جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى ۋاڭ مىن 24-ئىيۇن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىيۇيوركتىكى باش ئورگىنىدا مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا كرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش بىردىن بىر چىقىش يول، ھەر قايسى تەرەپلەر ئۇكرائىنادىكى توقۇنۇش بولىۋاتقان رايوندا ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا ھاسىل قىلىنغان ئورتاق تونۇشنى ھەقىقى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.
خەۋپسىزلىك كېڭىشى شۇ كۈنى ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرىسىدا ئاشكارا يىغىن ئۆتكۈزدى. ۋاڭ مىن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: يېقىندا، ئۇكرائىنانىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدىكى داۋالغۇش داۋاملىشىپ، قۇراللىق توقۇنۇش ۋە زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى كۆپىيىپ، ئېغىر ئۆلۈم-يىتىم بولدى ۋە مال-مۈلۈك زىيانغا ئۇچرىدى، جۇڭگو بۇنىڭدىن قاتتىق ئەندىشە قىلدى. جۇڭگو، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ بىتەرەپ، ئوبيېكتىپ پرىنسىپىدا باشتىن ئاخىرى چىڭ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ۋاڭ مىڭ مۇنداق دېدى: سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئۇكرائىنا كرىزىسىنى ھەل قىلىشنى بىردىن بىر چىقىش يولى، جۇڭگو ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئۆزلىرىنى تۇتۇۋېلىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بىر بىرگە بولغان ئىشىنىشىنى كۈچەيتىپ، رايون توقۇنۇشىدا ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدىكى ئورتاق تونۇشنى ھەقىقى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇكرائىنا كرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا بىرلىكتە تۇرتكە بولۇشقا پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved