2005-يىلى 1-ئاۋغۇست نېپالنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان تاۋا بازىرىدىكى ئىجتىمائىي ياردەم ئورنىدا ئېغىر دەرىجىدە ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەن بىر ياشلىق بوۋاقنىڭ ئاپىسىنىڭ كالپۇكىغا قويۇۋالغان قولى مۇخبىرنىڭ دىققىتىنى تارتتى
16-ئۆكتەبىر — دۇنيا ئاشلىق كۈنى . دۇنيا ئاشلىقىنى ئىشلەپچىقىرىش ، تەقسىملەش ۋە سېتىش يەر شارى خاراكتېرلىك ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي مەسىلە .
تېرىلغۇ يەر بايلىقىنىڭ كېمىيىشى ، كىلىمات ئاپەتلىرىنىڭ كۆپ يۈز بېرىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ زەربىسىدە دۇنيا ئاشلىق مەسىلىسى يەنىلا ناھايىتى ئېغىر بولماقتا ، ئاچارچىلىق ، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك يەنىلا ئىنسانىيەتنى قىينىماقتا .
ب د ت ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىغا قارىغاندا ، نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيادا يەنە 800 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇس ئاچلىق تەھدىتىگە ئۇچرىماقتا .
2011-يىلى 12-ماي ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى يەھۇدىيلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا ئەنئەنىۋى يەھۇدى دىنى مۇرتلىرى ئېتىزلىقتا بۇغداي ئورۇماقتا
2011-يىلى 16-ئاۋغۇست ھىندۇنېزىيەنىڭ جەنۇبىي سۇلاۋېسى ئۆلكىسىدىكى بىر ئوغۇل شال ئاقلاۋاتقان ئاپىسىنىڭ يېنىدا ئۇخلىماقتا
2012-يىلى 28-ئىيۇن سومالى پايتەختى مۇقدىشودا بىر بالا لاپاس سىرتىدا نەرسە يېمەكتە
2012-يىلى 16-ئۆكتەبىر كېنىيە پايتەختى نايروبىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئاشخانىسىدا ئوقۇغۇچىلار تاماق يېمەكتە
2009-يىلى 5-مارت بىرازىلىيەنىڭ غەربىدىكى ماتوگروسسو ئىشتاتىدا ئىشچىلار ماشىنا ئارقىلىق دادۇر يىغماقتا
2013-يىلى 6-ماي نېپال پايتەختى كاتماندۇدا بىر دېھقان بۇغداي سورۇماقتا
2014-يىلى 15-ئاپرېل ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ بوردادا سەرگەردان بولۇپ كەتكەن كىشىلەر ئۆچىرەت تۇرۇپ يېمەكلىك ئالماقتا
2009-يىلى 6-نويابىر ئىتالىيە مىلانونىڭ غەربىي شىمالىدىكى كەنتتە بىر دېھقان يېرىدىن چىققان ئاشلىقلارنى كۆرسەتمەكتە
2012-يىلى 5-يانۋار پاكىستان كاراچىدا 52 ياشلىق ئىشچى مورۇگ ئەھمەد سېى سىرتىدا چۈشلۈك تاماق يېمەكتە
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved