خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونلۇق بوكس تەنھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىدىن ئىگىلىنىشىچە، 29-ماي ئاخىرلاشقان 2015-يىللىق مەملىكەتلىك ئەرلەر بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ كوماندىسى جەمئىي بىر ئالتۇن مېدال، 3 مىس مېدال، ئىككى ماھىر بەشىنچى بولۇشتەك نەتىجە ياراتتى، مېدالغا ئېرىشكەن 4 ماھىر ئاسىيا بوكس لەۋھە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگو بوكس كوماندىسىغا تاللاندى.
2015-يىللىق مەملىكەتلىك ئەرلەر بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى 24-مايدىن 29-مايغىچە شەنشى ئۆلكىسى شيەنياڭ شەھەرلىك تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، 10 دەرىجە بويىچە ئېلىپ بېرىلدى، مەملىكەت بويىچە 38 كوماندىدىن 270 تىن ئارتۇق تەنھەرىكەتچى مۇسابىقىگە قاتناشتى.
شىنجاڭ كوماندىسى 15 تەنھەرىكەتچى قاتناشتۇرغان بولۇپ، مۇھەممەتتۇرسۇن چوڭ 69 كىلوگراملىقلار بويىچە رەقىبلىرىنى بىر-بىرلەپ يېڭىپ چېمپىيون بولدى.
ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىللىق ئاسىيا بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى بۇ يىل 7-ئايدا تايلاندنىڭ باڭكوكتا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved