نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «باھا ئۇرۇشى» تاكتىكىسى كارغا كەلمەسلىكى مۇمكىن

بۇلتۇر خەلقئارادا ماي باھاسى قاتتىق چۈشكەن بولسىمۇ، نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەسلىدىكى مەھسۇلات مىقدارىنى ئۆزگەرتمەسلىك بازار تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، شىددەتلىك «باھا ئۇرۇشى» ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ سىلانېتىس ماي ئىشلەپچىقىرىشىغا بېسىم قىلىپ، بازار ئۈلۈشىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولدى.
2015-يىلىنىڭ باشلىرىدا بۇ تاكتىكا دەسلەپكى ئۈنۈمگە ئېرىشكەندەك قىلدى. بۇ تەشكىلات 16-مارت ئېلان قىلغان دوكلاتتا پەرەز قىلىنىشىچە، تۆۋەن ماي باھاسى ۋە يۇقىرى بۇرغىلاش تەننەرقىنىڭ تەسىرىدە، ئامېرىكىدىكى ئىشلەۋاتقان خام نېفىت قۇدۇقلىرى بارغانسېرى ئازىيىدىكەن ھەمدە 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكىنىڭ خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى تۆۋەنلەيدىكەن، بۇ خام نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇللا سەلىم بەدرىمۇ مۇنداق دەپ قارىدى: تۆۋەن ماي باھاسىنىڭ داۋاملىشىشى ئامېرىكىنىڭ سىلانېتىس ماي سانائىتىگە خېلى زور دەرىجىدە پاسسىپ تەسىر يەتكۈزىدۇ، خەلقئارا ماي باھاسى بۇ يىل كۆرۈنەرلىك ئۆسىدۇ.
ئەمما خەلقئارادا ماي باھاسى راستىنلا نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۆلچەرلىگەندەك كۆرۈنەرلىك ئۆسەمدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابىدىن ئانچە ئۈمىدلىنىپ كەتكىلى بولمايدۇ.
بىرىنچى، يېقىندا خەلقئارادا ماي باھاسىنىڭ ئۆسۈش ۋەزىيىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى، بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ بىرى يېقىنقى مەزگىلدە ئامېرىكىنىڭ خام نېفىت قۇدۇقلىرىنىڭ سانى 986گە ئازىيىپ، 2011-يىلى 6-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشكەن بولسىمۇ، مەھسۇلات مىقدارى مۇقىم بولدى، ئۇدا تۆۋەنلەش كۆرۈلمىدى.
ئامېرىكا ئېنېرگىيە ئۇچۇرلىرى مەھكىمىسى مۇنداق دەپ قارىدى: ئۆتكەن نەچچە يىلدىكى بۇرغىلاش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنىڭ دۆلەت ئىچى خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرقىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىسى بولدى، بولۇپمۇ تەننەرقى نىسبەتەن يۇقىرى بولغان سىلانېتىس گاز قېزىشتا ئىجابىي رول ئوينىدى.
ئىككىنچى، ئامېرىكا ئېنېرگىيە ئۇچۇرلىرى مەھكىمىسى ئېلان قىلغان دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ نېفىت زاپاس ساقلاش ئەسلىھەلىرى ئۈزلۈكسىز كۆپەيگەن، پات يېقىندا توشىدىكەن، بۇ خەلقئارا خام نېفىت باھاسىنى تېخىمۇ ئېغىر تۆۋەنلەش بېسىمىغا ئۇچرىتىدىكەن.

ئۈچىنچى، تېخنىكا قاتلىمىدىكى تەسىردىن باشقا، خەلقئارا نېفىت باھاسى يەنە سىياسىي مۇقىمسىزلىقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. ھازىر ئىران بىلەن ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدىكى ئالتە دۆلەت 7-ئايدىن بۇرۇن جەنۋەدە ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمىنى ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلماقتا، كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان ھامان، غەربنىڭ ئىرانغا يۈرگۈزگەن نېفىت ئىمبارگوسى خېلى زور دەرىجىدە بوشىتىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئىراننىڭ خام نېفىت ئېكىسپورتى كۆرۈنەرلىك كۆپىيىدۇ، بۇمۇ خام نېفىتنىڭ بازار تەمىناتىنى مۇئەييەن دەرىجىدە كۆپەيتىپ، باھاغا تۆۋەنلەش بېسىمى پەيدا قىلىدۇ.
نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېڭى تېخنىكىنى سىلانتېس ماي قېزىشقا ئىشلىتىشنىڭ خەلقئارا خام نېفىت بازىرىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى 2012-يىلى ئاندىن تۇنجى قېتىم ئېتراپ قىلدى. ئىككى يىلغا يەتمەيلا، خام نېفىت قېزىش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى خەلقئارا بازارغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتتى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەرنىڭ «باھا ئۇرۇشى» تاكتىكىسىدا نېفىت سانائىتىدىكى يېڭى تېخنىكىنىڭ خەلقئارا بازار تەمىناتىغا بولغان تەسىرىگە سەل قارالغان، شۇڭا ئۇنىڭ باھا ستراتېگىيەلىك نىشانى كۆپۈككە ئايلىنىشى مۇمكىن.
دۇنيا بانكىسىنىڭ بىر دوكلاتىدا: نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا خام نېفىت بازىرىغا بولغان تەسىرى تېخنىكا يېڭىلاش ھەمدە ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىۋاتقان بازارنىڭ خىرىسىغا ئۇچرايدۇ، دەپ قارالدى.
نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولمىغان نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا خام نېفىت بازىرىدىكى ئۈلۈشى بارغانسېرى ئازايماقتا. بۇ تەشكىلاتنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، ئىراق ۋە نېگىرىيەنىڭ 2-ئايلىق خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئازايغانلىقتىن، بۇ تەشكىلاتنىڭ شۇ ئايدىكى كۈندىلىك خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى 140 مىڭ باك ئازىيىپ كەتكەن. ھازىر بۇ تەشكىلاتنىڭ خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنىڭ دۇنيادىكى ئۈلۈشى %32.1كە چۈشۈپ قالغان. ناۋادا بۇ تەشكىلات بۇ يىللىق نېفىت مەھسۇلات مىقدارى يىغىنىدا مەھسۇلاتنى ئازايتىشنى قارار قىلسا، بۇ بىر ئازابلىق قارار بولىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ بازار ئۈلۈشى يەنىمۇ تۆۋەنلەپ، تەسىر كۈچى يەنىمۇ ئاجىزلايدۇ.



خەتكۈچلەر:
18-03-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek