بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى بويىچە يۇقۇرى دەرىجىلىك خادىملار ئىشخانىسى 28-ئىيۇل جەنۋە ۋە كىيىفتا ئۇكرائىنانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى دوكلاتنى بىرلا ۋاقىتتا ئېلان قىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى بويىچە يۇقۇرى دەرىجىلىك خادىمى پىللاي ئاخبارات ئېلانىدا مۇنداق دېدى: مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ MH17 بەلگىلىك ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈش قىلمىشى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ، بۇنىڭدىن ئۇرۇش جىنايىتى شەكىللىنىشى مۇمكىن. ئۇ بۇ ۋەقەنى تېزدىن تەلتۈكۈس، ئۈنۈملۈك، مۇستەقىل، ئادىل تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
ئۇكرائىنادا كىرىزىس پارتلىغاندىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۇكرائىناغا كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، ئۇكرائىنانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە قەرەللىك دوكلات ئېلان قىلىپ تۇردى، 28-ئىيۇل ئېلان قىلىنغىنى 4-دوكلات بولۇپ، بۇ 8-ئىيۇندىن 15-ئىيۇلغىچە بولغان كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved