ئەنگلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 7-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، 61 ياشلىق ئامېرىكىلىق مەشھۇر شەخس جېرجوري سىپىك مانخاتتاندىكى ئۆيىنى 3 مىليون 400 مىڭ دوللارغا ( تەخمىنەن 21 مىليون يۈەن خەلق پۇلى ) ساتماقچى بولغان . بۇ ئۆينىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى ، ئۆي ئىچىدە 1 مىليون دوللارغا يارايدىغان ھايۋانات ئەۋرىشكىسى بار ئىكەن .
داڭلىق مۇخبىر ، يازغۇچى ، جەمئىيەت ئەربابى بولغان جېرجوري سىپىك 36 يىل تۇرغان ئۆيىنى سېتىۋەتمەكچى بولغان ، گەرچە بۇ ئۆي ئاۋات مانخاتتاندا بولسىمۇ ، ئەمما كۆرۈنۈشتە خۇددى ئوۋچىنىڭ تۇرالغۇسىغىلا ئوخشايدىكەن . ئۆيگە ئېسىلغان بۇ ھايۋانات ئەۋرىشكىلىرىنى ئۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدىن سېتىۋالغان . ئىگىلىنىشىچە ، جېرجوري ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ ھەرخىل ھايۋانات ئەۋرىشكىلىرىنى يىغىپ ساقلاشقا قىزىقىپ قالغان بولۇپ ، ھازىرغا قەدەر 50 مىڭ دوللار ( 310 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى ) خەجلەپ 500 دىن ئارتۇق ئەۋرىشكە يىغقان ، بۇ ئەۋرىشكىلەر ئۇنىڭ مانخاتتان ۋە ۋىرگىنىيە ئىشىتاتىدىكى ئۆيىدە ساقلاقلىق ئىكەن . خەۋەر قىلىنىشىچە ، جېرجوري ئىنتايىن سادىق ھايۋانات مەستانىسى بولۇپ ، كىچىكىدىن تارتىپ خاس ئۆزىگە مەنسۇپ ھايۋاناتلار باغچىسىنىڭ بولۇشىنى ئويلايدىكەن .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved