مەمەتئابدۇللا ئۆزيا
سېنى تۇنجى ئۇچراتقاندا
رەنانى تۇنجى قـېـتىم پويىزدا ئۇچراتـقانىدىم. ئوقۇشنىڭ تۇنجى يـىـلى بولغـاچقا بىزنى جاپا تارتـىپ قالـمىسۇن دېدىمۇ مەكتەپ بىزگە كارۋاتلىق بــېلەت ئېلىپ بەرگەنىدى.بىراق بىرىمىزگە بىردىن كارۋات توغرا كەلمەيتتى. شۇڭا ئـىككى ئادەمنى بىر كارىـۋاتقا ئورۇنلاشتۇردى. مەن ئـوغـۇلـلارنىڭ ئاخـىرى ئىدىم، ئـىككىدىن تىزىپ كەلـگەندە مـەن يالغۇز قالدىم. مۇئەللىم مەن ئـولتۇرغان كـارىۋاتقا بىر قىزنى ئەكىلىپ قويـدى. ئۇ قىز دەل رەنــا ئىدى. مەن ئۇنـىڭغا ياردەملىشـىـپ نەرسە-كېرەكـلىـرىنى ئورۇنلاشـتۇرۇپ بەردىـم. ئۇ ماڭا تاتـلىـق تەبەسـسـۇمى بىلەن رەھمەت ئېيتتى.
پـويـىـز قـوزغـالـدى. ھـەمـمـەيـلـەنـنـىـڭ تۇنـجى قېـتىم پويىزغا ئولـتۇرىـشىمىز بولغاچقا پويىزنىڭ دەرىزىسىدىن سىرتقا قاراش بىزگە ھۇزۇر بـىـلـىـنىپ كەتكەنىدى. باشقا بالىلار دەرىزە تۈۋىدىكى ئۇرۇننى تالىشىپ ئولتۇرۇشتى. بىراق رەنا تېلىفۇنىنى قولىغا ئېلىپ بىركىملەرگە تېلىفۇن قىلدى.ئۇ دادىسىغا قىلغانىدى.تېلىفۇندا ئۆزىنىڭ ساق سالامەت ئورۇنلىشىۋالغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن ئەنسىرىمەسلىكىنى ئېيتىپ تـېـلـىـفـۇننـى قويـدى. ئانـدىن سـومـكـىـسىدىن مەمـىـتىمىن ھۇشۇرنىڭ ھېـكايىـلەر تـوپلىمىنى ئېلىپ ئـوقۇشقا باشلىدى، مەن ئۆزۈمنىڭ كىتاب ئـېلـىۋالمىغانلىـقىمدىن پۇشايمان قىلدىم، ئەمەلىيەتتە مەنمۇ بىر كىتاب مەسـتانـىسـى ئـىدىم. بۇلۇپمۇ ئۇنـىڭغا ئوخشاش مەمىتىمىن ھۇشۇرنىڭ ھېكايىلىرىگە بەك ئامراق ئىدىم.
دەرىزە تۈۋىنى تالاشـقـانـلار زېرىـكتى بولغاي ئۆز ئورۇنلىرىغا قايـتـىپ كېـلـىـشتى. رەنا كىتابىنى ئېلىپ دەرىزە تۈۋىدىكى ئورۇندۇققا بېرىپ ئولتۇردى ۋە ئـوقـۇشــنى داۋامـلاشـتۇردى. كارۋات ماڭا يالغۇز قالدى. ئاخـشام تەيـيارلىق قـىلىمەن دەپ بەك كەچ ئۇخلىغانتىم، شۇڭا ھـازىر ئـۇخـلـىـۋېـلـىـش قـارارىـغا كەلدىم-دە رەناغا تۇنـجـى بـولـۇپ ئېغـىز ئېچىپ :
ـــــ ھازىر سىز كىتاب ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا بىردەم ئۇخـلىۋالاي، ئـارام ئـالـىدىـغان ۋاقـتـىـڭىزدا مېنى ئويـغىتىڭ،ــــــ دېدىم. رەنامۇ ماڭا قاراپ تۇنجى قېتىم گەپ قىلدى :
ـــــ ھــە ئـۇخـلاۋىـرىـڭ، مـەن تېـخى خېـلى ۋاقـىتقىچە كىتاب ئوقۇيمەن.
ئۇ ئازراق قـىـزارغـانـىـدى، ئەمەلـىـيەتتە مەنمۇ قـىزارغانىدىم. ئۆزۈمـگـە نـاتـونـۇش بىر قىـزغا گەپ قىـلـىـش ماڭـىمۇ ئۇنـچە ئوڭايغا توختىمىغانىدى.
ئۇيقۇمـدىن ئويغىنىپ سائەتكە قارىدىم-دە چۆچۈپ كەتتىم. سائەت ئاللىقاچان كـېچە 12 بولـغانىدى. ھـەجـەپ ئۇزۇن ئۇخلاپتىمەن دېسە. باشقىلار ھەممىسى دېگۈدەك ئۇخلاپ بولغانىدى. پەقەت ئاندا-ساندا بالىلار تـېـلـىـفۇن ئويـناپ ئـولتۇراتتى. بىراق رەنا تېخىچە كىتاب ئـوقـۇۋاتاتتى. مەن ئاسـتا ئۇنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇردۇم. ئۇ كىتابتىن بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرىگىنىچە:
ـــــ ئويغىنىپسىزدە،ـــــ دېدى. يۈزۈم ۋىللىدە قىزاردى.
ـــــ كـەچـۈرۈڭ، ئـاخـشـام سـەل كـېينرەك ئۇخلىغانتىم، بۇنچە ئـۇزاق ئـۇخـلاپ كـېـتـىـشـىـمـنى ئـويـلـىـمـاپـتـىمەن،ـــــ دېدىم ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ.
ـــــ نـېـمـىـگە كـەچـۈرۈم سورايسىز، مەن تېخى بىردەم كىتاب كـۆرىدىـغان تۇرسـام،ـــــ دېـدى ئـۇمـۇ سـەل قـىـزىـرىـپ. مەن خىجىل بولغـان قـىـياپەتتە ئۇنـىڭغا قارىدىم. ئۇ مەندىن كۆزىنى ئۈزۈپ كىتابقا قارىـۋالـدى. مـەن مـۇشۇ پۇرسـەتــتـىن پايدىـلـىنىپ ئۇنىڭغا سىنچىلاپ قارىدىم.
كـەيـنـىـگە تـارىـۋالـغان قـىسقا چېچى يوغان كۆزى ۋە قاپقارا قـېـشـىـغا قۇشۇلۇپ ئۇنى تـېـخـىمۇ چـىرايلىق كۆرسىتەتتى. مەن ئۇنىڭ كـىـتـابنى قۇيۇشـىـنى ساقـلاپ تۇردۇم. بىراق ئۇ كىتابنى قويىدىغاندەك ئەمەس، مەن ئاخىرى چىداپ بولالماي ئۇنىڭغا ئېغىز ئاچتىم:
ـــــ شۇنچە كەچ بۇلۇپ كەتسىمۇ ئۇخلىمامسىز؟
ـــــ ئۇيـقۇم كـەلـمـەيـۋاتىدۇ، شۇڭا يەنە بىردەم كىتاب ئوقۇپ ئاندىن ئۇخـلايمەن،ـــــ دېدى ئۇ كـىتابنى قولىدىن چۈشۈرمەي. « يەنە بىردەم كـىـتاب كـۆرسـىـڭىز سىزگە قاراپ مېنى يەنە ئۇيقۇ تۇتىدىغان ئوخـشـايدۇ » دەپ ئويـلـىدىم ئـىچـىمدە. ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقۇم بار ئىدى، شۇڭا ئۇنى گەپكە تۇتتۇم:
ـــــ بىردەم پاراڭلاشساق بولارمۇ؟
ـــــ پاراڭلاشساق…؟
ـــــ يـاق، يـاق، خـاتـا چـۈشـىنىـپ قالماڭ، ئەمدى ئىككى كۈن بىرگە بولىدىغان گەپ، شۇڭا…
ـــــ بىرگە بولىدىغان…؟
ـــــ ۋاي ئۇنـداق ئـەمـەس، پويـىزدا مەكتەپكىچە بىللە بارىمىز ئـەمـەسـمۇ،ـــــ جـىـددىـيـلـەشـكـىـنـىـمـدىن گـەپـلـىـرىـمـنىمۇ ئوڭشاپ قىلالمايۋاتاتتىم. توۋا، ئوغۇل بالا تۇرۇپ قىز بالىنىڭ ئالدىدا مۇشۇنداق جـىـددىـيـلەشـكـىـنـىمـنى قـارا. رەنـامۇ نـېـمانـداق تـوغـرا چـۈشـىـنـىـپ قويمايدىغاندۇ دەيمەن.
ـــــ چـاقـچـاق قـىـلـىـپ قـويدۇم. مەنـمـۇ قىلىدىغان باشقا ئىش بــولــمـىـغـاچـقــا كــىــتـاب كــۆرۈپ ئــولــتـۇرغـان شـۇ،ـــــ دېـدى ئۇ كۈلۈمـسـىـرىـگـىـنـىـچە. تېخى تۇنـىـمايدىغان بىرىگە چاقچاق قىلغىنىغا قاراپ ئۇنىڭغا
تېخىمۇ قىزىقىپ قالدىم.
![]() |
2016-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى، 2016-يىللىق شەندۇڭ ئۆلكىلىك مەمۇرلۇققا قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى يېزىقچە ئىمتىھانى پۈتۈن ئۆلكە بويىچە بىرلا ۋاقىتتا ئېلىندى.
2016-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى، خۇبېي ئۆلكىسى ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved