جاھان ئاگېنتلىقى 4-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا پرېزىدېنتى بىراك ئوباما، كېنىيەنىڭ شەرقى شىمالىدىكى گارىسسا ئۇنىۋېرستىتىغا قارىتىلغان ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن قايغۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كېنىيە پرېزىدېنتى ئۇھۇرۇ كېنياتتاغا تەزىيە بىلدۈردى. ئاق سارايدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئوباما كېنىيە پرېزىدېنتى كېنياتتاغا تېلېفون قىلىپ، ئالدىنقى كۈنى ئۇنىۋېستىتتا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەنى ئەيىبلىدى ۋە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن ئۆزى ۋە ئايالى نامىدىن تەزىيە بلدۈردى.
ئوباما، ئامېرىكىنىڭ تېرورلۇق ھۇجۇمىغا قارشى كېنىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ يېنىدا تۇرىغانلىقىنى تەكىتلەپ، كېنياتتا بىلەن بۇ يىل ئىيۇندا نايروبىدا ئۇچرىشىش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ۋە تېرورغا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىشىپ، رايۇن ئۈچۈن تىنچ ۋە خاتىرجەم بىر كىلەچەك يارىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كېنىيەنىڭ شەرقى شىمالىدىكى گاررىسا ئۇنىۋېرسىتىتىدا «ئەش شاباب» ھەرىكتىى قۇراللىقلىرى تەرىپىدىن ئالدىنقى كۈنى يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا، كۆپ سانلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 147 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved