ئۇيقۇ سۈپىتىنىڭ ياخشى ياكى ناچار بۇلىشى بىزنىڭ سالامەتلىكىمىزەە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھازىرقى زاماندا نۇرغۇن كىشلەردە ئۇخلىيالماسلىق كېسىلى بار ، بەلكىم بۇنڭ سەۋەبى تۇرمۇش ئادىتى رېتىمىنىڭ قالايمىقان بۇلۇشى ،ۋە خىزمەت ئۆگىنىش بېسىمىنىڭ ئېشىپ كېتىشى بۇلىشى مۇمكىن ، بىراق باشقا ئامىللارنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ، مەسلەن، ياتاق ئۆيىنىڭ تېمپۇراتۇرسى دېگەندەك. ئۇنداقتا ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان يەتتە ئامىل قايسى؟
بىرىنىچى، يۇرۇقلۇق، غۇۋا يۇرۇقلۇق ئۇيقا سۈپىتىگە ياردەم بېرىدۇ
ئادەتتە ئىنسانلار غۇۋا يۇرۇقلۇق بولغان شارائىتتا ئاسانلا ئۇيقۇ ھالىتىگە ئۆتەلەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇخلاشتىن بۇرۇن ياتاق ئۆي ئىچىدىكى لازىمسىز كۈچلۈك يۇرۇقلۇق نۇرىنى يوقىتىش كېرەك، چۈنكى كۈچلۈك يۇرۇقلۇق كۆزگە چۈشكەندىن كېيىن ، بىۋاستە چوڭ مېڭىنىڭ ئۇخلاش خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇنىڭدىن سىرىت يەنە غۇۋا بولغان يۇرۇقلۇق ئۇخلاشقا ياردەم بېرىدۇ.
ئىككىنچى ئاۋاز، تىنىچ مۇھىت ئۇخلاش سۈپىتىدىكى مۇھىم ئامىل
ئەگەر سزى ئۇخلىماقچى بولغان مۇھىتنىڭ ئاۋازمىقدارى70 دېتسىبېلدىن ئېشىپ كەتسە، بۇ ئاۋاز ئۇخلاش سۈپىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئاۋاز مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك.
ئۈچىنچى ھاۋا
ھاۋانىڭ ساپ بۇلۇش بولماسلىقى ئۇيقۇ سۈپىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆي ئىچى ھاۋاسىنىڭ ساپ پاكىز بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك ، ئەگەر ھاۋا ياخشى ئالماشماي ، ئۆيدە غەيرى پۇراق كۆرۈلسە بۇ سىزدە بىرخىل دىمىقلىق ۋە بىئاراملىق تۇيغۇسىنى شەكىللەندۈرۈپ قۇيىدۇ.
تۆتىنچى تېمپۇراتۇرا
ئادەتتە ياتاق ئۆي تېمپۇراتۇرسىنىڭ بەك يۇقىرى ياكى بەك تۆۋەن بۇلىشى ئۇيقۇ سۈپىتىگە بىۋاستە تەتسىر يەتكۈزىدۇ، يازدا ياتاق ئۆينىڭ تېمپۇراتۇرسى 25 سېلىتسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولسا نورمال بۇلىدۇ. ئەگەر بەك ئىسسىق بۇلۇپ كەتسە ئۇخلىيالمايسىز ياكى، ئارلىقتا كۆپ ئويغىنىپ كېتىسىز، بەك سوغۇق بولسا پۇت قول مۇزلاپ ئۇخلاش قىيىن بولىدۇ ياكى خاتىرجەم ئۇخلاش تەسكە چۈشىدۇ.
بەشىنچى نەملىك
ئۆي ئىچىنىڭ نەملىك دەرىجىسىمۇ خۇددى تېمپۇراتۇرىغا ئوخشاشلا مۇھىم. ئادەتتە ياتاق ئۆينىڭ نەملىك دەرىجىسى65% بولسا نورمال بولىدۇ، ھازىرقى ھاۋا تەڭشىگۈچلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە نەملىك تەڭشەش ئىقتىدارى بار بولىدۇ.
ئالتىنچى تىترەش
قاتىىق سىلكىنىش ياكى يۆتكىلىپ يۇرۇش شارائىتى ئۇيقۇنى بۇزسىمۇ ، ئەمما يېنىىك دەرىجىدىكى سىلكىنىش ئۇخلاشقا ياردەم بېرىدۇ، مەسلەن بوۋاقلارنىڭ بۆشىكى.
يەتتىنچى ئۆينى سەرەمجانلاشتۇرۇش
ئادەتتە كارىۋات رەڭگىنى ۋە يوتقان كىرلىكىنىڭ رەڭگىنى ئۆزى ئامراق رەڭدە قىلىش، ئۆي ئىچى بۇيۇملىرىنى ياخشى سەرەمجانلاشتۇرۇشمۇ سىزنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ.
ئادەتتە ئۇخلىغاندا ئۈنلۈك ئاۋازدا ناخشا ئاڭلىماسلىق، تېلفۇن ئوينىماسلىقتىن سىرىت يەنە مۇ شۇ يۇقارقى ئامىللارغىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ——ئىزدەش نامى LEGLEK
![]() |
ساختا دورا سېتىش قىلمىشى خەلقنىڭ ياشاش ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغانلىق.
ماۋ فامىلىلىك بۇ يىل 36 ياش، راڭفېن ناھىيىسىدىن، مەخسۇس كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. 2014-يىللىرى، ماۋ فامىلىلى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved