كۆپلىگەن كىشى كۆز چارچاش، كۆز قۇرۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە كۆز دورىسى تېمىتىشقا ئادەتلەنگەن، جۇڭگو تېبابىتى مۇتەخەسسىسلىرى يېقىندا كۆز يېشىنىڭ كۆز چارچاشقا مەنپەئەت قىلىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۇنىڭدىن باشقا كۆز يېشىنىڭ تۆۋەندىكىدەك رولى بار: 1. كۆزنى تازىلاش. كۆزگە غەيرىي نەرسە كىرىپ كەتكەندە، ياش بېزىدىن ئاجرىلىپ چىققان ياش كۆزنى يۇيۇش رولىنى ئويناپ، كۆزگە كىرىپ كەتكەن نەرسىنى چىقىرىپ، كۆز پەردىسىنى قوغدايدۇ.
2. سىلىقلاش. كۆز يېشى مۈڭگۈز پەردە يۈزىدە بىر قەۋەت سۇيۇقلۇق پەردىسى شەكىللەندۈرۈپ، كۆز ئالمىسىنىڭ نەملىكىنى ساقلاپ، كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ.
3. مىكروب ئۆلتۈرۈش. ياش تەركىبىدە كۆپلىگەن مىكروب ئۆلتۈرۈش رولىغا ئىگە ماددىلار بار بولۇپ، مىكروبنىڭ كۆزگە بولغان خەۋپىنى يوقىتىدۇ.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved