بىرىنچى خاتا قاراش: چىش ئاغرىسىلا تارتقۇزۇش، چىش ئاغرىقىنى داۋالىتىشنى خالىماي، دوختۇرخانىغا بېرىپلا تارتقۇزۇش.
مۇتەخەسسلەرنىڭ تەكلىپى: چىشنى داۋالاشتا، چىشنى ئاسراشنى ئاساس قىلىش. چىشنى تارتقۇزۇش زۆرۈر بولمىسا تارتقۇزماسلىق كېرەك. چىش ئاغرىۋاتقاندا چىشنى تارتقۇزسا ئاسان ياللۇغلىنىپ قالىدۇ.
ئىككىنچى خاتا قاراش: ئوغۇز چىشنى داۋالىتىش ھاجەتسىز.
بالىلارنىڭ ئوغۇز چىشىنىڭ ياخشى-يامان بولۇشى ماڭلاي سۆڭىكىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، پۈتۈن بەدەننىڭ قۇۋۋەت قوبۇل قىلىش ۋە ئۆمۈرلۈك چىشىنىڭ ئۆسۈپ چىقىشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
مۇتەخەسسىلەرنىڭ تەكلىپى: بالىلار ئۈچۈن بولسىمۇ ئوغۇز چىشقا ياخشى مۇئامىلە قىلايلى.
ئۈچىنچى خاتا قاراش: چىش يۇيدۇرسا چىش ئۇپرايدۇ.
بەزى بىمارلار چىش يۇيدۇرسا چىشنىڭ ئېمال قەۋىتىگە زىيان يېتىدۇ، دەپ چىشىنى قەرەللىك يۇيدۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ.
مۇتەخەسسلەرنىڭ تەكلىپى: ھازىر چىش يۇيۇشتا ئىمپورت قىلىنغان ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنى ماشىنىسى ئىشلىتىلىدۇ، چىش ئۇلتىرا ئاۋاز ئارقىلىق تىترىتىپ تازىلانغاچقا ئۇپرىمايدۇ.
تۆتىنچى خاتا قاراش: داۋالاش مۇددىتىنى قىسقارتىش.
چىش داۋالاشقا مەلۇم مۇددەت كېتىدۇ، ئەھۋالى يەڭگىل بولسا بىر قېتىمدىلا داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ، چىش يىلتىزى تومۇرىنى ئۈچ، تۆت قېتىم داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ، بۇنىڭغا ئىككى ھەپتىدىن ئۈچ ھەپتىگىچە ۋاقىت كېتىدۇ.
مۇتەخەسسلەرنىڭ تەكلىپى: ۋاقىتنى قىسقارتىش داۋالاشقا پايدىسىز.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved