سوخۇ تورى 27-فېۋرال خەۋىرى: ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا تۇيۇقسىزلا تېڭشۈن ئۈندىدار سۇپىسى ئوتتۇرىغا چىقارغان Mac نۇسخىسىدىكى تېرمىنال پەيدا بولغا بولۇپ، weixin.qq تورىدىكى چۈشۈرۈش قانىلىمۇ Mac نۇسخىسىدىكى تېرمىنالنى چۈشۈرۈش كىرىش ئېغىزىنى يېڭىلىغان.
زىيارەت قىلغۇچىلار سانىنىڭ كۆپلىكىدىن بولسا كېرەك، كۆپلىگەن تورداشلاردا مەزكۇر تېرمىنالىنى چۈشۈرگەندىن كېيىن dmg ھۆججىتىنى ئاچالماسلىقتەك مەسىلىلەر كۆرۈلگەن.
قۇراشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، مەزكۇر نۇسخىنىڭ گەرچە تېڭشۈن تەرىپدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان بولسىمۇ، بىراق كىرىش ئۈچۈن يەنىلا ئىككى ئۆلچەملىك كودنى سايىلەش كېرەكلىكىنى، ئىقتىدار جەھەتتە تور بەت نۇسخىسىدىكى تېرمىنال بىلەن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدىغانلىقىنى بايقىغان.
بىردىنبىر تەسەللى بولىدىغىنى، كىرگەندىن كېيىن، يانفون تېرمىنالىدا «نۆۋەتتە ئۈندىدار Mac نۇسخىسى ئىشلىتىلىۋاتىدۇ» دېگەن ئەسكەرتىش ئۇچۇرى كۆرۈنىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved