رۇسىيە ئاگېنتىلىقىنىڭ 9-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە: رۇسىيە پىرېزىدېنتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، رۇسىيە فېدىراتسىيەسىنىڭ پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پوروشىنكونىڭ ئۇچرىشىش مەسىلىسىنىڭ مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقانلىقىنى، سۆھبەتنىڭ مىلاندا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇمكىنلىكىنى، سۆھبەتنىڭ ئىككى تەرەپلىك شەكىلدە ياكى كۆپ تەرەپلىك ئۆتكۈزۈلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بۇندىن ئىلگىرى، رۇسىيە پىرېزىدېنتىنىڭ ياردەمچىسى، پۇتىننىڭ مىلاندا ئاسىيا ياۋروپا باشلىقلىرى ئۇچرىشىش مەزگىلىدە ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى مەسلىسىدە، گېرمانىيە باش مىنىستىرى مىركىل، فرانسىيە پىرېزىدېنتى ھوللاندى ۋە ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پوروشىنكو بىلەن ئۇچرىشىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved