OPPO شىركىتى تۈنۈگۈن A تۈرىدىكى گەۋدىىسى مېتالدىن ياسالغان چوڭ ئېكرانلىق يانفون- OPPO A53 نى رەسمىي بازارغا سالدى. بۇ يانفونغا يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى 5.5 دىيۇملۇق ئېكران، 64 بىتلىق سەككىز يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ، 2GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 16GB لىق ئاساسى سىغىم بوشلۇقى، 13 مىليون پېكسىللىق كەينى يۈزى ئاساسى كامىراسى، 5 مىليون پىكسىللىق ئالدى يۈزى قوشۇمچە كامىراسى سەپلەنگەن بولۇپ، سىرتقى كۆرۈنۈشى ئالاھىدە، سېتىۋېلىشقا ئەززىيدىغان مەھسۇلات. OPPO A53 نۇسخىلىق يانفوننىڭ سىرتقى قېپىغا نەپىس ئاليۇمىن بىرىكمە ماتېرىيالى ئىشلىتىلگەن.
كونكېرت سەپلىمىلىرىگە 5.5 دىيۇملۇق يايى شەكىللىك ئېكران، 64 بىتلىق كۇۋالكۇم سىناپدىراگون 616 تىپلىق سەككىز يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ، 2GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 16GB لىق ئاساسى سىغىم بوشلۇقى، 13 مىليون پېكسىللىق كەينى يۈزى ئاساسى كامىراسى، 5 مىليون پېكسىللىق ئالدى يۈزى قوشۇمچە كامىراسى، 3075 مىللى ئامپىرلىق باتارىيە سەپلەنگەن، تېز سۈرئەتتە زەرەتلەش ۋە 128GB لىق مىكرو تىپلىق SD كارتىسىنى قوللاش ئىقتىدارىغا ئىگە. بۇنىڭدىن باشقا OPPO شىركىتى ئۆزى تەتقىق قىلىپ چىققان يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ئاۋاز تېخنىكىسى قوللىنىلغان بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ناخشا مۇزىكا ئاڭلاش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەيدۇ. مەشغۇلات سېستىمىسىغا Android 5.1 ئاساسىدىكى ColorOS 2.1 نەشرى قاچىلانغان، كۆچمە خەۋەرلىشىش تور نۇسخىلىقىنىڭ سېتىلىش باھاسى 1799 يۈەن، ئۇنۋېرسال تور نۇسخىلىقىنىڭ سېتىلىش باھاسى 1999 يۈەن، نۆۋەتتە مەملىكىتىمىز ئىچىدىكى چوڭ دۇكانلاردا بازارغا سېلىندى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved