70يىلدىن كېيىنكى تەۋەرۈك ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ قولىغا قايتتى

ئەسلى تېما :70 يىلدىن كېيىن فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان جەڭچىلەرگە ماددىي ئەشيا توشىغان جەرياندا قازا قىلغان ئۇچقۇچىدىن قالغان تەۋەرۈك ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ قولىغا قايتتى


بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .1944-يىلى 29-ئۆكتەبىر ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ 14ئايروپىلانى ئەنگىلىيىدىن ئۇچۇپ ئالبانىيىدىكى فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشقا ئاتلانغان جەڭچىلەرگە ماددىي ئەشيا توشىغان .ئەمما پەقەت 12 ئايروپىلانلا ئوڭۇشلۇق قايتىپ كېلەلىگەن .يەتمىش يىلدىن كېيىن شۇ جايدىكى بىر كەنت ئاھالىسى تەمىنلىگەن يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىر بىرلەشمە ئىزدەش گۇرۇپپىسى ئالبانىيىدىكى بىر تاغ باغرىدا ئايروپىلاننىڭ قالدۇقىنى تاپتى .شۇ جاي ۋاقتى 9-مارت ئىزدەش گۇرۇپپسى ئالاھىدە مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ئۇلاردىن قالغان تەۋەرۈكلەرنى تاپشۇرۇپ بەردى .


كىشنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى ئىزدەش خادىملىرى نەق مەيداندىن ئايروپىلاننى پەرق ئېتىدىغان ئايروپىلان خادىملىرىنىڭ سالاھىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق يىپ ئۇچىغا ئېرىشەلمىدى .ئايروپىلان قالدۇقلىرى داتلىشىپ كەتكەن بۇلۇپ ئۇلار پەقەت بۇزۇلۇپ كەتكەن ماتور ئارقىلىق قىسمەن تەرتىپ نومۇرىنى پەرق ئېتەلىگەن .بارلىق يىپ ئۇچى ئىچىدە ھەممىدىن مۇھىم بولغىنى جۇچى ۋە جون دېگەن خەتلەر ئۇيۇلغان ئۈزۈك بولدى .بۇ ئۈزۈكنى 1960-يىلى شۇ جايدىكى بىر كەنت ئاھالىسى بايقىغان بۇلۇپ ئۇ ئوغلى بىلەن بۇ ئۈزۈكنى ساقلاپ كەلگەن ،ھەمدە كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىشنى ئۈمىد قىلغان .ئۇ مۇنداق دېدى :>1971-يىلى توي قىلغان چېغىمدا بۇ ئۈزۈكنى كۆرگەن ،دادام ماڭا ئۇنى سوۋغا ئورنىدا بەرگەن .دادام ئۇ ئۈزۈكنى بەرگەندە بۇ ئۈزۈكنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىش كېرەكلىكىنى ئېيتقان ،ئۇ ماڭا ئۈزۈكنى قانداق تېپىۋالغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى <.


بۇ ئۈزۈك ئەسلىدە ئۇچۇش مېخانىكى سېرجان جون پومپىسوننىڭ بۇلۇپ ئۇ خوتۇنى بىلەن 1944-يىلى ئىيۇندا توي قىلغان .توي قىلىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن ئۇ چەتئەلگە ئۇرۇش قىلىشقا كەتكەن ۋە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان كىشىلەرگە ئ.ئەشيا توشۇش جەريانىدا بەختكە قارشى قازا قىلغان .ئۇنىڭ تۇل قالغان خوتۇنى ئۇرۇشتىن كېيىن باشقا بىرسىگە ياتلىق بۇلۇپ 1995-يىلى قازا قىلغان .شۇڭا 9-مارتتىكى تاپشۇرۇپ بېرىش مۇراسىمىدا ئۇنىڭ 92-ياشقا كىرگەن ئاتىسى خېۋىر بۇ كېچىككەن خاتىرە بۇيۇمىنى تاپشۇرۇپ ئالدى .


لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى : LEGLEK



خەتكۈچلەر:
12-03-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
يېقىندا شەندۇڭ ئۆلكىسى دۇڭيىڭ شەھىرى لىجىن ناھىيىلىك ئارخىپ ئىدارىسى بەش پارچە يەر-زېمىن سېتىش-سېتىۋېلىش توختىمى  ۋە بىر پارچە يەر-زېمىن ئىسپاتىنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ۋاقتى  ئەڭ بۇرۇن    بولغان توختام ...
26-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:    سۈرەتتە: 1991- يىلى 9- ئاينىڭ 21- كۈنى، باكۇدىكى بىر پۇقرا رۇسىيە بولشېۋىكلىرىنىڭ ئىنقىلابىي داھىيسى لېنىننىڭ سۈرىتىنى پالتا بىلەن چاناۋاتىدۇ.    1991- يلى 12- ئاينىڭ 25- كۈنى، سوۋېت...
24-05-2016
    لېنىنگرادنى مۇھاسىرىگە ئېلىش ئۇرۇشى بولسا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ناتسىست گېرمانىيەسى لېنىنگراد ( ھازىر سانكىت پېتىربورگ دەپ ئاتىلىدۇ) نى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن يولغا قويغان ھەربىي ھەرىكەت. مۇھاسىرىگە ئېلىش 1941-يىلى9-ئاين...
24-05-2016
    ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلبىسى جۇڭگونىڭلا ئەمەس ،بەلىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭمۇ كۆپلىگەن بايلىقى تالان -تاراج قىلىنغان ،بۇنىڭ ئىچىدە دۆلىتىمىزنىڭ تالان -تاراج قىلىنغان بايلىقى ھەممىدىن كۆپ ھەم بۇيۇملارنى...
23-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 22-ماي، ئېرۇسالېم، ئىسرائىلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بىر تۈركۈم رەڭلىك تاش جەسەت ساندۇقى قاپقىقىنى مىسىرغا قايتۇرۇپ بەرگەن بولۇپ، ئىسرائىلىيە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ب...
12-05-2016
1980-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى، سادام ۋە ئۇنىڭ مەسلىھەتچىسى ئىران-ئىراق چېگرا مەسىلىسى توغرۇلۇق بىر قېتىملىق يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى چاقىردى. يىغىندا، ئۇلار بىر ھەپتىدىن كېيىن ئىرانغا ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش قوزغاشنى قارار قىلدى. بۇنىڭدىن...
11-05-2016
    ھىتلېرنىڭ نۇتۇق سۆزلەشنى مەشق قىلىۋاتقان چاغدا تارتىلغان بۇ سۈرەتلەر 1925-يىلى تارتىلغان، ھىتلېر بۇ سۈرەتلەرنى كۆرگەندىن كېيىن خوفماندىن نېگاتىۋىنى كۆيدۈرۈۋېتىشىنى تەلەپ قىلغان، ئەمما ئۇ ھىتلېرنىڭ دېگىنىدەك قىلمىغان. بە...
11-05-2016
     بۇ بىر يۈرۈش غەلىتە قىياپەتتىكى ماشىنىلارنىڭ سۈرىتىنى كۆرگەندىن كېيىن نېمە دېيىشنى بىلمەي قالىسىز، مەلۇم فانتازىيەلىك ھېكايىمىكىن دەپ قالماڭ، ئەمەلىيەتتە بۇ سۈرەتلەر بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە تارتىلغان، بۇ غە...
02-05-2016
 يېقىندا جىڭجۇ ئارخېئولوگىيە خادىملىرى جىڭجۇ رايونىنىڭ ساۋشياۋ يولى گاۋلۇ كەنتى 7-گۇرۇپپىسى ئەتراپىدىكى سۇمۇرۇغ خارابىلىقىدىكى غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئىلگىرىكى مەزگىلىگە تەۋە بىر قەبرىنى قازغان. بۇ قەبرە 2000 يىللىق تارىخقا ئىگە...
29-04-2016
    يېقىندا، مۇخبىرنىڭ بورتالا ئوبلاستلىق مەدەنىيەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات مەركىزى يېقىندا بورتالادىكى 3000 يىل ئىلگىرىكى چوڭ تىپتىكى خارابىلىككە قارىتا قېزىش خىز...
Powered by Leglek