«بالىڭىز سىزگە ئۆگەيمۇ؟» تېمىسىدىكى بىر يۈرۈش سۈرەتلەر

     تۆت-بەش ياشلىق بالىلار ئادەتتە ئاتا-ئانىسىغا ئۆزىنىڭ قانداق ياسانغۇسى بارلىقىنى ئېيتىپ بېرەلىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدىنمۇ كىچىكلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى تېخىمۇ ئېڭى ۋە چۈشەنچىسى يېتىلمىگەن بولىدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار ئوماق بالىلىرىنى ئادەمنىڭ خىيالىغىمۇ كەلمەيدىغان دەرىجىدە كۈلكىلىك ياساندۇرۇپ قويماقتا. بىز بۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ تەسەۋۋۇر ئىقتىدارىغا، يۇمۇرىستىكلىقىغا قايىل بولماي تۇرالمايمىز.


«سۇمبۇل چاچ مەلىكە» ۋە ئۇنىڭ مۇنارى. بۇ ئوماقنىڭ ياساندۇرۇلۇشى ھەقىقەتەن ئوماقكەن.

«101 ۋاپادار ئىت»تىكى كرۇللا بىلەن چىپار كۈچۈك دالماتىيان. بۇلار ياساندۇرۇلۇشتىن باشقا، شۇ فىلىمدىكى ھالەتنى دورىيالىغان.

بۇ «زاكىسىدا قېرىپ قالغان» مومايغا قاراڭلار. نېمىدېگەن ئوماق ھە!

بۇ سەككىز ئاياغ سىياچ بېلىقتەك ياسىنىۋالغان ئوماققا قاراڭلار. ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدۇ.

ماۋۇ دادىنىڭ قىلغان ئىشىنى نېمە دېسەك بولار ئەمدى؟ قىزىمۇ شۇنداق ماسلاشقاندەك تۇرىدۇ.

بىخ سۈرۈپتىمۇ قانداق؟ دادىسىنىڭ ئۇنى ئەخلەت چېلىكىگە تاشلىۋېتىشكە كۆڭلى ئۇنارمۇ؟

بۇ بالىنى دۇنيادىكى ئەڭ ئوماق ئىۋوكس دېسىمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ.

«لاما»نىڭ بۇ كىچىكلىتىلگەن نۇسخىسىدا ھەقىقەتەنمۇ ئىجادىيلىق بار.

ئۆردەك سىياقىدا ياساندۇرۇلغان بۇ ئوماق قارىماققا بىر خىل نازۇك ھەم مۇلايىم كۆرۈنىدۇ.

ماۋۇ ئانىنىڭ تەسەۋۋۇر بوپ قالىدىكەن. ئانا-بالا ئىككىيلەن ئۆمۈچۈك تورىسىمان كىيىم بىلەن ئانا-بالا مېھرىنى ئىپادىلىگەن.

بۇ ئوماقنى دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك «دەرەخ ئادەم گروت» دېسەك بولارمۇ؟ قارىغاندا ئۆزىمۇ بۇنداق ياسىنىشنى ياخشى كۆرىدىغاندەك قىلىدۇ.

«خاررى پوتتېر» فىلىمىدىكى ئالۋاستى ئالما بەلكىم مۇشۇ بولسا كېرەك، نېمىدېگەن جۇشقۇن ھە!

ھاياتلىقتىكى تۇنجى پەرىشتىلەر بايرىمىنىڭ ئەسلى شەكلى مانا مۇنداق بولسا كېرەك. دادىسى نېمىدېگەن قاملاشقان، بالىسىنى يەنە مۇنداق ياساپ قويۇپتۇ.

ئوماقلارنى بۇنداق تىمساھ سىياقىدا ياساندۇرۇپ قويسىمۇ بولىدىكەن جۇمۇ؟ بىر خىل جۇشقۇن كۆرۈنىدىكەن. ئەمما ئاغزىدىكى سوسكىنىزە.

بوۋاق «يۇدا»نىڭ بۇ پاك، غۇبارسىز كىچىكلىتىلگەن نۇسخىسى نېمىدېگەن ئوماق ھە!

بۇ بوۋاق «ئېينشتېين»غا قاراڭلار، ئاتا-ئانىسى قارىغاندا، بۇ ئالىمغا يۈكسەك ھۆرمەت بىلەن قارىسا كېرەك.

بۇ «قوشكېزەك ئۇچقۇچى»لارغا قاراڭلار، بەئەينى ھازىرلا رەسمىي ئۇچىدىغاندەكلا كۆرۈنىدىكەن.

ما ئوماقنىڭ ياساندۇرۇلۇشى ۋە ھەرىكەتلىرىمۇ ئادەمنىڭ بەك ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدىكەن.

بۇ «بروككولېي بالا» نېمىدېگەن ئوخشىتىپ ياساندۇرۇلغان-ھە! ئا ئوماقلىقىنى قاراڭلار.

بۇ «زاكىسىدا قېرىپ قالغان» بوۋاي-مومايلار ھەقىقەتەنمۇ بىر ئۆمۈر بىللە ياشىغان ئەر-خوتۇنلارنى ئەسلىتىدىكەن.



خەتكۈچلەر:
28-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
   6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئىسسىق گاز شارى يېڭى توي قىلغۇچىلارنى ئېلىپ بوشلۇققا كۆتۈرۈلمەكتە. شۇ كۈنى جىياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىسسىق گاز شارى بوشلۇق توي مۇراسىمى كارنىۋال پائالىيىتىدە، 50 جۈپ يېڭى توي قىلغان قى-يى...
10-06-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 10- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا موسكۋادا 2 مىليون دوللار سەرىپ قىلىنغان بىر مەيدان ھەشەمەتلىك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ،...
28-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
27-05-2016
    تۈنۈگۈندىن بۇيان بوللىۋودنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى ئارىجىت سىڭ ناھايىتى غەلىتە ئۇسۇلدا دىققەت ئوبېيكتى بولۇپ قالدى. ئالدى بىلەن 25-ماي كۈنى، ئۇ تۇيۇقسىز فېيسبۇك بېتىدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ سالمان خاندىن ئاشكارا كەچۈرۈم سور...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدىكى لاكسېي (Lacksey) ئىسىملىك قىز ۋان گو (Van Go...
26-05-2016
«غەربكە ساياھەت» تىكى ئاز ئۇچرايدىغان پەردە ئارقىسىدىكى سۈرەتلەر
25-05-2016
ئۇنىڭ ئىسمى George Wurtzel، ئۇ بىر ئەما سەنئەتكار، شۇنداقلا ئورمان ئىشچىسى ھەم ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇ بىر رەسىم كارىدورى لايىھەلەپ چىقىشنى پىلانلىدى. George ئەمالارمۇ «كۆرەلەيدىغان» بىر سۈرەت ياساپ چىقماقچى بولۇپ، دەسلەپتە ئۆزى...
25-05-2016
ۋال كوچىسى ئۇچۇرلىرى تورىنىڭ 25-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شىياڭگاڭغا بارىدىغان چوڭ قۇرۇقلۇق ساياھەتچىلەر سانى بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە بۇلتۇرقى ئوخشاش ...
24-05-2016
    تۈنۈگۈن كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 22:00دە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «خىسلەتلىك قىلىچ5» خۇنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن قويۇلۇشقا باشلىدى. بۇ فىلىمدە داڭلىق ئارتىس گۈلنەزەرمۇ ئاساسلىق رول ئالغان. لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئالغى...
24-05-2016
تاڭ ۋېي (كورىيە) لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە) مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە) لى ۋېن (ئامېرىكا) ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە) چى ۋېي (كورىيە) يۈەن لى (ئامېرىكا) ...
Powered by Leglek