رونالدو قالپاق كەيدى، خان مادرىد غەلبە قىلدى

پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى

 

بېيجىڭ ۋاقتى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى سەھەر ۋاقتى 1:00 بولغاندا ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 37-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئىسپانىيىلىكلەر كۇلۇبىنىڭ مەيدانىدا خان مادرىد كۇلۇبى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە كىرىستىيانو رونالدو قالپاق كەيدى، مارسىلو بىر توپ كىرگۈزدى.ئىسپانىيىلىكلەر كۇلۇبىدىن زاپاس ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان سىتۇنىيا بىر توپ كىرگۈزدى. ئاخىردا خان مادرىد كۇلۇبى مېھمان مەيداندا 4-1 نەتىجە بىلەن ئىسپانىيىلىكلەر كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلدى.

 

مۇسابىقىنىڭ ئالدىنقى يېرىم مەيداندا ھېچقايسى كوماندا توپ كىرگۈزەلمىدى. مۇسابىقىنىڭ 69-مىنۇتىدا خان مادرىد كۇلۇبى قايتارما ھۇجۇم قوزغىدى. بېنزىما چەكەنگەن رايۇن ئىچىدە رونالدوغا ياردەمچى پاس بەردى، رونالدو توپنى كىرگۈزدى. رونالدو بۇ توپ بىلەن خان مادرىد كۇلۇبىنىڭ كۇلۇپ تارىخىدىكى ئىككىنچى مەرگەنگە ئايلاندى. خان مادرىد كۇلۇبى 1-0 ئىسپانىيىلىكلەر كۇلۇبى.

 

73-مىنۇتتا ئىسپانىيىلىكلەر نومۇرنى تەڭلەشتۈردى.سالسىئو گارسىيا ياردەمچى پاس چىقاردى. سىتۇنىيا توپ كىرگۈزدى. خان مادرىد كۇلۇبى 1-1 ئىسپانىيىلىكلەر كۇلۇبى.

 

79-مىنۇتتا خان مادرىد كۇلۇبى يەنە ئېشىپ كەتتى. رونالدو بىلەن مارسىلو چىرايلىق ماسلىشىپ توپنى چەكلەنگەن رايۇن ئىچىگە ئېلىپ كىردى. ئاخىرقدا رونالدو ياردەمچى پاس بەردى، مارسىلو توپ كىرگۈزدى. خان مادرىد كۇلۇبى 2-1 ئىسپانىيىلىكلەر كۇلۇبى.

 

83-مىنۇتتا خان مادرىد كۇلۇبى نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى. ئېرناندىس توپنى ئالغاندىن كېيىن ئوتتۇرا يولغا تاشلىدى. رونالدو سۈرئەت بىلەن كىرىپ توپنى كىرگۈزدى. خان مادرىد كۇلۇبى 3-1 ئىسپانىيىلىكلەر كۇلۇبى.

 

91-مىنۇتتا خان مادرىد كۇلۇبى يەنە بىر توپ كىرگۈزدى. جامىس سولدىن ئوتتۇرغا پاس تاشلىدى. رونالدو كەينى نۇقتىدىن توپنى ئۈسۈپ كىرگۈزدى. بۇ ھەم كىرىستىيانو رونالدونىڭ 25-قېتىملىق قالپاق ئۇيۇنى ئويبىشى ھېسابلىنىدۇ. خان مادرىد كۇلۇبى 4-1 ئىسپانىيىلىكلەر كۇلۇبى. 

 

ئاخىرىدا مۇسابىقە 4-1 نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى.

 

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە قالپاق ئۇيۇنى ئويناپ يەنە بىر ياردەمچى پاس چىقارغان رونالدو پۈتۈن مەيداندىكى ئەڭ يۇقىرى ھەم تۇلۇق 10 نومۇرغا ئېرىشتى.

 

ئىسپانىيىلىكلەر كۇلۇبىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلار:

13-كاسىليا.

19-كىروت.

15-ئاركوت مورىنو.

22-ئارۋالو گانسارىس.

5-ئارۋارىس.

10-گانسارىس.

4-ۋىلكوت سانچىز.

16-شاۋى لوپىس.

23-ئاربىلىيا.

20-كەيسادو.

9-سالسىئو گارسىئا.

 

خان مادرىد كۇلۇبىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلار:

13-ناۋاس.

12-مارسىلو.

2-ۋارانى.

3-پې پې.

15-كالۋاخار.

10-جامىس رودرىگۇس.

8-تونى كىروس.

23-ئىسكو.

7-س رونالدو.

9-بېنزىما.

11-بېل.



خەتكۈچلەر:
18-05-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: پۇتبول تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
03-03-2016
 ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورىنىڭ 2-مارت  خەۋىرى؛   2016-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچ،   2015 – 2016 – يىللىق CBA (جۇڭگو ئەرلەر كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى) پەسىلدىن كىيىنكى يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچۈنچى ئۇچرىشىش مۇسابىق...
02-03-2016
 شىنجاڭ ‹‹ۋوجياڭ›› ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە تۇنجى مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.   1 – مارت 2015 –2016 – يىللىق جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى (WCBA) ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مە...
06-02-2016
      2-ئاينىڭ 5-كۈنى، جىياڭسۇ سۇنىڭ كۇلۇبى 50 مىليون ياۋرو باھادا دونېسىك كان ئشىچىلىرى كۇلۇبىدىن برازىلىيەلىك تېشىرانى سېتىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن سۇنىڭ يۆتكىلىش بازىرىدا ئۈچ نەپەر چەتئەللىك توپچى+ بىر نەپەر يەرلىك توپچى سېتى...
06-02-2016
   «رىم تەنتەربىيە گېزىتى»نى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىتالىيە زەردارى مىلان كوماندىسى بىلەن تايلاندلىق سودىگەر Bee Taechaubol ئوتتۇرىسىدىكى مىلان كۇلۇبىنىڭ پاي چېكىنى سېتىش ۋە سېتىۋېلىش توغرىسىدىكى سودا مەغلۇپ بولغان بولۇپ، مىل...
06-02-2016
       ئالدىنقى ھەپتە پورتۇگالىيەلىك چولپان كىرىستىيانو رونالدو ئالاقە تورىغا ئۆزىنىڭ يۈز شەكلىنى ئۆزگەرتكەن سۈرىتى ۋە سىن كۆرۈنىشىنى يوللىغاندىن كېيىن، ئىجتىمائى ئالاقە تورىدىكى بۇ يۇمشاق دېتال Snapchat نىڭ يېڭى ئىقت...
06-02-2016
      خېڭدا ۋە سۇنىڭ ئارقا-ئارقىدىن يۇقىرى باھادا چەتئەللىك توپچى سېتىۋالدى، باشقا كوماندىلارمۇ ئارقىدا قالمىدى، يۆتكىلىش بازىرىنى كۆپۈك خەۋەر قاپلىدى. تۈركىيە تاراتقۇسى بېيجىڭ گوئەن پات ئارىدا 8 مىلىيون ياۋرو باھادا ...
06-02-2016
        خېڭدا ئورگان تەرەپ جېكسون مارتىنىسنى سېتىۋالغانلىقىنى ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى، «ئاس گېزىتى» نىڭ كۆرسىتىشچە، جېكسون مارتىنىس ئىلگىرى جۇڭگو بىرلەشمىسىگە كېلىشنى خالىمىغان. جېكسون مارتىس نېمە ئۈچۈن ئويىنى ئۆز...
06-02-2016
       ئىسپانىيە زەردارى خانلىق مادرىد ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى شاللاش باسقۇچىغا قاتنىشىدىغان توپچىلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، گورۇپپا مۇسابىقىسىدىكى تىزىملىككە ئوخشىمايدىغان يېرى، چېرشىۋ تىزىملىكتىن چىقىرۋىتى...
05-02-2016
        ئىنتىزام كومېتىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، پەقەت توپچىنىڭ قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش ھەرىكىتىدە كۆرىنەرلىك ئادەم يارىلاندۇرۇش مەقسىتى بار بولۇپ قارشى تەرەپنىڭ ئېغىر يارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەھۋالدا ئاندىن مەسئۇ...
05-02-2016
      ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاھىرجان ئاتاۋۇللا خەۋىرى، فوتوسى: ئون كۈن داۋاملاشقان 2016-يىللىق مەملىكەت بويىچە ئوغۇللار زال ئىچى بەش كىشىلىك پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى 29-يانۋار چۈشتىن كېيىن خەينەن ئۆلكىسىنىڭ خەينەن ئ...
Powered by Leglek