ئامېرىكىدا شوپۇرلار قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلسا ئەكسىچە مۇكاپات ئالىدىكەن

     جۇڭگو خەۋەر تورى 21-دېكابىر خەۋىرى: تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ گىئورگىيە ئىشتاتىدىكى كۆپلىگەن ماشىنا شوپۇرلىرى مۇشۇ ھەپتە قاتناش ساقچىسى تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغان چاغدا، جازاغا ئۇچرىماستىن ئەكسىچە 100 دوللار مۇكاپات ئالغان، بەزى كىشىلەر بۇنىڭدىن تەسىرلەنگەنلىكتىن ھەتتا خۇشال بولۇشۇپ، كۆزلىرىدىن ياش ئېقىتقان. ئەسلىدە بۇ پۇللارنى نامەلۇم كىشى ساقچىلار ئارقىلىق قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلار ئۈچۈن ئىئانە قىلغان.   خەۋەردە دېيىلىشچە، گىئورگىيە ئىشتاتىدىكى مونروي ناھىيەسىنىڭ ساقچى ئەمەلدارى جون بىتىك ساقچىلارغا 54 دانە 100 دوللارلىق پۇل تارقىتىپ بەرگەن بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئۈچ كۈنىدە بۇ رايوندا قاتناش قائىدىسىگە يېنىك دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان شوپۇرلارغا 100 دوللاردىن مۇكاپات بەرگەن.

     جون بىتىك مۇنداق دېدى:  بۇ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان پۇل ئىئانە قىلغۇچىنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ساقچىلار بىلەن پۇقرالارنىڭ مۇناسىۋىتى يامانلىشىپ قالغان بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشتىكى بىر ئۈنۈملۈك باشلىنىش ئىكەن.

  جون بىتىك ساقچىلارنىڭ بۇ پۇللارنى قارىماققا پۇلغا ئېھتىياجلىق بولغان كىشىلەر ئۈچۈن تارقىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. مەسىلەن: ماشىنىسىدا كۆپلىگەن بىخەتەرلىك ئورۇنلىرى سەپلەنگەن ئايال شوپۇرلار، بۇ ئۇلارنىڭ بىر چوڭ ئائىلىسى بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى يۈكىنىڭ ئېغىرلىقى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.

   ئىگىلىنىشچە، WMZ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئېلان قىلغان سىنئالغۇدا ساقچى تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغان بىر كىشى ئۆزىنىڭ جەرىمانىگە ئۇچرايدىغانلىقىدىن ئەنسىرىگەن، لېكىن بۇ كىشى جازاغا ئۇچرىماي ئەكسىچە پۇل ئالغانلىقىدىن خۇشال بولۇپ تەسىرلەنگەندە ھالدا ساقچىغا «مەن سىزنى قۇچاقلاپ قويسام بولامدۇ؟» دېگەن.

    بەزى كىشىلەر بۇنىڭدىن خۇشال بولۇشۇپ تەسىرلىنىپ يىغلىشىپ كەتكەن، لېكىن ھەممىلا ئادەم بۇنداق تەلەيلىك بولۇپ كەتمىگەن. قائىدىگە خىلاپلىق قىلسىمۇ مۇكاپات ئالىدىغان بۇنداق ياخشى ئىشتىن خەۋىرى يوق بىر ئايال شوپۇر ساقچى تەرىپىدىن توسۇۋېلىنىپ، ساقچىنى تىللىغانلىقى ئۈچۈن 100 دوللارلىق مۇكاپاتتىن قۇرۇق قالغان.

    جون بىتىكنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئەھۋالنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، يەنە بىر ئاقكۆڭۈل كىشى بۇنىڭغا ئاۋاز قوشۇپ، 5000 دوللار چىقىرىپ بۇ پائالىيەتنى يەنە ئېلىپ بارماقچى بولغان.



خەتكۈچلەر:
21-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
   6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئىسسىق گاز شارى يېڭى توي قىلغۇچىلارنى ئېلىپ بوشلۇققا كۆتۈرۈلمەكتە. شۇ كۈنى جىياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىسسىق گاز شارى بوشلۇق توي مۇراسىمى كارنىۋال پائالىيىتىدە، 50 جۈپ يېڭى توي قىلغان قى-يى...
10-06-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 10- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا موسكۋادا 2 مىليون دوللار سەرىپ قىلىنغان بىر مەيدان ھەشەمەتلىك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ،...
28-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
27-05-2016
    تۈنۈگۈندىن بۇيان بوللىۋودنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى ئارىجىت سىڭ ناھايىتى غەلىتە ئۇسۇلدا دىققەت ئوبېيكتى بولۇپ قالدى. ئالدى بىلەن 25-ماي كۈنى، ئۇ تۇيۇقسىز فېيسبۇك بېتىدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ سالمان خاندىن ئاشكارا كەچۈرۈم سور...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدىكى لاكسېي (Lacksey) ئىسىملىك قىز ۋان گو (Van Go...
26-05-2016
«غەربكە ساياھەت» تىكى ئاز ئۇچرايدىغان پەردە ئارقىسىدىكى سۈرەتلەر
25-05-2016
ئۇنىڭ ئىسمى George Wurtzel، ئۇ بىر ئەما سەنئەتكار، شۇنداقلا ئورمان ئىشچىسى ھەم ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇ بىر رەسىم كارىدورى لايىھەلەپ چىقىشنى پىلانلىدى. George ئەمالارمۇ «كۆرەلەيدىغان» بىر سۈرەت ياساپ چىقماقچى بولۇپ، دەسلەپتە ئۆزى...
25-05-2016
ۋال كوچىسى ئۇچۇرلىرى تورىنىڭ 25-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شىياڭگاڭغا بارىدىغان چوڭ قۇرۇقلۇق ساياھەتچىلەر سانى بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە بۇلتۇرقى ئوخشاش ...
24-05-2016
    تۈنۈگۈن كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 22:00دە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «خىسلەتلىك قىلىچ5» خۇنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن قويۇلۇشقا باشلىدى. بۇ فىلىمدە داڭلىق ئارتىس گۈلنەزەرمۇ ئاساسلىق رول ئالغان. لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئالغى...
24-05-2016
تاڭ ۋېي (كورىيە) لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە) مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە) لى ۋېن (ئامېرىكا) ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە) چى ۋېي (كورىيە) يۈەن لى (ئامېرىكا) ...
Powered by Leglek