شەندۇڭ ئۆلكىسىدە باسقۇنچىلىق جىنايىتى بىلەن تۈرمىدە يېتىپ، بۇ يىل 7-ئايدا قويۇۋېتىلگەن فاڭ 11-ئاينىڭ 28-كۈنى يەنە بىر قېتىم قاتىللىق جىنايىتى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ ئايالى، 12 ياشلىق نەۋرە ئىنىسى ۋە شۇ كەنتتىكى ئىككى ئايالدىن ئىبارەت تۆت ئادەمنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. لۇشى ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ھەر بىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئائىلىگە 30 مىڭ يۈەن دەپنە ھەققى ۋە 300 كىلوگرام گۈرۈچ تارقىتىپ بەرگەن بولۇپ، نۆۋەتتە فاڭ لۇشى ناھىيىسىدىكى ساقچىلار تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلدى.
فاڭ xx نىڭ دادىسى فاڭ يۈنجۇنىڭ دېيىشىچە، چوڭ ئوغلى فاڭ 19 ياش ۋاقتىدا مۇشۇ كەنتتىن ئۆيلەنگەن بولۇپ، ئۈچىنچى بالىسى تۇغۇلغاندىن كېيىن شەندۇڭغا ئىشلىگىلى كەتكەن. فاڭ يۈنجۇنىڭ مىجەزى ئىتتىك بولۇپ، قىمار ئويناشقا ئامراق ئىكەن.
ئۇزۇن ئۆتمەي فاڭ شەندۇڭدا باسقۇنچىلىق جىنايىتى بىلەن تۆت يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، تۈرمىدىكى ۋاقتىدا باشقىلار بىلەن ئۇرۇشقاچقا ئاخىرىدا بەش يىل يېتىپ چىققاندىن كېيىن ئۆيىگە قايتىپ كەتكەن.
11-ئاينىڭ 27-كۈنى كەچتە، ئوغلى بىر توپ كىشىلەرنى چاقىرىپ قىمار ئوينىغان، ئىككىنچى كۈنى فاڭ يۈنجۇ ئوغلىغا تەنبىھ بەرگەن. ئەمما ئوغلىنىڭ چۈشتىن كېيىن ئۆيىدە ئادەم ئۆلتۈرۈشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.
فاڭ يۈنجۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ بىر ئۆمۈر ياخشى ئىشلارنى قىلغان بولۇپ، ئەمدىلىكتە ئوغلىنىڭ قىلغانلىرىدىن بېشىنى كۆتۈرەلمەي يۈرەتتى.
يەننىڭ ئايالى مۇشۇ قېتىملىق ۋەقەدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بىرى. يەننىڭ دېيىشىچە، 11-ئاينىڭ 28-كۈنى ئايالى ئىككىسى خوشلاشقاندىن كېيىن، ئايالى چوڭ قىزىنى ئېلىپ بازارغا ئوقۇش قوراللىرى سېتىۋالغىلى كەتكەن. چۈشتىن كېيىن سائەت 3 دە ئايالىنىڭ قايتىپ كەلمىگەنلىكىنى كۆرگەن يەن ئايالىغا 50 نەچچە قېتىم تېلېفون ئۇرغان، ئەمما ئىزچىل ئۇلانمىغان. كەينىدىن ئۇ چوڭ قىزىنى تاپقان. قىزى:«ئاپام فاڭنىڭ ئايالى لياڭ بىلەن كالا گۆشى يېگىلى كەتتى» دېگەن.
يەن شۇاڭشيۇ بۇ يىل 24 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئېرى فەن بىلەن بىللە گۇاڭجۇدا ئىشلەمچىلىك قىلاتتى. توققۇز ياشلىق چوڭ ئوغلى ئاغرىپ قالغاچقا لۇشىغا قايتىپ كەلگەنىدى. لۇشىغا قايتىپ كېلىپ تۆت كۈندىن كېيىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى.
![]() |
يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved