تۈركىيە زۇڭلىسى ئەردوغان ھادىسە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا يېتىپ كەلدى
تۈركىيە زۇڭلىسى ئەردوغان 14 – ماي تۈركىيەنىڭ غەربىدىكى مانىسا ئۆلكىسىنىڭ سوما رايونىدىكى كۆمۈركان ئاپىتىدە قازا قىلغانلار سانىنىڭ 238 گە يەتكەنلىكى، 120 ئادەمنىڭ يەنىلا كان قۇدۇقى ئاستىدا قاپسىلىپ قالغانلىقىنى جاكارلىدى.
تۈركىيە ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى يېردېز شۇ كۈنى كۆمۈركان ئاپىتىدە 80 ئادەم يارىلاندى، نەق مەيداندا قۇتقۇزۇش خىزمىتى داۋاملىشىۋاتىدۇ، قۇتقۇزغۇچى خادىملار قۇدۇق ئاستىغا ئوكسىگېن يەتكۈزۈپ بېرىۋاتىدۇ، لېكىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى يەنىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىن، دېگەن.
خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ ھادىسە كۆمۈركاننىڭ 150 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى كان قۇدۇقى ئاستىدا يۈز بەرگەن، ھادىسە يۈز بەرگەندە قۇدۇق ئاستىدا 787 نەپەر ئىشچى بار ئىكەن. توك يەتكۈزگۈچتە كاشىلا كۆرۈلۈپ، پارتلاش كېلىپ چىققان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ئىشچىلار كۆپ مىقداردا ئىس سۈمۈرۈۋېلىپ تۇنجۇقۇپ قالغان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved