رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى خەۋىرىگە قارىغاندا ، رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ 11–نويابىردىكى نەقىل كەلتۈرۈپ ئېرىشكەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە ، جۇڭگو رەھبەرلىك قاتلىمى ‹‹ تىنچلىق ۋە ئىناقلىق ›› باش تېمىسىدا مۇنبەر بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىشنى پىلانلىغان بولۇپ ، مۇنبەرنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن ‹‹تالىبان›› ھەرىكىتى تەشكىلاتىنى سۆھبەتكە تەشكىللەشتىن ئىبارەت ئىكەن .
خەۋەردە دېيىلىشىچە ، جۇڭگو ، ئافغانىستان ، پاكىستان ۋەكىللىرى ۋە تالىبان رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتنىشىدىكەن. جۇڭگو تەرەپ ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا بۇ پىلاننى ئوتتۇرىغا قويغان .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved