مەزى بېزىنى ئاسراش ئۇسۇللىرى

1.سۇنى كۆپ ئىچىش. قويۇقلۇقى يۇقىرى بولغان سۈيدۈكنىڭ مەزى بېزىغا قارىتا بەلگىلىك دەرىجىدە غىدىقلاش رولى بولىدۇ، ئۇزاق مۇددەتلىك ناچار غىدىقلاش مەزى بېزىنى زەخىملەندۈرىدۇ، سۇنى كۆپ ئىچىپ بەرگەندە، قاننى سۇيۇلدۇرۇپلا قالماستىن، سۈيدۈكنى كۆپەيتىپ قويۇقلۇقىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.


2.سۈيدۈك قىسىۋالماسلىق. سۈيدۈك قىستىغان ھامان سىيىش، ھەرگىز قىسىۋالماسلىق كېرەك، چۈنكى داۋاملىق سۈيدۈك قىسىۋېلىش دوۋساق ۋە مەزى بېزىغا ئىنتايىن زىيانلىق.

 


3.جىنسىي تۇرمۇشنى كونترول قىلىش. مەزى بېزى يوغىناپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياشلىق مەزگىلىدىن باشلاپلا دىققەت قىلىش، بولۇپمۇ جىنسىي تۇرمۇشنىڭ مۇۋاپىق بولۇشىغا دىققەت قىلىش، شەھۋەتكە بەك بېرىلىپ كەتمەسلىك ھەم بەك چەكلەپمۇ كەتمەسلىك كېرەك. جىنسىي تۇرمۇشنىڭ بەك كۆپ بولۇپ كېتىشى مەزى بېزىنىڭ قانغا تولۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ، مەزى بېزىنىڭ چوڭىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ياشلىق مەزگىلىدە جىنسىي تۇرمۇشنى كونترول قىلىشقا دىققەت قىلىپ، مەزى بېزىنىڭ تەكرار قانغا تولۇشىدىن ساقلىنىش، مەزى بېزىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ۋە تەڭشىلىشىگە ئىمكانىيەت بېرىش كېرەك.

 


4. بەك جىددىيلەشمەسلىك. تۇرمۇش بېسىمى مەزى بېزىنىڭ يوغىناپ كېتىش پۇرسىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. كىلىنىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، تۇرمۇش بېسىمى يېنىكلىگەندە مەزى بېزىنىڭ ئالامەتلىرىمۇ يېنىكلەيدىكەن، شۇڭا ئادەتتىكى چاغلاردا بەك جىددىيلىشىپ كەتمەسلىك كېرەك.

 


5.ئىلمان سۇدا يۇيۇنۇش. ئىلمان سۇدا يۇيۇنۇش مۇسكۇل ۋە مەزى بېزىنىڭ جىددىيلىكىنى پەسەيتىپ ئارامسىزلىقنى يېنىكلىتىدۇ، شۇڭا داۋاملىق ئىلمان سۇدا يۇيۇنۇپ تۇرغاندا مەزى بېزى ئۈچۈن پايدىلىق.

 


6.پاكىزلىقنى ساقلاش. ئادەتتە ئەرلەر ئۇرۇقدان خالتىسىنىڭ ئۇزىراپ – قىسقىراشچانلىقى كۈچلۈك بولغانلىقى، كۆپ تەرلىشى ھەم ھاۋا ئۆتۈشۈشنىڭ ياخشى بولماسلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن باكتېرىيەلەر ئاسانلا كۆپىيىپ ئىچىگە كىرىپ كېتىپ مەزى بېزى ياللۇغى ۋە مەزى بېزى يوغىناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۆز ۋاقتىدا دىققەت قىلمىسا ئېغىر دەرىجىدىكى يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ئۇ جاينىڭ تازىلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.

 


7. سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش. سوغۇق ئورۇندۇق ۋە سوغۇق تاش ئۈستىدە ئۇزاق ئولتۇرماسلىق كېرەك، چۈنكى سوغۇق سىمپاتىك نېرۋىلارنىڭ قوزغىلىشىنى كۈچەيتىپ، سۈيدۈك يولى ئىچكى بېسىمىنى ئاشۇرۇپ تەتۈر ئېقىشنى پەيدا قىلىدۇ.


8.سۈركىلىشتىن ساقلىنىش. ئەۋرەتنىڭ سۈركىلىشى مەزى بېزىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ، شۇڭا زىيانلىق سۈركىلىشلەرنى ئازايتىش ئۈچۈن موتوسىكلىت ۋە ۋېلىسىپىتنى كۆپ مىنمەسلىك كېرەك.

 


9. تۇرمۇشنى تەڭشەش. ئامال بار ھاراق – تاماكىدىن يىراق تۇرۇش، مۇچ ۋە زەنجىۋىل قاتارلىق غىدىقلاشچانلىقى كۈچلۈك يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېمەسلىك ھەم مەزى بېزى، دوۋساق بوينىغا تەكرار قان تولۇپ يەرلىك ئورۇننىڭ چىڭقىلىپ ئاغرىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. قەۋزىيەتنىڭ ئېغىر بولۇشىمۇ مەزى بېزىگە زىيانلىق بولىدۇ، شۇڭا كۈندىلىك تۇرمۇشتا مېۋە – چىۋە ۋە سەي – كۆكتاتلارنى كۆپرەك يەپ، قەۋزىيەت بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

 


كۈندىلىك تۇرمۇشتا مەزى بېزىنى ئاسراشنىڭ ئۇسۇللىرى:

 


مەزى بېزى ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش ئورگىنىدىكى ئەڭ چوڭ قوشۇمچە جىنسىي بەز بولۇپ، ئۇ ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان مەزى بېزى سۇيۇقلۇقى مەنىي سۇيۇقلۇقىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولىدۇ. مەزى بېزىمۇ بەدەندىكى باشقا ئەزالارغا ئوخشاشلا كېسەل بولىدۇ، ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان مەزى بېزى كېسىلى ئاستا خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغىدىن ئىبارەت بولۇپ، كىلىنىكىدا بايقىلىشىچە %50 ~ %25 ئەرلەر مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ ئازابىنى تارتىدىكەن. شۇڭا مەزى بېزىنى قوغداشتا تۆۋەندىكى ‹‹سەككىز كۆپ، سەككىز ئاز بولۇش›› قا دىققەت قىلىش كېرەك، ئۇلار: چاي كۆپ تاماكا ئاز بولۇش؛ ئۇسسۇزلۇق كۆپ ھاراق ئاز بولۇش؛ مېۋە كۆپ قەنت ئاز بولۇش؛ كۆكتات كۆپ گۆش ئاز بولۇش؛ ئاچچىقسۇ كۆپ تۇز ئاز بولۇش؛ كۈلكە كۆپ خاپىلىق ئاز بولۇش؛ چېنىقىش كۆپ دورا ئاز بولۇش؛ پىيادە مېڭىش كۆپ، ماشىنىدا ئولتۇرۇش ئاز بولۇشتىن ئىبارەت.



خەتكۈچلەر:
08-07-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
09-04-2016
تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، بالىلارنىڭ تېلېۋىزور كۆرۈشكە ھېرىسمەن بولۇشى ئاسانلا ‹‹تېلېۋىزور كېسىلى››نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. تېلېۋىزور بالىلارنىڭ كۆزى، قولى ۋە مېڭىسىنىڭ ماسلاشما ھەرىكىتىنى ئازايتىۋېتىدىكەن. ئېكراندىكى تېز سۈرئەتلىك كۆرۈ...
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفۇننىڭ كەڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، باش بارماق ئارقىلىق خەت ئۇرۇپ ئۇچۇر يوللاش، كۆرسەتكۈچ بارماق ۋە ئوتتۇرا بارماق بىلەن ئېكراننى سۈرۈپ تېلېفۇن ئويناشتىن ئىبارە...
07-03-2016
ئەتىگەندە ئاشقازان ئاساسەن قۇرۇق بولۇپ، ئاچ قورساققا قېنىق چاي ئىچسە، ئاشقازان ئۈچەينى بىئارام قىلىپ، ئىشتىھانى تۇتۇپلا قالماي، يەنە نېرۋا سىستېمىسىغىمۇ زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن. ئەتىگەندە چاي ئىچكەندە بىرىنجى قېتىم دەملىگەن چاينى تۆكۈۋېتى...
02-03-2016
جىنتايەنە بىلەن ئاقمۇشتىن 30 گرام ، ئاساروندىن 21 گرام ، سۇمبۇل بىلەن قوستەتەلىقتىن 20 گرامدىن ئېلىپ سوقۇپ ، 500 گرام ھەسەل بىلەن مەجۈن تەييارلاپ ، كۈندە ئىككى ۋاق تۆت گرامدىن يەپ بەرسە ، ئاياللاردىكى ئاق خۇن كۆپ كېلىش ، قورساق ، بەل - پ...
06-02-2016
    مۇنتىزىم ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە تەكشۈرتۈشكە سەل قاراش. نۇرغۇن ئاياللار قەرەللىك ھالدا ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلىمىدە تەكشۈرتۈشكە سەل قارىغانلىقتىن، ئويلىمىغان كېسەللىكلەر كېلىپ چىقماقتا، شۇڭا دىققەت قىلىش كېرەك. ...
06-02-2016
    ئىجادچانلىق مۇستەقىل تەرەققىياتنىڭ ئۇل تېشى. ئادەملەرنىڭ ئىجادچانلىقىنى قېزىشتا ئۇلارنى بالىلىق ۋاقتىدىن باشلاپ تەربىيەلەشكە، مەشىقلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر. ئىجادچانلىق ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئامېرىكىلىق داڭلى...
05-02-2016
       سوپۇن پاراشوكىنىڭ تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە بولۇپمۇ بوۋاقلارنىڭ بەدىنىگە زىيانلىق بەزى خىمىيىلىك ماددىلار بولغاچقا، ئۇنىڭدا يۇيۇلۇپ پاكىز چايقالمىغان كىيم–كېچەك ياكى سۈيدۈك لاتىسىدا بۇنداق زىيانلىق ماددىلار قىسمەن ...
05-02-2016
  چوڭ مېڭە توقۇلمىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، قاندىكى گلۇكوزا ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان بىردىنبىر ماددا بولغاچقا، قان قەنتىنىڭ بەك يۇقىرى ياكى بەك تۆۋەن بولۇشى چوڭ مېڭە ئىقتىدارىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.    قان قەن...
04-02-2016
         بالىلار، ئاياللار ۋە ياشانغانلار قىش پەسلىدە ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا سەل قارىسا بولمايدۇ، ئەگەر قارشىلىق كۈچى تۆۋەن بولغاندا، ئاسان زۇكام تىگىش، ماسلىشىشچانلىقى تۆۋەن بۇلۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. تۆۋەن...
04-02-2016
          شياڭگاڭ «ئەدەبىي مەجمۇئەلەر گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زەيكا ۋىرۇسى داۋاملىق تۈردە ئامېرىكا قىتئەسىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكىدا بىر قانچە كۈن بۇرۇن يەرلىكتىكى تۇنجى يۇقۇملانغۇچى بايقالغان، يەنە...
Powered by Leglek