تايلاندنىڭ گۈزەل ئايال زۇڭلىسى نېمە ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى ؟

بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .

7-ماي تايلاندا ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى ،تايلاند زۇڭلىسى ئېنلاكنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى . ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى ئۇنى ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ ،شەخسىي پايدىنى كۆزلەپ ،ئاساسىي قانۇنغا خىلاپلىق قىلدى دەپ ئەيىبلىدى .ئەمما ئېنلاك ئۆزىنىڭ شەخسى پايدىنى كۆزلىمىگەنلىكىنى بىلدۈردى .

ئۇ مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى : ‹ بۇ دۆلەتنى باشقۇرغاندا ،ئىزچىل سەمىمىي ئادىل بولۇپ كەلدىم ،ھەرقانداق سەمىمىيەتسىز قىلمىشنى قىلمىدىم ،ئاتالمىش سەمىمىيەتسىزلىككە ياتىدىغان ھېچقانداق ئىش قىلمىدىم›. ئېنلاك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سوت مەھكىمىسىنىڭ نەتىجىسىگە ئىپادە بىلدۈرمىدى .ئۇ تايلاندنىڭ زۇڭلىسى بولغان مەزگىلدە،ئۆزۈم ۋە ئائىلەمدىكىلەرنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئىش قىلغان ياكى پارا يەپ چىرىكلىك قىلغان قىلمىشىم يوق دېدى . ئۇ يەنە بۇندىن كېيىن قەيەردە بۇلىشىدىن قەتئىينەزەر ،داۋاملىق تايلاند خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ،. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ،دۆلەت خەۋەپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ بىناسىدىن چىقىپ ،قوللىغۇچىلىرى قىزىل مايكىلىقلار بىلەن كۆرۈشتى .


قىزىل مايكىلىقلار مۇنداق دېدى : ‹ ھەققانىيەت دەيدىغان نەرسە يوق ئىكەن ،ھەققانىيەت بولىدىغان بولسا بۈگۈنكىدەك ئىش بولمىغان بولاتتى ،بىز ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىمىز ›.قىزىل مايكىلىقلارنىڭ رەھبىرى زاتۇ 13-ماي چوڭ كۆلەملىك يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ ، ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىنىڭ ھۆكۈمىگە ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .ئېنلاك ھۆكۈمىتىگە قارشى سېرىق مايكىلىقلارنىڭ 1000دىن ئارتۇق ئادىمى 7-ماي كوچىغا چىقىپ ،غەلىبىسىنى تەبرىكلىدى ،

ئۆكتىچىلەر رەھبىرى فۇتىمۇ ئامما ئارىسىدا ئىدى .ئۇ مۇنداق دېدى : ‹ ئېنلاك ئەزەلدىن زۇڭلىلىق بۇرچىنى ئادا قىلىپ باقمىدى ،ئەمەلىيەتتە ئۇ بۇرۇنلا تەخىتتىن چۈشىشى كېرەك ئىدى،مەن سوت مەھكىمىسىنىڭ ئادىل ھۆكۈم چىقارغىنىدىن ئىنتايىن خوشال بولدۇم ›. تايلاند ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى 7-ماي ،ئېنلاكنىڭ 2011-يىلى بۇيرۇق بىلەن دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ سابىق باش كاتىپى تاۋىلنى خىزمىتىنى يۆتكىۋېتىشىدە باشقىچە غەرىزى بار ، ئۆزىنىڭ ئۇرۇق -تۇغقىنىغا پايدا يەتكۈزۈشنى كۆزلىگەن ،شۇڭا قانۇنغا ۋە ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ بۇلۇپ ،ئەخلاققا ياد قىلمىش ھېسابلىنىدۇ دەپ كېسىم چىقاردى .

ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسىنىڭ بارلىق ئەزالىرى بىردەك مۇنداق ھۆكۈم چىقاردى : ئېنلاك زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىدىن پايدىلىنىپ ،ھۆكۈمەتنىڭ بىر ئەمەلدارىنىڭ خىزمىتىنى يۆتكەپ ،ئۆزى ۋە باشقىلارغا نەپ يەتكۈزگەن ،بۇ ئاساسىي قانۇننىڭ 268-ماددىسىغا خىلاپ ،شۇڭا ئۇنىڭ زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىنى بىكار قىلىش قارار قىلىندى .7-ماي ئېنلاك بىلەن بىرگە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلاردىن يەنە قارانچۇق ھۆكۈمەتنىڭ باشقا توققۇز نەپەر ئەزاسى بار بۇلۇپ ، قارانچۇق ھۆكۈمەت ئارقىدىن يىغىن ئېچىپ ،مۇئاۋىن زۇڭلى ، قۇشۇمچە سودا ئىزلىرى مىنىستىرىنى قارانچۇق ھۆكۈمەتنىڭ زۇڭلىلىقىغا بېكىتتى.


2011-يىلى 9-ئايدا ئېنلاك زۇڭلى بۇلۇپ ،ئۇزاق ئۆتمەي شۇ چاغدا دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى بۇلۇپ ئىشلەۋاتقان كاۋىلنى يۆتكىۋېتىپ ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزىنىڭ تۇغقىنى باش ساقچى باشلىقى ۋىي چىننى ئالماشتۇرغان . ۋىي چىننىڭ باش ساقچىلىق ۋەزىپىسىنى بولسا پىرىپان ئۈستىگە ئالغان . پىرىپان ئېنلاكنىڭ ئاكىسى تاكسىننىڭ بۇرۇنقى ئايالىنىڭ ئىنىسى ئىدى . بەزىلەر خىزمەت يۆتكەش بۇيرۇقى يوللاش پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلدى . ئارقىدىنلا تاۋىل بۇ يۆتكەش بۇيرۇقى ئادىل بولمىدى ،دۆلەت مەمەرۇلىرىنى يۆتكەش دۆلەت مەمۇرلارنى باشقۇرۇش قانۇنىغا خىلاپ دېگەننى باھانە قىلىپ ،ئېنلاك ئۈستىدىن تايلاند مەمۇرىي سوت مەھكىمىسىگە ئەرىز سۇندى . مەركىزى مەمۇرىي سوت 2013-يىلى 6-ئايدا ئېنلاكنىڭ يۆتكەش بۇيرۇقى قانۇنغا خىلاپ دەپ ھۆكۈم چىقاردى . ئارقىدىنلا ئېنلاك تايلاند ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇندى .

تايلاند ئالىي سوت مەھكىمىسى بۇ يىل 3-ئايدا ، بۇ دېلوغا ئىككىنچى قېتىپ سوت ئېچىپ ،ئېنلاكنىڭ يۆتكەش قارارى قانۇنغا خىلاپ دەپ ھۆكۈم چىقاردى . ھەمدە ئېنلاكنى تاۋىلنىڭ ۋەزىپىسىنى تېزرەك ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇپ قويدى .شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 30 دەك پارلامىنېت ئەزاسى بۇ يىل 3-ئايدا ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسىگە خەت يېزىپ ،ئېنلاكنىڭ تاۋلىنىڭ خىزمىتىنى يۆتكىۋېتىش قىلمىشى ،شەخسى مەنپەئىتىنى كۆزلەپ ،ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلانغانلىق ،ئاساسىي قانۇننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە خىلاپ دەپ ئەيىبلىدى . بۇ يىل 2-ئايدا ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى كېڭەش پالاتاسىنىڭ 28 ئەزاسى تاپشۇرغان ئېنلاكنىڭ ئاساسى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلىشىنى قۇبۇل قىلىشقا بىردەك قوشۇلدى .

ئېنلاك 2011-يىلى 8-ئايدا زۇڭلى بولغاندىن ھازىرغا قەدەر جەمئىي 2 يىل 9 ئاي ۋەزىپە ئۆتىدى ئۇ ،تايلاند تارىخىدىكى تۇنجى ئايال زۇڭلى .سىياسىيونلار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان ئېنلاكنىڭ سىياسىي بىلەن شۇغۇللىنىش تەجرىبىسى ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ ، ئۇ زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندە يەنىلا ئۆزىنىڭ ئالاھىدە سېرى كۈچىنى نامايان قىلدى . ئۇنىڭ زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرۇشى ، زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشىمۇ سىناۋا جەمەتىنىڭ غايەت زور تەسىر كۈچى بىلەن مۇناسىۋەتلىك .


2011-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى تايلاند پادىشاھى ئېنلاكنى تايلاندنىڭ 28-قېتىملىق زۇڭلىلىقىغا تەيىنلىدى .پادىشاھ ئېنلاك سىناۋانى تايلاندنىڭ يېڭى زۇڭلىلىقىغا تەيىنلىگەنلىكىنى ئۆز ئاغزى بىلەن جاكارلىغان .ئۇ شۇ چاغدا : ‹ مەن پۈتۈن كۈچۈمنى سەرپ قىلىپ ، ئۆگەنگەن بىلىمىم ۋە ئىقتىدارىمنى ئىشقا سېلىپ ، زۇڭلىلىق ۋەزىپەمنى سەمىمىي ۋە قەتئىي ئادا قىلىمەن .مەن دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلىپ ، دۆلەتنى مىللىي يارىشىشقا يېتەكلەيمەن ،خەلق ئۈچۈن مەسىلىلەرنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ھەل قىلىمەن › دەپ ۋەدە بەرگەن ئىدى .

ئېنلاك ۋەزىپىگە ئولتۇرغان دەسلەپكى مەزگىلدە ئىقتىسادىي جەھەتتە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى . بۇمۇ ئۇنىڭ سودا جەھەتتىكى مول تەجرىبىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك .2012-يىلى تايلاند ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى نىسبىتى 5%تىن ئېشىپ ،ئاسىيادىكى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازارلار ئارىسىدىكى ئىپادىسى ئەڭ گەۋدىلىك بازارلارنىڭ بىرى بۇلۇپ قالدى . 2013-يىلى 11-ئايغىچە ،ئېنلاك زۇڭلىلىقنى ياخشى قىلغان ئىدى . ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە جەلىپ قىلىش كۈچى بىلەن ، تايلاندا سىياسىي يارىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى . خەلقئارا سەھنىدىمۇ ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە جەلپ قىلىش كۈچىنى كۆپلەپ نامايان قىلدى . بىراق تايلاندنىڭ سابىق زۇڭلىسىنىڭ سىڭلىسى بولغاچقا ،ئېنلاك باشتىن ئاخىرى سىناۋا جەمەتىنىڭ تەسىرىدىن ئايرىلالماي كەلدى .ئۇنىڭ جەمەتىنىڭ تەسىرى قوش بىسلىق خەنجەر بۇلۇپ ،گەرچە ئېنلاكنىڭ 2011-يىلىدىكى چوڭ سايلامدا غەلىبە قىلىشىغا ياردىمى بولغىنى بىلەن ،بىراق ئۆكتىچىلەرنىڭ ئېنلاكنى ئاكىسىنىڭ قورچىقى ، دۆلەتنى ياخشى ئىدارە قىلالمىدى دەپ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى ، مۇخبىر ئۇنىڭدىن ‹ ئاكىڭىز بىلەن دائىم پاراڭلىشىپ تۇرامسىز › دەپ سورىغاندا ،ئۇ جاۋاب بېرىپ : ‹ شۇنداق بىز بەزىدە پاراڭلىشىپ تۇرىمىز ،بىراق بۇ ئۇنىڭ مەن ئۈچۈن قارار چىقىردىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ ، مەن ئۆزۈم قارار چىقىرىمەن ،دېدى .2013-يىلى 11-ئايدىن باشلاپ ، تايلاند ۋەزىيىتى ئېنلاكنىڭ ئالاھىدە قانۇن لاھىيىسىنى كۈچەپ يولغا قۇيۇشى بىلەن كىرزىسقا دۇچ كەلدى . بۇ قانۇن لاھىيسى سىياسىي ئۆزگىرىش سەۋەبىدىن ،تەختتىن چۈشكەن ، ھەم چەتئەلدە سەرسان بۇلۇپ يۈرگەن سابىق زۇڭلى ، يەنى ئېنلاكنىڭ ئاكىسىنى ۋەتەنگە قايتۇرۇپ كېلىشى مۇمكىن دېدى . بۇنى ئۆكتىچىلەر قۇبۇل قىلمايتتى .


ئەنگلىيە ئقتىسادشۇناسلار ژۇرنىلىنىڭ ئوبزورىدا ، ئېنلاك ئالاھىدە قانۇن لاھىيىسىنى يولغا قويغاندا ، قارارلارنىڭ كەيپىياتى ۋە ئۆكتىچى كۈچلەرگە ئېغىر دەرىجىدە خاتا ھۆكۈم قىلدى دېيىلدى . قارشى ئاۋاز بارغانسېرى كۈچەيدى . دەسلەپتىكى ئېنلاك ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە قانۇن لاھىيىسىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىشتىن ،كېيىن ئېنلاك ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى تەلەپ قىلىشقا ئۆزگەردى .2013-يىلى 12-ئايدا نامايىشچىلار سىناۋا جەمەتى ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ تايلاندتىن كېتىشىنى تەلەپ قىلدى .

ئېنلاك يىغلاپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ يەنە چېكىنىشكە ئامالسىز قالغانلىقىنى بىلدۈردى .ئۇ مۇنداق دېدى : ‹ مەن تۇيغۇسى يوق ئادەم ئەمەس ، ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشچىلارنىڭ تەلىپىنى ھەم جەمەتىمىزگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق تەلىپىنى ئاڭلىدىم ، مېنڭچە ھەممىمىز تايلاندلىق ، سىلەر راستىنلا بىزنى تايلاندتىن قوغلىۋەتمەكچىمۇ ؟راستىنلا شۇنداق قىلامسىلە ؟ مەن چېكىندىم ،ئەمدى بۇنىڭدىن باشقا چېكىنگىدەك يولۇم قالمىدى ،ماڭا ئادىلراق بولۇڭلار ›.2013-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى ئېنلاك پارلامېنتنىڭ تۆۋەن پالاتاسىنى تارقىتىۋېتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى ، ھەم قايتىدىن سايلام ئۆتكۈزۈش ۋاقتىنى تېزراق بەلگىلەيدىغانلىقىنى ،ئۆزىنىڭ داۋاملىق قارانچۇق ھۆكۈمەتنىڭ زۇڭلىسى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى ،تايلاند ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى قارانچۇق ھۆكۈمەت زۇڭلىسى ئېنلاكنىڭ 2011-يىلىدىكى ئاساسىي قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش دىلوسىغا چېتىلىپ قېلىش ئىشىغا قاراپ چىقىشنى قارار قىلدى .

 


لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
10-05-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek