تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ۋاقتىنى بېكىتىشنى مەقسەت قىلغان خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى خىزمەت گۇرۇپپىسى شۇ جاي ۋاقتى 24-فېۋرال قاتار پايتەختى دەۋەھەدە يىغىن ئاچتى .يىغىندا بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى قىشتا قاتاردا ئۆتكۈزۈش تەكلىپى بېرىلدى .خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى ئارقىدىنلا ئۆز تور بېكىتىدە بايانات ئېلان قىلىپ بۇنى مۇئەييەنلەشتۈردى .
2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ۋاقتىنى بېكىتىشنى مەقسەت قىلغان خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى خىزمەت گۇرۇپپىسى ئاخبارات ۋاستىلىرىغا يىغىندا 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى نويابىر ياكى دېكابىردا ئۆتكۈزۈلۈش تەكلىپى بېرىلگەنلىكى لېكىن يانۋار ياكى فېۋرالدا ئۆتكۈزۈلۈش توغرىسىدىمۇ تەكلىپ بېرىلگەنلىكى ،ئەمما يىغىننىڭ ئەڭ ئاخىرى بۇ نۆۋەتلىك پۇتبول مۇسابىقىسىنى نويابىر ياكى دېكابىردا ئۆتكۈزۈشكە مايىللاشقانلىقى بىلدۈردى .بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ تەييارلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل قاتار تەييارلىق كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ھەسەن ،قاتارنىڭ خەلقئارا پۇتبول جەمئىيىتى بېكىتكەن مۇسابىقە ۋاقتىنى قۇبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى ،ئۇ قاتارنىڭ ئىلگىرى كۆپ قېتىم ھاۋا تەڭشىگۈچى بار بولغان مۇسابىقە مەيدانى سېلىشنى ئولاشقانلىقى ،مەيلى ياز ياكى قىشتا بولسۇن قاتارنىڭ 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى بارلىقىنى بىلدۈردى .
بۇ قېتىمقى يىغىن شۇ كۈنى ئاياغلاشتى .خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى ھەر قايسى قىتئە پۇتبول بىرلەشمىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ،شۇنداقلا قاتارنىڭ ئالاقىدار ئەمەلدارلىرى ۋە پۇتبول جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى . بۇ قېتىمقى يىغىندا ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان تەكلىپكە قارىتا ياۋروپا كەسپى پۇتبول بىرلەشمە ئىتتىپاقى جەمئىيىتى 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى قىشتا ئۆتكۈزگەندە قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھەمدە ياۋروپانىڭ پۇتبول مۇسابىقىلىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ،مۇسابىقىنى ئاپرىل ياكى مايدا ئۆتكۈزۈلۈش تەكلىپىنى بەردى .خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ باياناتىدا ئاشكارىلىنىشىچە ،خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى 19-مارتتىن 20-مارتقىچە شىۋىتسارىيەنىڭ سيۇرىخ شەھىرىدە يىغىن ئېچىپ ،دەۋھە يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان تەكلىپنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن ھەمدە 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش ۋاقتىنى ئېلان قىلىدىكەن .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved