ئەنگىليە ‹‹ھەركۈنلۈك پوچتا گېزىتى››نىڭ 5-ئاينىڭ3-كۈندىكى خەۋرىگە ئاساسلانغاندا ،ئامىرىكا چكاگودىكى 24ياشلىق ھامىلدار ئايال مىياتا فېلەن (Miata Phelan) ئوغۇل دوستى بىلەن سودا مەركىزنى ئايلىنۋاتقاندا ئۆزىگە سوۋغات ئېلىپ بىرىلمىگەنلىكىگە نارازى بۇلۇپ ئوغۇل دوستىغا پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۋەتكەن،ھازىر ئۇ بىرىنجى دەرىجىلىك قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن بۇلۇپ،كېپىللىككە قويۇپ بېرىش ھەققى 1 مىليون ئامىرىكا دوللىرى ئىكەن.
سۈيقەسىت قىلىپ ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى يۈز بېرىشتىن ئىلگرى فېلەن ،ئۇنىڭ 28 ياشلىق ئوغۇل دوستى لەررىي مارتىن ،مارتىننىڭ 8ياشلىق ئوغلى لافۇر ۋە مارتىننىڭ 25ياشلىق نەۋرە ئىنسى بىرلىكتە سودا مەركىزگە بېرىپ كۇچا ئايلانغان.فېلەن مارتىننى پەقەت ئوغلى بىلەن ئىنسىغلا سوۋغات ئېلىپ بىرىپ ئۆزىگە ئېلىپ بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن شەخسىيەتچى دەپ ئەيىبلىگەن .
ئۇلار ماشنىسنى ھەيدەپ ئۆيگە قايتىقاندىن كىيىن فېلەن مارتىننى ئۇرۇپ كۈتۈلمىگەن خەتەر يۈز بەرگىلى تاس قالغان.سېتىۋالغان نەرسە كىرەكلەرنى ماشنىدىن چۈشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن فېلەن مارتىننى تىپىپ تاتلاپ يارلاندۇرۇپ تىزلىكتە قېچىپ كەتكەن.مارتىن ئۈچەيلەن فېلەننى قوغلاپ ئۇنىڭ ياتاق ئۆيگىچە بارغان ،بىراق ئۆينىڭ ئىشىكى قۇلۇپلانغان ئىدى.ئەڭ ئاخىردا فېلەن مارتىننىڭلا ئۆيگە كىرشىگە رۇخسەت قىلغان ھەمدە مارتىن ئۆيگە كىرشى بىلەن تەڭلا ئۇنىڭغا پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۋەتكەن.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئېغزىدا :‹‹بۇ سېنىڭ مېنى ئالدىغانلىقڭنىڭ ئاقىۋتى ،مەن سېنىڭ ئۆلۈشىڭنى خالايمەن!››دەپ توۋلىغان.لافۇر ھەممە جەريانغا شاھىد بۇلۇپ تۇرغان.
مارتىننىڭ نەۋرە ئىنسى ئاكسىنىڭ ۋارقىرغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ دەرھال بۆسۈپ كىرىپ ئاكسىنى سىرىتقا ئېلىپ چىقىپ زەخمە ئېغزىنى كۈچەپ باسقان.دوختۇرخانىغا بارغاندىن كىيىن دوختۇرلار مارتىننىڭ ئاللىقاچان بۇ دۇنيادىن خوشلاشقانلىقنى ئېيتقان.لافۇر دادسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ۋەسىيەت سۆزىنى ئاشكارلاپ دادسى :‹‹مەن تېزلا ئۆلۈپ كىتىمەن ، بىراق مەن سېنى سۈيمەن›› دىگەن.فېلەننىڭ ھەدىسنىڭ دىيشىچە،مارتىن دائىم سىڭلىسنى خورلايدىكەن.ئەمما مارتىننىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ دىيشىچە ،ئوغلى فېلەننىڭ مىجەزىنى كونتىرول قىلىشىغا ياردەملىشۋاتقان بۇلۇپ ئۇنى مەشىقلەندۈرۋاتقان ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved