2014-يىللىق نوبېل ‹‹فىزىكا مۇكاپاتى ›› غا ئېرىشكەن ئاكاساكى ئىسامۇ (سولدا) ، ئامانو خىروشى (ئوتتۇرىدا) ، ناكامۇرا شۇجى (ئوڭدا)
خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى : ياپونىيە ئېقىم مەسىلىرى ئاگېنتلىقىنىڭ 11-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 10-دېكابىر چۈشتىن كېيىن سائەت 4:30 دا 2014-يىللىق نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى شىۋېتسىيەنىڭ ستوكھولمدىكى بىر مۇزىكا زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن . ياپونىيە مېيجو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ئاكاساكى ئىسامۇ (85 ياش) ، ياپونىيە ناگويا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ئامانو خىروشى (54 ياش) ، ئامېرىكا كالفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ناكامۇرا شۇجى (60) قاتارلىق ئۈچەيلەن 2014-يىللىق نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا نائىل بولغان .
بۇ ئۈچ نەپەر ئالىمنىڭ كۆك نۇرلۇق LED نى كەشىپ قىلغانلىق شەرىپىگە 2014-يىللىق نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى بېرىلگەن . كۆك نۇرلۇق LED نى تېخىمۇ مۇھىت ئاسرايدىغان ئاق رەڭلىك نۇر مەنبەسى ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولىدىغان بولۇپ ، يەر شارى دائىرىسىدە يورۇتۇش تەننەرخىنى تۆۋەنلەتكەن . نوبېل مۇكاپاتى باھالاش كومىتېتىنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن : 20-ئەسىردە چوغلانما لامپا يورۇتۇلغان بولسا ، 21-ئەسىردە LED لامپىسى يورۇتۇلىدۇ .
لەگلەك تور تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved