گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 14-چېسلا چۈشتىن كېيىن موسكۋادىكى كرېملسارىيىدا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى.
لى كېچياڭ ئالدى بىلەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي سالامى ۋە ياخشى تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇپ كەلدى، بىر-بىرىنىڭ ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىغا ھۆرمەت قىلىپ كەلدى، يادرولۇق مەنپەئەت مەسىلىسى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەردە بىر-بىرىنى قوللاپ كەلدى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىياتلارغا ئېرىشمەكتە.
جۇڭگو-رۇسىيە زۇڭلىلىرىنىڭ قەرەللىك ئۇچرىشىشى 19 قېتىم ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى ۋە مۇقىملىقىنى تولۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يېڭىلا ئاخىرلاشقان ئۇچرىشىشتا مول نەتىجىلەر قولغا كەلدى، بۇ ئىككى دۆلەت ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ راۋاجلىنىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved