27-ئىيۇن جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىدىن زوراۋانلىق تېررورلۇق جىنايى ھەرىكەتلىرىنى پاش قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش مېخانىزمى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنى زوراۋانلىق، تېررورلۇققا ئائىت يىپ ئۇچىنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشقا كەڭ تۈردە قوزغاش؛ پاش قىلىشنىڭ ئەمەلىي رولى ۋە ئۈنۈمىگە ئاساسەن، ئاممىنى ئوبدان مۇكاپاتلاش، ۋاقتىدا نەقلەشتۈرۈش ھەمدە پاش قىلغۇچىنى قاتتىق قوغداشنى تەلەپ قىلغان.
ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، ھەر دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەلۇم قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش چارىسىنى تېزدىن تۈزىدۇ ۋە ئېلان قىلىدۇ. تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق ئاممىغا زوراۋان تېررورچى تەشكىلاتلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئەزالىرى، پائالىيەتلىرى، بۇيۇملىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئۇقتۇرۇپ، پەرق ئېتىش ۋە ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئامما نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان ساقچىلارغا مەلۇم قىلسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلسا ياكى 110 ساقچىغا مەلۇم قىلىش تېلېفونى، 12110 ئۇچۇر ساقچى مەلۇم قىلىش سەھنىسى ھەمدە خەت-چەك، ئېلېكتىرونلۇق يوللانما قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق مەلۇم قىلسا، ئالاھىدە ئەھۋالدا باشقا جايدا مەلۇم قىلسا بولىدىكەن. زوراۋانلىق تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى تەشكىللىگەنلار، پىلانلىغانلار، يولغا قويغانلار، بۇنىڭغا قۇتراتقۇلۇق قىلغانلار، زوراۋانلىق تېررورلۇق ھەرىكەتلەرنى مەبلەغ، دېلو سادىر قىلىش قوراللىرى، سورۇن قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەپ ياردەم بەرگەن ۋە قاتناش قوراللىرى قاتارلىقلار بىلەن قولاي شارائىت يارىتىپ بەرگەنلەر ھەمدە باشقا زوراۋانلىق تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىي جىنايى ھەرىكەتلىرىگە چېتىشلىق كىشىلەرنى نۇقتىلىق مەلۇم قىلسا بولىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved