سىنا تورى بۇزۇقچىلىققا چېتىلىپ قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك كىنىشكىلىرى ئېلىپ تاشلانغانلىق سەۋەبىدىن پاي چېكى شىددەت بىلەن چۈشۈپ كەتتى
ئاخباراتچىلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سىنا شىركىتى شەھۋانىي، ئىشقۋاز ئۇچۇرلىرىنى تارقاتقانلىق سەۋەبىدىن 8.15 تۈمەن ئامېرىكا دوللىرى جەرىمانە قويۇلغان، ھەمدە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ بەزى ئىجازەتنامىلىرىنى بىكار قىلىش ئوقتۇرشىنى تاپشۇرۇپ ئالغان.
سىنا شىركىتى تەرەپنىڭ نەقىلىدە، دۆلەت ئاخبارات – نەشىرىيات- رادىيو- تېلېۋىزىيە ئىدارىسى يۇقىرىقى ئىشلار سەۋەبىدىن مەزكۇر شىركەتكە ئېنتىرنىت نەشىر ھوقۇقى ئىجازەتنامىسى ۋە ئۇچۇر تورى تارقىتىش- ئاڭلاش پروگرامما ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىشنى ئۇقتۇرغان.
سىنا شىركىتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلىرىدە، ئىككى ئىجازەتنامىنى بىكار قىلىۋىتىش مەزكۇر شىركەتنىڭ توردا ئوقۇش ۋە سىن مۇلازىمىتنى توختىتىشتىن دىرەك بىرىدۇ، شۇڭا مۇناسىۋەتلىك ۋىۋىسكا ئىجازەتنامىسى بار سودا ھەمكارلاشقۇچى ئىزدەش ، ھەم بۇ ھەمكارلىق ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەتلەرنى تەمىن ئەتكىلى بولىدۇ.
سىنا شىركىتىنىڭ نەقىلىدە، جەرىمانىنى بېيجىڭ شەھەرلىك مەدەنىيەت بازىرىنى ئىجرا قىلىش باش ئەتىرىتى قويغان، شىركەت جەرىمانە ئېلىپ كەلگەن تەسىرنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك تاللاش قاراى چىقىرىدۇ، ھەم مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمىتىگە ئاكتىپ ھەمكارلىشىدۇ.
سىنا شىركىتىنىڭ ئىپادە بىلدۈرىشىدە، تەكشرۈپ چىقىلغان شەھۋانى – ئىشقىۋازلىق ئۇچۇرلىرىنى ئۈچۈنچى تەرەپ ياكى ئىشلەتكۈچىلەر كىتاپ ئوقۇش قانىلىغا ۋە سىنا تورىغا يوللىغان ئۇچۇرلاركەن.
سىنا شىركىتىنىڭ پاي چېكى ئالدىنقى ھەپتە جۈمە بازار يېپىلغاندىن كېيىنكى ئالماشتۇرۇش ۋاقتىدا 2.7% تۆۋەنلەپ، ھەر بىر پاي 46.85 ئامېرىكا دوللىرى بولغان. ئالدىنقى جۈمە بازار يېپىلغانغىچە، پاي باھاسى تەخمىنەن 43% تۆۋەنلىگەن.
سىنا شىركىتىنىڭ بايرىقى ئاستىدىكى سىنا مىكرو بلوگى ئالدىنقى ئايدا ئامېرىكا ناسىداقتا بازارغا چىققاندى. سىنا مىكرو بلوگى بازارغا چىقىپ بىر نەچچە كۈن بولا بولماي، سىنا شىركىتى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە دۇچ كەلدى. شۇ مۇناسىۋەتلىك سىنا شىركىتنىڭ خەلق قەلبىدىكى ئوبرازى خىرىسقا دۇچ كەلدى. ماس قەدەمدە سىنا شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك پاي چەكلىرىنىڭ باھاسى چۈشۈپ كەتتى.
ئالدىنقى ئايدا ، دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ سىن قويغۇچ مۇلازىمىتى بىلەن تەمىن ئەتكۈچى - تېز قويغۇچ ‹ 快播›جامائەت خەپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرشىگە دۈچ كەلگەن، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئىجازەتنامىلىرى بىكار قىلىنغان، بۇ سەۋەبلىك تېز قويغۇچ سەركەدىلىك ئورنىدىن بىر كۈن ئىچىدىلا ۋەيرانچىلىققا يۈزلەندى. ئارقىدىنلا سىنا شىركىتى تەكشۈرۈشكە دۇچ كەلدى.
تېز قويغۇچ، بۇلۇت قويغۇچ‹云播›، تېز ئوقۇغۇچ‹快读› بىرنىڭ كەينىدىن بىرىسى زاۋاللىققا دۇچ كەلدى.
ئېنتىرنىت تور دۇنياسىدا، تازلاش باشلىنىپلا تېز قويغۇچ زاۋاللىققا يۈزلەندى. سىنا شىركىتىنىڭمۇ پاي چېكى تۆۋەنلەپ كىتىشى سەۋەبىدىن، بەلكىم بۇندىن كېيىن قايتا بۇرۇنقى گۈللەپ دەۋىر سۈرگەن زامانىغا قايتالماسلىقى مۇمكىن. تازلاش سەۋەبىدىن ھەر قايسى تور بەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز بەتلىرنى رەتلەشكە باشلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved