پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس 19-مارت، ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىيتانىياخۇنىڭ يېقىندا قىلغان پەلەستىننىڭ دۆلەت قۇرۇشىغا قارشى تۇرىدىغان گەپ سۆزلىرى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەگەر ئىش راستتىنلا نىيتانىياخۇ ئېيتقاندەك بولسا، ئۇنداقتا بۇ يېڭىدىن قۇرۇلغان ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 1967-يىلىدىكى چېگرا سىزىقى ئاساس قىلىنغان، شەرقىي ئېروسالىم پايتەخت قىلىنغان پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىي قارىشى يوقلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئۇ مۇنۇلارنى قايتا تەكىتلىدى: پەلەستىن خەلقئارالىق قارارنى ئىجرا قىلىشنى داۋاملىق تەلەپ قىلىدۇ، بىزنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىگە بېرىپ، خەلقئارا قانۇننىڭ بىزنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىمىزنى ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىمىز بار.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved