلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ۋۇ شىنبو مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ يېڭى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ جۇڭگونىڭ دۆلەت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئاساسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇلاھىزىسىنى ئامېرىكا تېخى تونۇپ يەتمىگەن ھەم «بوش چاغلاپ» قالغانلىقى ناھايىتى روشەن.
![]() |
ئەنگلىيە «مۇستەقىللىق گېزىتى»نىڭ 5-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىراننىڭ رايونلۇق پارلامېنت ئەزاسى سايلىمىدا غەلىبە قىلغان ئايال سىياسىي ئەربابىنىڭ ئاممىۋى سورۇندا ياغلىق...
|
![]() |
دېزۇلتى چوڭ سايلامدا غەلبە قىلىپ فىلىپپىن زۇڭتۇڭى بولغاندىن كېيىن، دۋاۋ شەھىرىدىكى يەرلىك سايلام نەتىجىسىمۇ 11- ماي رەسمىي ئېلان قىلىندى، بۇ سايلامدا دېزۇلتىنىڭ قىزى ۋە ئوغلى ئايرىم-ئايرىم...
|
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 12-ماي ، ئۇكرائىنانىڭ كيېۋ، ئۇكرائىنا پارلامېنتى باش تەپتىشنى سايلاۋاتقاندا، ئۇكرائىنا رادىكاللار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن پوروشېنكو ئىتتىپاقى پارلامېنت ئەزال...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved