پۇتبول چولپانلىرى بانان يېگەن ھالىتىنى سۈرەتكە تارتىپ ،ئېرىقى كەمسىتىشكە قارشى تۇردى

بەيدۇ تورى خەۋىرى ،لەگلەك تورى تەرجىمىسى .

ئەگەر پۇتبول مۇسابىقىسى مەيدانىدا بىرەيلەن تەنھەرىكەتچىگە قارىتىپ بانان ئاتسا، بۇ ناھايىتى روشەنكى ئېرىقى كەمسىتىشكە ۋەكىللىك قىلىدۇ .چۈنكى ئاق تەنلىكلەر: نېگىرلار ۋە باشقا تەنلىكلەر مايمۇن ،مايمۇن باناننى ياخشى كۆرىدۇ دەپ قارايدۇ شۇڭا بانان ئېتىش كەمسىتىش بىلەن باراۋەر

.

27-ئاپرېل بارسېلونا كوماندىسىنىڭ پۇتبولچىسى ئارۋىس ۋىلار رېئال كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ھاقارەتلەشكە ئۇچرىدى ، بۇ ئىش پۇتبول ساھەسىدە ئېرىقى كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش دولقۇنىنى قوزغىدى .27-ئاپرېل ئىسپانىيە Aدەرىجىلىكلەر پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 35-ئايلانما مۇسابىقىسىدە بارسېلونا كوماندىسى ،رېئال كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشكەن ئىدى .بارسېلونا كوماندىسىنىڭ پۇتبولچىسى ئارۋىس كونىس تەپمەكچى بولغاندا ،كۆرۈش سۇپىسىدىكى تاماشىبىن بانان ئاتتى ،كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرغىنى شۇ بولدىكى ،ئارۋىس خاپا بۇلۇش ئۇياقتا تۇرسۇن يەردىن باناننى ئېلىپ نەق مەيداندا يەۋەتتى .ئارۋىسىنىڭ ھەرىكىتى ئېرىقى كەمسىتىشكە قايتۇرما زەربە بېرىش دەپ قارالدى .بۇ ئىش پۇتبول ساھەسىدە ئېرىقى كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش دولقۇنىنى قوزغىۋەتتى .

ئارۋىسنىڭ ھەمراھى نېۋار ئارقىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتىدە ئوغلى بىلەن بانان يەۋاتقان رەسىمنى ئېلان قىلىپ ،بۇنىڭ بىلەن ئارۋىسنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى .ئۇ يەنە قالدۇرغان سۆزىدە ھەممىمىز مايمۇن دېگەن .ئىتالىيە پۇتبول چولپىنى تېررى ،ئارگېنتىنا پۇتبول چولپىنى ئاگۇيرو ،ئېۋىرپول پۇتبول چولپىنى سۇئارىف ،داۋىتوئىف ،ۋە برازىلىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ سابىق ئەزاسى روبىرىت كارلوس قاتارلىق ئوخشاش رەسىمنى ئېلان قىلدى .ھەتتا ئىتالىيە زۇڭلىسى ۋە نۇرغۇن ئايال چولپانلارمۇ ئۇلارنىڭ قاتارىغا قوشۇلدى .بارلىق كىشىلەر قولىدىكى باناننى ئېگىز كۆتۈرۈپ يۇمۇرلۇق ئۇسلۇبتا ئېرىقى كەمسىتىش قىلمىشىنى ئەيىبلىدى .شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بارسېلونا كوماندىسى 28-ئاپرېل ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ،ئارۋىسنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى .ھەمدە كىشىلەرگە يەنە بىر قېتىم ھۆرمەتلەشنى ئۆگىنىشنى ،ئېرىقى ئايرىمچىلىقنى رەت قىلىشنى ئەسكەرتتى .

رېئال كوماندىسىمۇ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ،بۇ ئىشتىن ئەپسۇسلانغانلىقنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ئارۋسقا بانان ئاتقۇچىنى تاپقانلىقىنى ئېلان قىلدى ، ھەمدە ئۇنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى ،ئۇنىڭ كوماندىسىنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسىگە كىرىشىنى ئۆمۈرلۈك توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .

 

لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
01-05-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
dongqiudi تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    27-ماي سەھەردە ئاياللار ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى. مۇسابىقىدە لىيون ئاياللار كوماندىسى نۇقتا توپ جېڭى ئارقىلىق بۆرە قەلئەسى ئاياللار كوماندىسى...
27-05-2016
سىنا تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:       غەربىي رايون ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 5- مەيدان مۇسابىقىسىدە قەھرىمانلار كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا چاقماق كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقە ئىنتايىن كەسكىن ...
27-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:       ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.     ...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى بېيجىڭدا ئولىمپىك تەييارلىق خىزمىتىدىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ماھارەت تەنتەربىيەسى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ ئەيجيەننىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىملىق ئولىمپىك يىغى...
26-05-2016
    نېيمار بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ تەبرىكلەش پائالىيىتىدە بارسېلونا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ داۋاملىق بارسېلونا كۇلۇبىدا قالىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە مېسسىنىڭ ھەقىقى 1-نومۇ...
26-05-2016
     ئامېرىكا لوڭقىسىنىڭ يۈز يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكا لوڭقىسى مۇسابىقىسى باشلىنىشقا ئاز قالدى، ئارگېنتىنالىق چولپان مېسسى زىيارەت ۋاقتىدا، پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇ نۆۋەتلىك ئامېرىكا لوڭقىسى چ...
26-05-2016
     «تەنتەربىيە سۈرەت گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دورتموند مەشقاۋۇلى تۇھېل بۇ يازدا بۆرە قەلئەسىدىكى گېرمانىيەلىك توپچى شۈرلېنى قوشۇۋالماقچى ئىكەن. شۈرلې 2015-يىلى 1-ئايدا 32 مىليون ياۋرو باھا بىلەن چېلسىدىن ئايرىلىپ ...
25-05-2016
ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:       2016-يىلى 23-ماي ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى سېۋىللا ماھىرلىرى كوماندىنىڭ تەبرىكلەش ئاپتوبۇسلىرىغا ئولتۇرۇپ (Puerta Jerez) رايونىدىكى فونتان مەيدانىدا پۈتۈن شەھەر بوي...
25-05-2016
ۋاڭيى تەنتەربىيەسىنىڭ 24-مايدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:      لېيچىستېر شەھىرى كوماندىسى مۆجىزە يارىتىپ ئىنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدە چېمپىيون بولغاندىن كېيىن، بىرلەشمىدىكى داڭلىق زەردار كۇلۇبلار ئۇنىڭغا كۆز ت...
25-05-2016
ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:   ئەنگلىيەدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مانچېستېر بىرلەشمىسى ۋانگالنى مەشقاۋۇللۇقتىن بوشاتقاندىن كېيىن، مەشقاۋۇل مورىنھو ۋە ئۇنىڭ ۋاسىتىچىسى مېندېز بىلەن كۆر...
Powered by Leglek