سۇرىيە سايلىمىنىڭ نەتىجىسى چىقتى، باشار خاتىرجەم ھالدا يەنە زۇڭتۇڭ بولدى، ئوخشاشلا ئامېرىكا يەنە بىر قېتىم مەسخىرە قىلدى. باشارنىڭ قانۇنلۇق سايلانغانلىقى بېكىتىلگەندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەگە قاراتقان سىياسىتى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ.
سۇرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش پارتىلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەگە قاراتقان سىياسىتى ئۈچ باسقۇچنى بېسىپ ئۆتتى.
2011-يىلى 3-ئايدا سۇرىيەدە نامايىش بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئۇنىڭ ئىچىدىكى ۋاستىچى بولۇش قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئەلچىلىرىنى جايلاردا ئۆكتىچى گۇرۇھ بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ، سۇرىيە ھۆكۈمىتىگە تاقابىل تۇردى. ئوباما شۇ يىلى 8-ئايدا باشارنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنلۇقلىقىنى يۇقاتقانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ ۋاقىتتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئوبامانىڭ ھۆكۈمىگە ئىشىنەتتى، باشارنىڭ تەختتىن چۈشۈشى ۋاقىت مەسىلىسى ئىدى. 1-باسقۇچ ئۆز ئىختىيارىنى ئاساس قىلغان ئىدى.
باشار ھوقۇقنى تاپشۇرمىغانلىقتىن، ئوباما 2012-يىلنىڭ بېشىدا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىغا قۇراللىق ئۆكتىچىلەرگە مەخپىي ياردەم بېرىش ھوقۇقىنى بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن بىرىلىشىپ، ھاكىمىيەتنى ئالماشتۇرۇش يۇشۇرۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى ئانناننىڭ ياراشتۇرۇشىنى يۇشۇرۇن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتتى. ئامېرىكا ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ پىلان ئوتتۇرىغا قويدى، كۆپىنچىسىدە دۇشمەننى يۇقىتىش جاسارىتى بار ئىدى، بىر قىسىم غەرب تاراتقۇلىرىمۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي باشار دەۋرىنى مۇنازىرە قىلىشقا باشلىدى. 2-باسقۇچ ئۆزىدىن بەك قانائەتلىنىپ كېتىش بولدى.
ھالبۇكى، باشارغا قىلچە زىيان يەتمىدى، ئاق ساراينىڭ ئىشەنچى داۋالغۇشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ئىچىدە بەزى مۇتەخەسسسلەر مۇنۇلارنى ئاگاھلاندۇردى: باشار ھاكىمىيىتىنىڭ ئاساسى ناھايىتى مۇستەھكەم، بەزى مۇتەخەسسسلەر مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: ئىسلام قۇراللىق ئۇنسۇرلىرى ئۆكتىچى قۇراللىق گۇرۇھتا يىتەكچىلىكنى ئىگىلىدى. ئامېرىكا بۇنىڭ بىلەن سىياسىتىنى تەڭشەشكە باشلىدى، ئۆزى قانۇنلۇق دەپ بېكىتكەن سۇرىيە مەملىكەتلىك كومىتېتىدىن ۋاز كەچتى. بۇ تەشكىلات مۇسۇلمان قىرىنداشلار جەمئىيىتىنىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىپ، سۇرىيە مەملىكەتلىك ئىتتىپاقىغا ۋەكىلىك قىلىشنى ئۈمىد قىلاتتى. ئەمما پۇرسەت كەتتى، ئىسلام ئەسەبى كۈچلىرى، تېررورلۇق تەشكىلاتلار ئۆكتىچى قۇراللىق كۈچلەردىكى يادرولۇق كۈچلەرگە ئايلانغانىدى. ئامېرىكا بۇ نۇقتىنى ئېنىق بىلىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى ئىسلام تەشكىلاتلىرىنى مۇتىدىل ئۆكتىچى گۇرۇھ دەپ بېكىتىپ، ھەربىي مەشىق، ماددى ئەشيا ياردىمى بېرىپ سۇرىيە ھۆكۈمىتىگە قارىتا ئىسكەنجىگە ئېلىشنى يولغا قويدى. ئەمما باشار بۇ مەزگىلدە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سىياسىي، ھەربىي ئىشلاردا تەڭلا غەلبە قىلدى. 3-باسقۇچ، خاتا قىلغان پىتى كېتىۋېرىش بولدى.
ھازىرقى مەسىلە كىررى سۇرىيە سايلىمىدىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ خاتا قىلغان پىتى كىتىۋېرىش باسقۇچىنى داۋاملاشتۇرامدۇ-يوق؟ سۇرىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى قۇراللىق تەشكىلات بولغان ئىسلام فىرۇنتىنىڭ سىياسىي رەھبىرى ئابۇد مۇنداق دېدى: غەرب سۇرىيەدە ئازراق ئىش قىلىمەن دەيدىكەن، ئىسلام فىرۇنتىدىن ئىبارەت ئىسلام قۇراللىق كۈچلىرى بىلەن ئالاقە قىلىشى كېرەك. ئۇ يەنە ئامېرىكىنىڭ ياردەم بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى.
2013-يىلى 11-ئايدا سۇرىيە تەۋەسىدىكى يەتتە ئىسلام قۇراللىق تەشكىلاتى ئىسلام فىرۇنتى قۇرغانلىقىنى جاكارلاپ، ئۇنىڭ غەرب قوللىغان مەملىكەتلىك ئىتتىپاق ۋە ئەركىنلىك ئارمىيەسىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، سۇرىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى قۇراللىق رەھبەرلىك كۈچىكە ئايلىنىشىنى ھەمدە ئاخىرىدا سۇرىيەدە ئىسلام دۆلىتى قۇرىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرگەنىدى. ئامېرىكىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە، ئىسلام فىرۇنتىدا يىتەكچى ئورۇنغا ئىگە سۇرىيە ئەركىنلىك ئىسلام ھەرىكىتى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ بېكىتىلدى، چۈنكى ئۇنىڭ كاتتبىېشىنىڭ بازا تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق ئىدى، بۇ تەشكىلات تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ بېكتىلسىلا، ئىسلام فىرۇنتىنىڭ ئاساسى خاراكتېرى بىر مەسىلىگە ئايلىناتتى.
ئەمما ئامېرىكا ئاقىللار ئامبىرىدىكى بىر ئەرباب «دىپلوماتىيە ئىشلىرى» ژورنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئەركىن ئىسلامنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ بېكىتمەسلىك تەكلىپىنى بەردى.
بۇنىڭدا مۇنداق ئۈچ ئاساس بار: 1-ئەركىن ئىسلام گەرچە سۇرىيە تەۋەسىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتنى قوللىغان فىرۇنت بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق ھەمدە تېررورلۇق تەشكىلاتى بولغان ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى بىلەن بىردەم ئۇرۇشۇپ بىردەم بىرلىشىدۇ. ئەمما ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئىلگىرى ئىراقتا ئامېرىكا ئارمىيەسىنى ئۆلتۈرگەن ۋە زىيانغا ئۇچراتقان؛ 2- ئەركىن ئىسلامغا تېررورلۇق قالپىقى كەيكۈزمەسلىك ئامېرىكىنىڭ ئىسلام فىرۇنتىدىكى باشقا تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقە ئېلىپ بېرىشقا پايدىلىق. 3- تېرورلۇق قالپىقى كەيكۈزۇلمىسە بۇ تەشكىلاتنىڭ فىرۇنتىنى قوللىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولدۇكى، ئامېرىكىنىڭ ئىسلام فىرۇنتىنىڭ خاراكتېرىگە بولغان چۈشىنشى ناھايىتى ئېنىق. ئۇ تېررورېزىم بىلەن ئازراقلا ئايرىلىپ تۇرىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئىسلام فىرۇنتى ئامېرىكا بىلەن سۆزلەشمەكچى بولدى، ئامېرىكا قانداق پوزتسىيەدە بولىدۇ؟
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved