ھىندىستان ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇلۇپ قالامدۇ؟

2010 – يىلى ئوباما تۇنجى قېتىم ھىندىستاندا زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن، 2015 – يىلى 25 – يانۋاردىن 27 – يانۋارغىچە يەنە بىر قېتىم ھىندىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، ئامېرىكا تارىخىدىكى ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە ئىككى قېتىم ھىندىستاندا زىيارەتتە بولغان زۇڭتۇڭغا ئايلاندى.


بۇنىڭدىن بىر ئاي بۇرۇن، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ھىندىستاندا زىيارەتتە بولدى ھەم ھىندىستان بىلەن نەچچە مىليارد دوللار قىممىتىدە سودا توختامى ئىمزالىدى، بۇنىڭ مەزمۇنى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى، نېفىت ۋە مۇداپىئە ئىشلىرى ھەمكارلىقى قاتارلىق مۇھىم ساھەلەرگە چېتىلىدۇ.
پۇتىن ئەمدىلا قايتىپ كېتىشىگە، ئوباما يېتىپ كەلدى. ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرى تورىنىڭ ئېيتىشىچە، ئوبامانىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ مەقسىتى ––– ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە مۇناسىۋىتى يامانلاشقان ھەم يېقىندىن بۇيان سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى سەۋىيەسىگە يەتكەن ئەھۋالدا، رۇسىيەنىڭ ھىندىستاندىكى تەسىرىنى چەكلەش، دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ.


بۇنىڭغا رۇسىيە قاراپ تۇرمىدى. ئامېرىكىدا چىقىدىغان ‹‹مۇداپىئە خەۋەرلىرى››گېزىتى تور بېكىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئوباما زىيارەتتە بولۇشتىن بىر ھەپتە بۇرۇن، رۇسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شويگۇ بىلەن ھىندىستاننىڭ يېڭى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بارىكا سۆھبەتلەشكەن، بۇ سۆھبەتنىڭ قارالمىسى 5 – ئەۋلاد كۈرەشچى ئايروپىلان ھەم يېنىك تىپتىكى ئاممىباب تىك ئۇچار ئايرۇپىلان قاتارلىق مۇھىم مەزمۇنلارغا چېتىلىدىكەن.


26 – يانۋار، پۇتىن ھىندىستان زۇڭتۇڭى ۋە زۇڭلىسىغا يوللىغان ھىندىستان جۇمھۇرىيىتى كۈنىگە ئالاقىدار تەبرىك تېلېگراممىسىدىمۇ رۇسىيەنىڭ ھىندىستان بىلەن بولغان ئالاھىدە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق – ھەمراھلىق مۇناسىۋەتنى ئىنتايىن قەدىرلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ھىندىستان ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ يېقىنچىلىق قىلىشىغا قارىتا، ھەر ئىككىسىنى قارشى ئالدى، بىرەرسىنى رەنجىتىپ قويمىدى. بىر تەرەپتىن مودى ئوباماغا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىلەن ھىندىستان ئۆزئارا يېڭى ئىشەنچكە ئىگە بولدى ۋە ئۇزاققىچە بىر بىرىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى، بىزنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك سەپىرىمىز باشلاندى، يەنە بىر تەرەپتىن، 2014 – يىلى 12 – ئايدا پۇتىن ھىندىستاندا زىيارەتتە بولغاندا، مودى رۇسىيەنى ھىندىستاننىڭ ئەڭ مۇھىم مۇداپىئە قورال – جابدۇقلىرى بىلەن تەمىنلىگۈچى دۆلەت، دېگەنىدى.
ئىقتىسادنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ھىندىستان بازار يوشۇرۇن كۈچى ناھايىتى زور ۋە ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك ئورۇنغا ئىگە دۆلەت بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۇكرائىنا كىرىزىسى سەۋەبلىك مۇناسىۋىتى يىرىكلەشكەن ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ تالىشىش ئوبيېكتىغا ئايلاندى. بىراق بۇنىڭدا ھىندىستاننىڭمۇ ئويلىغىنى بار.


بۈگۈنكى كۈندە ھىندىستان ئامېرىكا بىلەن يېقىنلىشىش ئارقىلىق، بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا بىلەن يادرو ھەمكارلىقى ساھەسىدە مەلۇم بۆسۈشكە ئىگە بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئىلغار تېخنىكىسىغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ئۆتكۈر قوراللارنى ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتنى ئىندەككە كەلتۈرۈپ، ھەربىي قورال – ياراغ ئىمپورتىدا رۇسىيە بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىقنى ئۈمىد قىلىدۇ.


مودى ھۆكۈمىتىنىڭ تۈپ مەقسىتى يەنىلا ھىندىستاننى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ھىندىستاننىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇش. يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ ئاسىيانى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى بىلەن ھىندىستاننىڭ شەرققە يۈزلىنىش ئىستراتېگىيەسى بىر بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ھىندىستان ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئاسىيانى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىدىكى مۇھىم ئورنىنى ئوبدان بىلىدۇ، شۇنداقلا بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئامېرىكىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشنى، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ھەتتا يەر شارى ساھەسىدە تېخىمۇ چوڭ رول ئويناشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېقىنچىلىق قىلسا، ھىندىستان تەبىئىيلا بۇنى قوبۇل قىلىدۇ.


ئەلۋەتتە، ھىندىستان يېڭى دوستنى كۆرۈپلا، كونا دوستتىن يىراقلاشمايدۇ. رۇسىيە بىلەن ھىندىستاننىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئۇزاقتىن بېرى شەكىللەنگەن. ئىككى دۆلەت سىياسىي، ھەربىي ساھەلەردە باشتىن ئاخىر زىچ ھەمكارلىقنى ساقلاپ كەلگەن. بۈگۈنكى كۈندە رۇسىيە بىلەن غەربنىڭ سۈركىلىشى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ۋەزىيەتتە، ھىندىستان يەنىلا رۇسىيە بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتنى ساقلىماقتا، بۇ كونا دوستلارغا قىيىن كۈنلەردە ياردەم بەرگەنلىكتىن باشقا يەنە ئۆزىنىڭ مەنپەئىتىنى ئويلاشقانلىق ھېسابلىنىدۇ.


تەھلىلچىلەر مۇنداق قارىدى: ھىندىستان بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھازىر قارىماققا باشقىچە خىيالىي يوقتەك كۆرۈنىدۇ، لېكىن ئىككى تەرەپنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىلغار تېخنىكىلىرىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشنى خالىماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەردە يەنىلا ئىختىلاپى بار. ئوخشاشلا، ھىندىستان بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋىتىنىمۇ مۇتلەق ياخشى دېگىلى بولمايدۇ.
مۇشۇنداق ئەھۋالدا، ھىندىستانغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، رۇسىيە ۋە ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ––– ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، بۇ مودى ھۆكۈمىتىنىڭ كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيە سىياسىتىگە باب كېلىدۇ.

 


ئامېرىكا بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان مۇناسىۋىتىگە نەزەر


ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ھىندىستاندىكى قىسقىغىنا زىيارىتىنى تۇيۇقسىز ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، 27 – يانۋار ھەشەمەتلىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ رىيادقا بېرىپ، ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈۋېلىشنى ئەمدىلا تاماملىغان ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىتتىپاقدىشى بولغان سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى زىيارىتىنى باشلىدى.
ئوباما سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پايتەختى رىيادتا بىر نەچچە سائەت توختىغاندا، يېڭى پادىشاھ سالماننىڭ كۈتۈۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى، مەرھۇم پادىشاھ ئابدۇللانى ياد ئەتتى. ۋاقىت قىسقا بولسىمۇ، ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولدى. ئوبامانىڭ ۋاپات بولغان خەلقئارا سىياسىيونلارنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا ئۆزى باشلامچى بولۇپ قاتنىشىشى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان ئىش.
ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ھەشەمەتلىك سىماسى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. سەئۇدى ئەرەبىستانى ئاممىسىمۇ ئوبامانىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى بەس – مۇنازىرە قىلىشتى، بەزىلىرى ماختىدى، بەزىلىرى تەنقىد قىلدى، بەزىلەر سەئۇدى ئەرەبىستانى ئامېرىكىغا بەك تاينىۋالدى، ئامېرىكىنى باش شىركەت دېسەك، سەئۇدى ئەرەبىستانى شۆبە شىركەت، چوڭ خوجايىن ئوباما شۆبە شىركەتنىڭ نورمال يۈرۈشۈۋاتقان – يۈرۈشمەيۋاتقانلىقىنى تەكشۈرگىلى كەلدى، دەپ مەسخىرە قىلىشتى. يەنە بەزىلەر ئامېرىكا پەقەت سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ نېفىتىگىلا كۆڭۈل بولىدۇ، دېيىشتى.


شۈ كۈنى ئوباما بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ يېڭى پادىشاھى نۆۋەتتىكى ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى توغرىسىدا، ئوباما بىلەن بىر سائەتتىن كۆپرەك سۆھبەتلەشتى، ئىراق ۋە ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى››رادىكال تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىغا زەربە بېرىش، يەمەندىكى قالايمىقانچىلىق، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى، سۇرىيە ۋەزىيىتى توغرىسىدا مۇزاكىرىلەشتى.
ئامېرىكىنىڭ بىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئوباما بىلەن سالمان نېفىت بازىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان. ئۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش سۈرئىتىنى ئۆزگەرتىشنى ئۈمىد قىلمايدۇ، گەرچە 2014 – يىلى 6 – ئايدىن باشلاپ، نېفىت باھاسى تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، ئامېرىكا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى ساقلىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ يەنە ئىككى تەرەپنىڭ نېفىت باھاسىنى مۇزاكىرە قىلمىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
رېيتېر ئاگېنتلىقى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: گەرچە ئامېرىكىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ نېفىت ئېكسپورتىغا تايىنىشچانلىقى بەلگىلىك ئازايغان بولسىمۇ، سەئۇدى ئەرەبىستانى ئۆتكەن يىلدىن بۇيان، نېفىت ئىشلەپچىقىرىشىدا يۇقىرى مەھسۇلات مىقدارىنى ساقلاپ كەلدى، بۇ تەدبىر خەلقئارادا نېفىت باھاسىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىۋەتتى. بۇ ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئىران ۋە رۇسىيەگە بولغان بېسىمنى زورايتىدۇ.
ئوباما نېمە ئۈچۈن سەپىرىنى ئۆزگەرتىدۇ؟ فىرانسىيە ئاگېنتلىقى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: ئابدۇللا 2005 – يىلى تەخت ۋارىسى بولغاندىن بۇيان، سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىزچىل ئامېرىكىنىڭ ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى ئاساسلىق ئىتتىپاقدىشى بولۇپ كەلدى. 1 – قېتىملىق پارس قولتۇقى ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بېك فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، پەقەت سەئۇدى ئەرەبىستانىنىلا بىر پارچە مۇقىم زېمىن، دېيىشكە بولىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانى كىشىلىك ھوقۇق ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش جەھەتتىكى نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئامېرىكىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى، ئەمما، ئوتتۇرا شەرق قالايمىقانچىلىقى قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدا تۇرۇۋاتقان پەيتتە، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ قوللىشى ئامېرىكا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. بەزى ئوبزورلاردا: ئىتتىپاقدىشىغا ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا بەزى مەسىلىلەرنى قەستەن كۆرمەسكە سېلىۋالدى، دېيىلدى.


سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىران ۋە سۇرىيە باشىر ئاساد ھۆكۈمىتىگە دۈشمەنلىك بىلەن قاراپ كەلدى. ئوباما ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن ئىران بىلەن ھەمكارلىشىپ، كېڭىشىش ئارقىلىق يادرو مەسىلىسى توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى ئويلىدى، يەنە بىر تەرەپتىن ئەسكەر چىقىرىپ سۇرىيەگە زەربە بېرىشنى رەت قىلدى. ئامېرىكا بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىدە بۇ سەۋەبلىك بەزى سۈركىلىشلەر بولدى. بىراق، ئورتاق مەنپەئەتنىڭ تۈرتكىسىدە، ئىككى دۆلەت يەنىلا ئىتتىپاقلىق مۇناسىۋىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ سابىق پادىشاھى ئابدۇللا بىلەن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىراق ۋە ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› رادىكال تەشكىلاتىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىشنى قارار قىلغانىدى.

 


يەمەننىڭ يارىشىش مۇساپىسى ئېغىر سىناققا دۇچ كەلدى


يەمەن زۇڭتۇڭىنىڭ قوغدىنىش قىسىمى بىلەن قوساي قوراللىق تەشكىلاتى 19 – يانۋار پايتەخت سانانىڭ جەنۇبىدىكى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى ئەتراپىدا قوراللىق توقۇنۇشتى. توقۇنۇشتا 88 كىشى قازا قىلدى ۋە يارىلاندى. ئارقىدىن ئىككى تەرەپ سۆھبەتلەشتى. ئەمما قوساي قوراللىق تەشكىلاتى يەمەن زۇڭتۇڭىدىن ئاساسىي قانۇن لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قاتتىق تەلەپ قىلدى. تەھلىلچىلەر: بۇ ئالغا ئىلگىرىلىشى ئاستا بولۇۋاتقان ئۈچ يىللىق سىياسىي يارىشىش مۇساپىسىنى ئۈزۈپ قويۇشى مۇمكىن، دەپ كۆرسەتتى.
يەمەننىڭ ئاخبارات مىنىستىرى سەكاف 20 – يانۋار مۇنداق دېدى: قوساي قوراللىق كۈچلىرى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى ۋە زۇڭلى مەھكىمىسى قاتارلىق مۇھىم ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنى قورشىۋالدى ھەم ئەتراپتىكى ئېگىز بىنالاردىن زۇڭتۇڭ، زۇڭلى مەھكىمىلىرىگە قارىتىپ ئوق ئاتتى. شۈ كۈنى چۈشتىن كېيىن قوساي قوراللىق كۈچلىرى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنى ئىگىلىدى. سەكاف مۇنداق دېدى: زۇڭتۇڭ ھادى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە نۆۋەتتىكى كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، قوساي قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ خادىملىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى ھەم قوساي قوراللىق كۈچلىرىدىن زۇڭتۇڭ ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرىنى قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلدى.


قوساي قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى ئابدۇللا مالىك قوساي 20 – يانۋار كەچتە تېلېۋىزوردا سۆز قىلىپ، يەمەن ھۆكۈمىتىنى مەملىكەتلىك يارىشىش سۆھبىتىنىڭ نەتىجىسىگە خىلاپلىق قىلدى ھەم 2014 – يىلى 9 – ئايدا ئىمزالىغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى، دەپ ئەيىبلىدى، خەلقنىڭ كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. گەرچە ئۇ سۆزىدە زۇڭتۇڭ ھادىنى ‹‹ھۆكۈمەت نامىنى سېتىپ، ئۆز مەنپەئىتىگە چوغ تارتتى›› دەپ ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى تەكىتلىدى.
بۇ قېتىمقى قوراللىق توقۇنۇشنىڭ پىلتىسى ––– پات ئارىدا ئېلان قىلىنىدىغان يېڭى ئاساسىي قانۇن لايىھەسى بولدى. لايىھەگە ئاساسەن، يەمەن ئالتە ئىشتاتقا بۆلۈنىدۇ. ئەمما قوساي قوراللىق تەشكىلاتى يەمەننى جەنۇب ۋە شىمالىدىن ئىبارەت ئىككى ئىشتاتقا ئايرىشتا چىڭ تۇردى ھەم شىمالدىكى ئىشتاتنىڭ كونترول ھوقۇقىنى بېرىشنى تەلەپ قىلدى. 17 – يانۋار قوساي قوراللىق تەشكىلاتى ھۆكۈمەتنىڭ مەملىكەتلىك يارىشىش سۆھبىتى كومىتېتىغا يېڭى ئاساسىي قانۇن لايىھەسىنى سۇنۇشىنى توستى، بۇ خىزمەتكە مەسئۇل بولۇۋاتقان زۇڭتۇڭ ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئەھمەد بىن مۇبارەكنى تۇتقۇن قىلدى.


2011 – يىلى يەمەندە قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىپ، سابىق زۇڭتۇڭ سالىھ خىزمىتىدىن ئىستېپا بەردى. 2012 – يىلى 2 – ئايدا يەمەن زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزدى، ئابدۇلرەئۇب مەنسۇر ھادى يېڭى زۇڭتۇڭ بولدى. 2013 – يىلى 3 – ئايدا ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت مەملىكەتلىك يارىشىش سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى ھەم ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە تۇتۇش قىلدى. تىنچ يارىشىش سۆھبىتىنىڭ مۆھلىتى يېرىم يىل بولدى، ئەمما ھەر قايسى مەزھەپلەر 2014 – يىلى 1 – ئايدا ئاندىن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، يەمەننىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنىڭ بىر تۈزۈمدىن قوشما ئىشتات تۈزۈمىگە ئۆزگىرىشىگە قوشۇلدى. دۆلەت بىر قانچە ئىشتاتتىن تەركىب تاپقانلىقتىن، ھازىرغىچە 21 ئۆلكە ۋە بىر بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر قايتىدىن ئالتە ئىشتات قىلىپ ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە تېخىمۇ چوڭ ھوقۇق بېرىلدى.


سەكافنىڭ قوساي قوراللىق تەشكىلاتىنى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىماقچى، دەپ ئەيىبلىگەنلىكىگە قارىتا، سانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىيشۇناسلىق پىروفېسسورى نەجىپ خالىب مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: قوساي قوراللىق تەشكىلاتى دۆلەتنى ئىدارە قىلالمايدۇ، ئۇلار بۇ نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك. ھازىر كىرىزىسنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى ––– بارلىق پارتىيە – گۇرۇھلار يارىشىپ، ئارمىيەنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئاندىن سايلام ئارقىلىق ھوقۇقنى تىنچ تاپشۇرۇپ بېرىشنى مۇزاكىرە قىلىشتىن ئىبارەت. نەجىپ مۇنداق دېدى: زۇڭتۇڭ ھادى بىردىنبىر خەلق سايلىغان زۇڭتۇڭ، خەلقئارا جەمئىيەتمۇ ئېتىراپ قىلغان، ھەر قانداق سىياسىي ئۆزگىرىش خەلقئارا ياردەمنى ئۈزۈپ قويۇشى مۇمكىن. گەرچە 2012 – يىلىدىن بۇيانقى سىياسىي يارىشىش زور ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان بولسىمۇ، بۇ قوساي قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ يەمەنگە ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمەيدۇ.



خەتكۈچلەر:
08-02-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek