2-ماي ، مالايسىيانىڭ مۇۋەققەت قاتناش مىنىستىرى ھېسامىدىن (سولدىن بىرىنچى) ئاۋسترالىيە بىرلەشمە ماشلاستۇرۇش مەركىزىنىڭ باش ماسلاشتۇرغۇچىسى ئەنگاس خيۇستۇن (سولدىن ئىككىنچى) بىلەن بىللە مالايسىيا پايتەختى كۇئالالۇمپۇردا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى .
ئۇ : ‹‹ مەن يوقاپ كەتكەن MH370 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانىنى ئىزدەش خىزمىتى نورمال ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ ، دەپ قارايمەن ›› دېگەن ۋە ئۆزىنىڭ 4-ماي ئاۋسترالىيە كانبېرراغا بېرىپ ، مالايسىيا، ئاۋسترالىيە ۋە جۇڭگو ئۈچ تەرەپنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىپ ، قۇتقۇزۇش ئەسلىھەلىرىنى كۆپەيتىش ، ئائىلە تاۋابىئاتلارغا تەسەللىي بېرىش ، شۇنداقلا مۇتەخەسسىسلەر ۋە تېخنىكا ئىشلىرىنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان
ئەنگىلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ‹‹ئەلقائىدە ›› تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋىتى بار 11 نەپەر تېررورچى ، مالايشىيانىڭ MH370 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى يوقاپ كېتىش ۋەقەسىنى پىلانلاشقا قاتناشقان ، دېگەن گۇمان بىلەن ئالدىنقى ھەپتە ئايرىم-ئايرىم ھالدا مالايشىيا پايتەختى كۇئالالۇمپۇر ۋە كىدا ئوبلاستىدا قولغا ئېلىنىپ ، 2-ماي سوتلانغان .
ئېيتىشلارغا قارىغاندا ، بۇ جىنايەت گۇماندارلىرى زوراۋانلىق ، تېررورلۇققا مۇناسىۋەتلىك بىر يېڭى تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى بولۇپ ، ئىسلام دۆلەتلىرىدە پارتلىتىش ھۇجۇمى قوزغاشنى پىلانلاۋاتقان ئىكەن . ئۇلارنىڭ يېشى 22~55 كىچە بولۇپ ، ئارىسىدا ئوقۇغۇچى ، ۋاقىتلىق ئىشچى ، سودىگەر يەنە بىر ياش تۇل ئايالمۇ بار ئىكەن . ئۇلار تۇتۇلغاندىن كېيىن ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ۋە ئەنگىلىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئاخبارات 6-ئىدارىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا تەكشۈرۈش خادىملىرى مالايسىيانىڭ MH370 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى يوقاپ كېتىش ۋەقەسى ھەققىدە ئىچكىرىلەپ سوراق قىلىشنى تەلەپ قىلغان .
8-مارت ، مالايسىيانىڭ MH370 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى يوقاپ كەتكەندىن كېيىن ، مالايسىيا ھۆكۈمىتى بۇ ئايروپىلان ‹‹جەنۇبىي ھىندى ئوكيانغا چۈشۈپ كەتتى›› دەپ ئېلان قىلغان .
مالايسىيا ئالاھىدە ھەرىكەت باشقارمىسىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بۆلۈمىدىكى بىر ئەمەلدار: ‹‹بىر قىسىم تېررورچىلارنىڭ تۇتۇلۇشى مالايسىيا MH370 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى يوقاپ كېتىش ۋەقەسىنىڭ تېررورلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بەردى ، قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ئايروپىلان لىنىيەسىنى ئۆزگەرتىۋېتىش ئېھتىماللىقى يەنىلا چەتكە قېقىلغىنى يوق . خەلقئارا تەكشۈرۈش خادىملىرى بۇ يېڭى تەشكىلاتقا مۇناسىۋەتلىك ئۇنىۋېرسال دوكلات يېزىشنى تەلەپ قىلدى ›› دېگەن .
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ، سوراق جەريانىدا بىر قىسىم جىنايەت گۇماندارلىرى مالايسىيادا داۋاملىق تۈردە تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئىقرار قىلغان ، بىراق ، مالايشىيانىڭ MH370 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى يوقاپ كېتىش ۋەقەسىنى پىلانلاشقا قاتناشقانلىقىنى ئىنكار قىلغان .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved