كۇۋەيتتە رەسمىي زىيارەتتە بولىۋاتقان ئىراق زۇڭلىسى ئابادى تۈنۈگۈن: ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىنى يېڭىشقا تولۇق ئىشەنچىسى بارلىقىنى بىلدۈردى: ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىراق پات يېقىندا ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتى ئىگىلىۋالغان بارلىق ئىراق زىمىنىنى ئازات قىلىدۇ. ئىراق تېررورچىلارغا زەربە بېرىشتە ئىلگىرلەشلەرگە ئېرىشتى، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى قوراللىق كۈچلىرى ئىگىلىۋالغان بىر قىسىم بازىلاردىن چېكىنىشكە باشلىدى.
ئىراق بىلەن كۇۋەيتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى چەكسىز ئىستىقبالغا ئىگە، ئىراقنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى مەزكۇر رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ قوللىشى ۋە ھەمكارلىشىشىغا مۇھتاج. ئۇ يەنە كۇۋەيتنىڭ نەچچە كۈن ئاۋال ئىراقنىڭ كۇۋەيتكە بېرىدىغان تۆلىمىنى قايتۇرۇش ۋاقتىنى كەينىگە سۈرۈشكە قوشۇلغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved