مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق كۆرسەتتى: قىشتا ئادەم بەدىنىدىكى تېرە، مۇسكۇللار، بولۇپمۇ بويۇن ئومۇرتقا قىسمىنىڭ مۇسكۇللىرى بىلەن ئىچكى قىسىمدىكى قان تومۇرلار قىسقىرىپ، چوڭ مېڭىنى قان بىلەن يېتەرلىك تەمىنلىيەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنداقلا ھاۋانىڭ سوۋۇپ كېتىشىدىن قاننىڭ يېپىشقاقلىقى ئېشىپ، قان ئايلىنىش ئاستىلاپ كېتىدۇ، بۇ خىل ئۆزگىرىش يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بار، قاندىكى ياغ ماددىسى يۇقىرىلار، دىئابىت ئاغرىقلىرىدا تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. شۇڭلاشقا قىشتا ھاۋا سوۋۇپ كەتكەندە نۇرغۇن ئادەمدە بولۇپمۇ ياشانغانلاردا ئۆرۈلگەندە ياكى يانغا بۇرۇلۇپ قارىغاندا بېشى قايىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ.
بۇنداق چاغدا ئەتىگەن ۋە كەچتە قۇلاق ۋە بويۇننى ئۇۋۇلاپ، بويۇن مۇسكۇللىرىنى بوشىتىپ، بويۇن قان تومۇرلىرىنىڭ كېڭىيىشىنى، قاننىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ بېرىش كېرەك.
مۇتەخەسسىسلەر يەنە مېنىئېر كېسىلىنىڭ باش قېيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەب ئىكەنلىكىنى، ناۋادا قۇلاق غوڭۇلداش، ئاڭلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى تۇز ئىستېمالىغا دىققەت قىلىشنى، چۈنكى بۇ مېنىئېر كېسىلىنىڭ قايتا قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. شۇڭلاشقا مېنىئېر كېسىلى بولغانلارنىڭ ھەر كۈندىكى تۇز يېيىش مىقدارى ئىككى گرامدىن ئاز بولۇشتىن باشقا يەنە تۇزلانغان كۆكتات، تېتىمسۇ (جياڭيۇ) قاتارلىق تۇز مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىشى كېرەك ئىكەن.
مېنىئېر كېسىلى بولۇپ قالغاندا، پەقەت قۇلاق غوڭۇلداش ئالامىتى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، بولۇپمۇ تۆۋەن چاستوتىلىق ئۈزۈلۈشچان قۇلاق غوڭۇلداش ئالامىتى كۆرۈلىدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا ئاڭلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش ئالامىتىمۇ دەسلەپكى باسقۇچلاردىلا كۆرۈلىدىكەن. مېنىئېر كېسىلى ئېغىرلاشسا گاس بولۇپ قالىدىكەن.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved