بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
ب د ت نىڭ ئالاھىدە بەلگىلەنگەن ئادەتتىكى قورال ئەھدىنامىسى مۇتەخەسسىسلەر يىغىنى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى جەنۋەدە ئېچىلغان ئىدى . تۆت كۈن ئېچىلىدىغان بۇ يىغىندا جانغا زامىن بولغۇچى قورال سىستېمىسى -يەنى بىز دائىم ئېيتىدىغان قاتىل ماشىنا ئادەم مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ . بۇنداق قاتىل ماشىنا ئادەم كەلگۈسىدىكى جەڭگاھتا ئادەتتىكى قورال دەپ بەلگىلىنەمدۇ ؟ قاتىل ماشىنا ئادەمنى قانداق توسۇش ۋە كونترول قىلىش كېرەك ؟ ئەگەر قاتىل ماشىنا ئادەم كونتروللۇقىنى يوقاتسا ،ئەڭ قورقۇنۇچلۇق ئاقىۋەت قانداق بولىدۇ ؟
يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى بۇ قېتىمقى يىغىندا مۇھاكىمە قىلىنغان مەزمۇن . بۇ قېتىمقى يىغىنغا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالىملىرى ، ھۆكۈمەت ۋە مۇناسىۋەتلىك زاتلار قاتناشتى . ئۇلار قاتىل ماشىنا ئادەمنى چۆرىدىگەن ھالدا ، تېخنىكا قانۇن نەزەرىيە ۋە ھەربىي ئىشلار جەھەتتىن مۇھاكىمە قىلدى .يىغىن ئاخىرىدا مۇتەخەسسىسلەر دوكلاتى تەييارلىنىپ ، بۇ يىلقى ئالاھىدە بەلگىلەنگەن ئادەتتىكى قورال ئەھدىنامىسىنى تۈزگەن دۆلەتلەر يىغىنىغا قاراپ چىقىشقا سۇنۇلىدۇ .
ئالاھىدە بەلگىلەنگەن ئادەتتىكى قورال ئەھدىنامىسى ئىنسانپەرۋەرلىككە يات ئادەتتىكى قوراللارنى ئىشلىتىشنى چەكلەش ۋە توسۇشنى مەقسەت قىلغان ،خەلقئارا شەرتنامە بۇلۇپ ،قاتىل ماشىنا ئادەم ئىنسانلارغا خاس پىسخىكىنى ھازىرلىمىغان بولغاچقا ،زۆرۈر بولمىغان قىرغىنچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . تەپەككۇر بولمىغان ئۇرۇشنى ھەممىسى ماشىنا شەكلىدىكى قىرغىنچىلىق ،ھەر قانداق بىر ھاياتلىقنى جۇدا قىلىشتا ئەستايىدىل ئويلىنىشقا توغرا كېلىدۇ .سوغۇققانلىق بىلەن چوڭقۇر تەپەككۇر قىلغاندىلا ئاندىن ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى ھاياتلىقنىڭ قىممىتىنى ،شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ غۇرۇرىنى قوغداپ قالغىلى بولىدۇ .
قاتىل ماشىنا ئادەم ئادەتتە كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى ۋە سېنزور قۇرۇلمىسى ئارقىلىق كونترول قىلىنىدۇ . ئادەم مەشغۇلات قىلمىسىمۇ بولىدىغان ،نىشاننى ئاپتوماتىك پەرقلەندۈرەلەيدىغان ،دۈشمەن ئەھۋالىغا ھۆكۈم قىلىپ دۈشمەننىڭ ئۆلتۈرەلەيدىغان ماشىنا ئادەمنى كۆرسىتىدۇ . گەرچە بىز ئۇنى ماشىنا ئادەم دېسەكمۇ ، ئەمما ئۇنىڭ تاشقى قىياپىتى ئىنسانلارغا پۈتۈنلەي ئوخشاپ كەتمەيدۇ .مەسلەن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ،ھەيدىگۈچىسىز تانكا قاتارلىقلار قاتىل ماشىنا ئادەم ئارىسىدىكى تۈرگە كىرىدۇ .
قاتىل ماشىنا ئادەم ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىشتىكى ئەڭ يادرولۇق بىر نۇقتا ئۇنىڭ بۇيرۇقىسىز ئەھۋالدا ئۆز ئالدىغا نىشانغا ھۆكۈم قىلىپ ،نىشاننى يوقىتىش يوقىتالماسلىق جەريانىنى كۆرسىتىدۇ . ھازىر ئامېرىكا ئەنگلىيە ۋە كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەر پۈتۈنلەي ئاپتوماتلاشقان قاتىل ماشىنا ئادەمنى ياساۋاتىدۇ ياكى ياساپ چىقتى .
ئامېرىكا زور مەبلەغ سېلىپ تەتقىق قىلىپ ياسىغان X-47Bتىپلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىچىدىكى ئۇرۇش ئايروپىلانى دەپ ئاتىلىدۇ ، بۇنداق ئايروپىلان سۈنئىي ئەقلى ئىقتىدارنىڭ ياردىمىدە ئۆز ئالدىغا ئۇچالايدۇ ،تەپەككۇر قىلالايدۇ ، تۈزىتىش پىلانى تۈزەلەيدۇ . لىنىيىنى تەڭشەپ ۋەزىپە ئىجرا قىلالايدۇ . دۈشمەننى يىراق مۇساپىلىق بومباردىمان قىلىش ۋە زەربە بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۆتىيەلەيدۇ . ئەنگلىيە يېڭىدىن تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان ‹گۈلدۈرماما ئىلاھى › ناملىق ئۇچقۇچىسىز ئۇرۇش ئايروپىلانى ،بەلگىلەنگەن ئۇچۇش لىنىيىسى بويىچە ئىلگىرلىيەلەيدۇ . ئۇنىڭغا قاچىلانغان سىستېما ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ سىيرىلىپ مېڭىشى ئۇچۇشنى كونترول قىلالايدۇ ، ھەمدە ھەرقانداق تەھدىت Jhs,ياكى باشقا ھەر قانداق كۈتۈلمىگەن ئەھۋالغا ئىنكاس قايتۇرالايدۇ .
ئۇ يەنە ئىزدەش رايونىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئەڭ ياخشى لىنىيىنى ۋە نىشاننى بېكىتىپ بېرەلەيدۇ . نىشانغا ئۆز ئالدىغا زەربە بېرىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان .ئەمما ھازىر بىخەتەرلىك ئامىلىنى كۆزدە تۇتقاندا ئۆز ئالدىغا زەربە بېرىش ئىقتىدارى ناھايىتى ئۇزاق بىر مەزگىلگىچە ئېچىلمايدىكەن .چاۋشىيەن كورىيە ھەربىي چېگرىسى 38-پاراللېل سىزىقى ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان كورىيەنىڭ SJR-1ناملىق قاراۋۇل ئادەم ئىنفرا قىزىل نۇرى سېنزورىدىن پايدىلىنىپ نىشاننى پەرقلەندۈرەلەيدۇ . كۈندۈزى نىشاننى پەرقلەندۈرۈش دائىرسى ئۈچ كىلومېتىردىن ئاشىدۇ ،كېچىسى بولسا بىر يېرىم كىلومېتىردىن ئاشىدۇ .قاراۋۇل ناملىق ماشىنا ئادەمگە سەپلەنگەن ئاپتومات ئۈچ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى نىشانغا زەربە بېرەلەيدۇ .
ھەمدە تاجاۋۇز قىلغۇچىغا رېزىنكە ئوق ئېتىپ ئاگاھلاندۇرىدۇ .ئەمما ھازىر قاراۋۇل ناملىق ماشىنا ئادەم يەنىلا قولدا مەشغۇلات قىلىشقا تايىنىدۇ .ھەمدە يەنىلا ئاپتوماتىك ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە .ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئەزگۈچى ناملىق ھەيدىگۈچىسىز ئاپتوموبىلنىمۇ تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ .ئۇ ئالتە چاقلىق بۇلۇپ ،خېلى كۆپ سىناقلاردىن ھالقىپ ئۆتەلەيدۇ .
1.2 مېتىر ئېگىزلىكتىكى پاكار تامدىن يامىشىپ ئۆتەلەيدۇ . ئەزگۈچى ناملىق ئاپتوموبىل كۆپ خىل سېنزور بۆلەكلىرى ۋە سانلىق مەلۇماتنى بىرلەشتۈرۈش ئىقتىدارى ئارقىلىق دۈشمەن ۋە ئۆز تەرەپنىڭ پۇقرالىرى ئارىلىشىپ كەتكەن ئەھۋالدا ئادەمنىڭ چىرايى ،كىيىنىش ۋە قورالنىڭ تىپىنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ .ھەمدە ھۆكۈم قىلىپ ھۇجۇم قوزغىيالايدۇ .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 3-مارت، ئىسرائىلىيە تېلئاۋېف، خەلق ئاممىسى ئوتتۇرا دېڭىزدا لەگلەك بىلەن دولقۇن تېيىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved