ئامېرىكا تاراتقۇلىرى:سەئۇدى ئەرەبىستان - ئىران كۈرىشى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تىرىشچانلىقىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى
ئىراق ھۆكۈمەت ئارمىيەنىڭ 2015- يىلنىڭ ئاخىردا رامادىنى قايتۇرۇۋالغاندىكى غەلىبە خۇشاللىقى ئاياغلاشماي تۇرۇپلا، دېڭىز قولتۇقىنىڭ ۋەزىيەتىدە «تۇيۇقسىز يەر تەۋرىدى»، ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى تەسىر كۈچى ئەڭ كۈچلۈك بولغان ئىككى دۆلەت تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ ھالقىلىق پەيتلىرىدە چاقماقتەك تېز سۈرئەت بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزدى، شۇنىڭغا ئەگىشىپ خەلقئارا جامائەت پىكىرمۇ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. ئامېرىكا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشقا زور مىقداردىكى دېڭىز ئارمىيەسىنى ۋە دىپلوماتىيە بايلىقىنى ئىشقا سالغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرىكىتىگە يۈكسەك دەرىجىدە دىققەت قىلدى. ئىككى دۆلەتنىڭ قاراملىق بىلەن قىلغان بۇ ھەرىكىتى ئامېرىكىغا نىسبەتەن «بۇرۇتقا خاپا بولسام ساقال چىقتى»دېگەندەك ئىش بولغان ئىدى.
ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات تورىنىڭ 5- يانۋاردىكى سانىدا، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئىراننىڭ تىركىشىشى ئامېرىكىنىڭ سۈرىيە ئۇرۇشىنى ئاياغلاشتۇرۇش ۋە ئەسەبىي تەشكىلات «شام ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن بارلىق تىرىشچانلىقىغا تەسىر كۆرسەتتى، دېيىلدى. ئامېرىكىنىڭ سابىق ئەمەلدارى ئاگاھلاندۇرۇپ:«ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى سۈننىي ۋە شىئە مەزھىپىنىڭ رەھبەرلىك ئورنىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىككى چوڭ دۆلەت بولغان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئىراننىڭ دۈشمەنلىشىش ھەرىكىتى، ئىككى دۆلەتنىڭ سۈرىيە توقۇنۇشىنى ھەمكارلىشىپ ھەل قىلىش ئارزۇسىنى يوققا چىقىرىشى مۇمكىن، ھالبۇكى <توپىلاڭدىن توقاچ ئوغرىلاش>نى كۆڭلىگە پۈكۈۋاتقان ئەسەبىي تەشكىلات <شام ئىسلام دۆلىتى>بۇ رايوننى تېخىمۇ قالايمىقان قىلىۋېتىدۇ»دېگەن.
سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئىراندىن ئىبارەت بۇ ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى «ۋاكالەتچىلىك ئۇرۇشى»نىڭ داۋاملىشىۋاتقىنىغا نەچچە يىل بولدى، ھالبۇكى قايسى كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەپنىڭ شىئە مەزھىپىدىكى دىنىي ئۆلىماغا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىشى ئىراننىڭ قاتتىق غەزىپىنى كەلتۈردى، شۇنىڭ بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ ئەسلىدىنلا ئاران تۇرغان ۋەزىيەتى بۇ ئىش تۈپەيلىدىن «يار تۈۋىگە كېلىپ قالدى». سەئۇدى ئەرەبىستان ئىران بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىغان كۈننىڭ ئەتىسى يەنە ئىران بىلەن ھاۋا قاتنىشى ۋە سودا ساھەسىدىكى بېرىپ - كېلىشنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى، ئۇنىڭ ئەگىشىپ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى قوللىغۇچىلىرى بولغان سۈنئىي مەزھىپى يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدىغان بىر قانچە دۆلەتمۇ، ئارقا - ئارقىدىن ئىران بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكىنى ياكى دىپلوماتىيە دەرىجىسىنى تۆۋەنلەتكەنلىكىنى جاكارلىدى.
تېخى نەچچە ھەپتە بۇرۇنلا، ئامېرىكىنىڭ نەچچە ئايلىق دىپلوماتىك ياراشتۇرۇشى بىلەن، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ئاخىرى ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن بىر ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ، قانلار دەريا بولۇپ ئاققان سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشىنى ئاياغلاشتۇرىدىغان سۆھبەتكە قاتناشقان ئىدى ۋە ئۇرۇشنى ئاياغلاشتۇرۇش «خەرىتىسى»نى ئورتاق سىزغان ئىدى. ئىككى تەرەپ ئايرىم - ئايرىم ھالدا سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشىدىكى ئاساسلىق ئۇرۇش قىلغۇچى ئىككى تەرەپنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى قوللىغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىران سۈرىيە تىنچلىقىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش سەپىرىدىن بۇرۇنقى يارىشىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىككى دۆلەت، دەپ قارالغان ئىدى.
4-يانۋار ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررىي سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىلەن ئايرىم - ئايرىم ئالاقىلىشىپ، ئىككى تەرەپنى سوغۇققان بولۇشقا مۇراجىئەت قىلدى ھەمدە ئىككى دۆلەت توقۇنۇشىنىڭ ئامېرىكنىڭ سۈرىيە تىنچلىق سەپىرىگە سالغان «دىپلوماتىك مەبلىغى»نى «قۇدۇققا چۈشۈرۈۋېتىشىدىن» ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھالبۇكى ئاشكارا باياناتلاردىمۇ، ئامېرىكا كۆپ قېتىم ئىككى تەرەپنى ئۆزىنى بېسىۋېلىشقا مۇراجىئەت قىلدى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى جوھان كوبى، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، بۇ ۋەقەنى تىنچ ھەل قىلىدىغان چارە ئىزدەشكە دەۋەت قىلدى.
مۇشۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئامېرىكىنىڭ سابىق دىپلوماتىيە ئەمەلدارى بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قارىتا پاسسىپ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇنىڭچە، نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيەتنىڭ تەسىرى سۈرىيە بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىكەن. «بۇ ۋەقە ئاخىردا پۈتۈن ئوتتۇرا شەرقنى توقۇنۇشقا سۆرەپ كىرىشى مۇمكىن»دېدى، ئامېرىكىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى روبېرت جوردان كىشىنى خاتىرجەمسىزلەندۈرىدىغان ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ.
«سۈرىيە، ئىراق، يەمەن ۋە لىۋىيە قاتارلىق ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى ئىچكى ئۇرۇشنى نەزەرگە ئالغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئىران بۇ رايوندىكى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان توقۇنۇشقۇچىلارنى قوللايدۇ، شۇنىڭ بىلەن كەلگۈسىدە پۈتۈن ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ۋە ئەرەب دۇنياسىدا تېخىمۇ كۆپ توقۇنۇش يۈز بېرىشى، ھەتتا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلىشىشى سەۋەبلىك بۇ توقۇنۇش تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىشى مۇمكىن»دېدى، جوردان.
نۆۋەتتىكى قىزىپ ئۇچىغا چىققان «شام ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىش ۋەزىيەتىگە قارىتا، جوردانمۇ ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«بۇ خىل قالايمىقان ۋەزىيەت تېخىمۇ كۆپ ھوقۇق بوشلۇقى پەيدا قىلغاچقا، تېخىمۇ كۆپ مۆتىدىل قوراللىقلىرىنى مەشىق قىلدۇرۇش ۋە ئۇلارنى ئىشقا سېلىپ <شام ئىسلام دۆلىتى>گە قارشى تۇرۇش تىرىشچانلىقى يەنىمۇ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ. مېنىڭچە، بىز ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان ھەقىقىي رېئاللىق، بىزنىڭ بۇندىن بۇرۇنقى تىرىشچانلىقىمىزنى يوققا چىقىرىشى مۇمكىن»دېدى، جوردان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved