جاھان ئاگېنتلىقى 19-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە ئارمىيە قىىسملىرى يەمەننىڭ سابىق ئاغدۇرۇلغان پرېزىدېنتى ئەلى ئابدۇللاھ سالىھنىڭ ئوغلى ئەھمەد ئەلى ئابدۇللاھنىڭ ئۆيىگە ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى. ساقچى دائىرلىرىدىن ئېرىشكەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، بىرلەشمە ئارمىيە قىسىملىرىغا ئائىت ئايرۇپىلانلار سالىھنىڭ ئوغلىنىڭ پايتەخت سەنئانىڭ جەنۇبىدىكى ئاتتان مەھەللىسىدىكى ئۆيىگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغان. نەخ مەيداندىكى كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بومباردىمان قىلىنغاندىن كېيىن ئۆيدىن ئىس كۆتۈرۈلگەن، ئەھمەد ئەلى ئابدۇللاھنىڭ ئۆيدە بار-يوقلىقى نامەلۇم ئىكەن. بۇ ھۇجۇمغا ئالاقىدار بىرلەشمە ئارمىيە قىسىملىرى رەسمى بايانات ئېلان قىلمىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved