ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 6 - ئاۋغۇست ئاخىرلىشىدۇ
2 - ئاۋغۇست ئاپتونوم رايونلۇق ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى خىزمىتى ئىشخانىسى ئاتا - ئانىلار ۋەكىللىرىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى نەق مەيداندىن كۆرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. پائالىيەتكە ئۈرۈمچى، سانجى ئوبلاستىدىن كەلگەن ئاتا - ئانىلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
پائالىيەتتە ئاپتونوم رايونلۇق ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا مەسئۇل خادىم ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ شەرتلىرى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىنى تونۇشتۇردى، ئاندىن ئاتا - ئانىلار ۋەكىللىرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەق مەيدانىنى كۆردى. ئاتا - ئانىلار ۋەكىللىرىدىن ئالىيە ئابلا نەق مەيداندا قىزىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: قىزىم تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە يېڭى چىققان ۋاقتىدىلا، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن، قىزىم تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش ئىمتىھانىدا 639 نومۇر ئالغان ھەم بىڭتۈەن 2 - ئوتتۇرا مەكتەپتىن چاقىرىق كەلگەنىدى، مەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنىڭ ئوقۇتۇش، ياتاق - تاماق شارائىتىنىڭ ياخشىلىقىنى، ئوقۇش جەريانىدىكى ئېتىبار سىياسەتلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، قىزىمنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوقۇتۇشنى توغرا تاپتىم. نەق مەيداندىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ ئادىل، نازارەت ئاستىدا ئېلىپ بىرىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ خاتىرجەم بولدۇم.
ئىگىلىشىمچە، 2015 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىن 40 مىڭ 939 ئوقۇغۇچى ئىمتىھانغا تىزىملاتقان بولۇپ، پىلان بويىچە 9880 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 6 - ئاۋغۇست ئاخىرلىشىدىكەن، 7 - ئاۋغۇست نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved