BRT تۆتىنچى لىنىيەسى ۋە BRT ئالتىنچى لىنىيەسىدە 2015-يىل قۇرۇلۇش باشلىنىدىغان بولۇپ، BRT تۆتىنچى لىنىيەسىگە 27 بېكەت، BRT ئالتىنچى لىنىيەسىگە 23 بېكەت قۇرۇلىدىكەن.
10-فېۋرال ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈرى تەتقىقات مەركىزى ئىجتىمائىي باھالاش ئامما قاتنىشىش مۇھاكىمە يىغىنى ئاچتى. يىغىندا مەھەللىلەر، ئاھالىلەر، فۇنكسىيەلىك ئورۇنلار، تاراتقۇلار قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلاردىن كەلگەن 30 نەچچە ۋەكىل ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قاتناش ياخشىلاش تۈرى 2-قۇرۇلۇش لايىھەسىنى باھالىدى ۋە مۇھاكىمە قىلدى.
BRT تۆتىنچى لىنىيەسى شىمالدا ماشىنىسازلىق زاۋۇتىدىن باشلىنىپ، ئۈچتاش بېكىتىدە ئاخىرلىشىدىكەن، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 20.2 كىلومېتىر كېلىدىكەن، جەمئىي 27 بېكەت ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.
BRT ئالتىنچى لىنىيەسى شىمالدا مىچۈەن-كۆكتاغدىن باشلىنىپ، شىمالىي شەھەر ئەتراپى يولۇچىلار بېكىتىدە ئاخىرلىشىدىكەن، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 18.5 كىلومېتىر كېلىدىكەن، جەمئىي 23 بېكەت ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.
BRT تېز سۈرئەتلىك ئاممىۋى قاتناش سىستېمىسى پىلانىغا ئاساسەن، ئۈرۈمچى شەھىرىگە BRT لىنىيەسىدىن يەتتىسى قۇرۇلىدىكەن. نۆۋەتتە BRT بىرىنچى لىنىيەسى، ئىككىنچى لىنىيەسى، ئۈچىنچى لىنىيەسى، بەشىنچى لىنىيەسى، يەتتىنچى لىنىيەسىدە قاتناش باشلىنىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قاتناشتىكى ئالدىن تاللاش ئوبيېكتى بولۇپ قالغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved