دۇنيا جۇڭيى تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك ئىلمىي جەمئىيەتلىرى بىرلەشمىسى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك كەسپىي كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى ۋە 2-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش يۇقىرى قاتلام مۇھاكىمە مۇنبىرىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 22-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابىتى تېخنىكومىدا ئۆتكۈزۈلدى
تەڭرىتاغ تورى، خوتەن، 22-ئۆكتەبىر خەۋىرى: دۇنيا جۇڭيى تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك ئىلمىي جەمئىيەتلىرى بىرلەشمىسى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك كەسپىي كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى ۋە 2-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش يۇقىرى قاتلام مۇھاكىمە مۇنبىرىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 22-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابىتى تېخنىكومىدا ئۆتكۈزۈلدى.
باشلىنىش مۇراسىمىدا، دۇنيا جۇڭيى تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك ئىلمىي جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە باش كاتىپى لى جېنجى جەمئىيەتكە مىس تاختاي تەقدىم قىلدى، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك مەخسۇس كومىتېتىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقلىرى، كاتىپى، ئەزالىرىغا گۇۋاھنامە تارقىتىپ بەردى، شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئالىي تېخنىكومىنىڭ مۇدىرى قەيسەر ئابدۇكېرىم ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك مەخسۇس كومىتېتىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلاندى.
قەيسەر ئابدۇكېرىم مۇنداق دېدى: ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك كەسپىي كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئىلىم ئالماشتۇرۇش ۋە تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجى، شۇنداقلا ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك ئىلمىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئېھتىياجى، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭيى تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىكى بىلەن مىللىي تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىكنى خەلقئارالاشتۇرۇش مۇساپىسىنى تېزلىتىشنىڭ ئېھتىياجى.
خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى يەن گوسەن مۇنبەرنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا تەبرىك سۆزى قىلدى
دۇنيا جۇڭيى تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك ئىلمىي جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە باش كاتىپى لى جېنجى جەمئىيەت باشلىقىغا گوۋاھنامە بەردى
دۇنيا جۇڭيى تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك ئىلمىي جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە باش كاتىپى لى جېنجى مۇنبەرنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا تەبرىك سۆزى قىلدى
ئۇيغۇر تېبابىتى تارىخىي مۇزېيىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئالىي تېخنىكومى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ياڭ شياۋلىن تەبرىك سۆزى قىلدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئالىي تېخنىكومىنىڭ مۇدىرى قەيسەر ئابدۇكېرىم تەبرىك سۆزى قىلدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى تۇرسۇن ئىبراھىم مۇراسىمدا تەبرىك سۆزى قىلدى
![]() |
پارچە سېتىش باھاسى ھەر كىلوگرامى 6 يۈەن، توپ تارقىتىش باھاسى ھەر كىلوگرامى 4 يۈەندىن بولۇپ، ئۈرۈمچىدىكى ئالما باھاسى 3 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن ھالەتكە چۈشتى.
4-ئاينىڭ 28-كۈنى مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچىدىك...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved